107
بەشىنچى بۆلۈم •••• 107-كۈي •••• خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىڭلار!
ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار!
چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى!
پەرۋەردىگار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزغانلار،
ئۇ ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان خەلقى بۇنى داۋاملىق بايان قىلسۇن ــ
يەنى ئۇ شەرق بىلەن غەربتىن، شىمال بىلەن جەنۇبتىن،
ھەرقايسى يۇرتلاردىن يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن!
ئۇلار چۆل-باياۋاننى كېزىپ پىنھان يولدا ئاداشتى،
ئادەم ماكانلاشقان ھېچبىر شەھەرنى تاپالماستىن.
ئاچ ھەمدە ئۇسسۇز بولۇپ،
جېنى چىقاي دەپ قالدى.
ئاندىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى،
ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى.
ماكانلاشقۇدەك شەھەرگە يەتكۈچە،
ئۇ ئۇلارنى تۈز يولدا باشلىدى.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن!
ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن،
ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!
چۈنكى ئۇ چاڭقىغان كۆڭۈلنى قاندۇردى،
ئاچ قالغان جاننى ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولدۇردى.
10 زۈلمەتتە، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە ياشىغانلار،
تۆمۈر كىشەن سېلىنىپ، ئازاب چەككەنلەرنى بولسا،
11 (چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشىلىق قىلدى،
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى كەمسىتتى)
12 ــ ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى،
ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئۇلارغا ياردەمگە بىرسىمۇ يوق ئىدى.
13 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلدى،
ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى.
14 ئۇلارنى زۇلمەت ھەم ئۆلۈم سايىسىدىن چىقىرىپ،
ئۇلارنىڭ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى.
15 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن!
ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن،
ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!
16 مانا ئۇ مىس دەرۋازىلارنى پارە-پارە قىلىپ،
تۆمۈر تاقاقلارنى كېسىپ تاشلىدى.
17 ھاماقەتلەر ئۆز ئىتائەتسىزلىك يوللىرىدىن،
قەبىھلىكلىرىدىن ئازابلارغا ئۇچرايدۇ؛
18 كۆڭلىدە ھەرخىل ئوزۇق-تۈلۈكتىن بىزار بولۇپ،
ئۆلۈم دەرۋازىلىرىغا يېقىنلىشىدۇ.
19 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ،
ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ.
20 ئۇ سۆز-كالامىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ساقايتىدۇ،
ئۇلارنى زاۋاللىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.
21 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن!
ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن،
ئادەم بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!
22 قۇربانلىق سۈپىتىدە تەشەككۈرلەر ئېيتسۇن،
ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى تەنتەنىلىك ناخشىلار بىلەن بايان قىلسۇن!
  
23 كېمىلەردە دېڭىزغا چۈشۈپ قاتنىغۇچىلار،
ئۇلۇغ سۇلاردا تىرىكچىلىك قىلغۇچىلار،
24 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىشلىرىغا گۇۋاھچىدۇر،
چوڭقۇر ئوكياندا كۆرسەتكەن كارامەتلەرنى كۆرگۈچىدۇر.
25 چۈنكى ئۇ بىر سۆز بىلەنلا شىددەتلىك شامالنى چىقىرىپ،
دولقۇنلىرىنى ئۆركەشلىتىدۇ؛
26 كېمىچىلەر ئاسمان-پەلەك ئۆرلەيدۇ،
سۇلارنىڭ تەھتىلىرىگە چۈشىدۇ،
دەھشەتتىن ئۇلارنىڭ جېنى ئېرىپ كېتىدۇ.
27 ئۇلار مەست ئادەمدەك ئەلەڭ-سەلەڭ ئىرغاڭلايدۇ،
ھەرقانداق ئەقىل-چارىسى تۈگەيدۇ؛
28 ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ،
ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ.
29 ئۇ بوراننى تىنچىتىدۇ،
سۇ دولقۇنلىرىمۇ جىم بولىدۇ.
30 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىنچلىقىدىن شادلىنىدۇ؛
ئۇ ئۇلارنى تەشنا بولغان ئارامگاھىغا يېتەكلەپ بارىدۇ.
31 ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن!
ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن،
ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن!
32 ئۇلار خەلقنىڭ جامائىتىدىمۇ ئۇنى ئۇلۇغلىسۇن،
ئاقساقاللار مەجلىسىدە ئۇنى مەدھىيىلىسۇن.
33 ئۇ دەريالارنى چۆلگە،
بۇلاقلارنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ.
34 ئاھالىسىنىڭ يامانلىقى تۈپەيلىدىن،
ھوسۇللۇق يەرنى شورلۇق قىلىدۇ.
35 ئۇ يەنە چۆل-باياۋاننى كۆلگە،
چاڭقاق يەرنى بۇلاقلارغا ئايلاندۇرىدۇ؛
36 ئاچلارنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇپ،
ئۇلار ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەرنى بەرپا قىلىدۇ؛
37 ئۇلار ئېتىزلارنى ھەيدەپ-تېرىپ، ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ؛
بۇلار ھوسۇل-مەھسۇلاتنى مول بېرىدۇ.
38 ئۇ پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەرىكەت بېرىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى خېلىلا ئېشىپ بارىدۇ،
ئۇ ئۇلارنىڭ مال-ۋارانلىرىنى ھېچ ئازايتمايدۇ.
39 ئۇلار يەنە جەبىر-زۇلۇم، بالا-قازا ھەم دەرد-ئەلەمگە يولۇقۇپ،
سانى ئازىيىپ، پۈكۈلىدۇ.
40 ئۇ ئېسىلزادىلەر ئۈستىگە كەمسىتىشلىرىنى تۆكىدۇ،
يولسىز دەشت-سەھرادا ئۇلارنى سەرگەردان قىلىدۇ؛
41 لېكىن مىسكىن ئادەمنى جەبىر-زۇلۇمدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ساقلايدۇ،
ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ.
42 بۇنى كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛
پاسىقلارنىڭ ئاغزى ئېتىلىدۇ.
43 كىمكى دانا بولسا، بۇلارنى بايقىسۇن،
پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقەتلىرىنى چۈشەنسۇن!
 
 
107:1 زەب. 106‏:1؛ 118‏:1؛ 136‏:1 107:3 «... ئۇ... شىمال بىلەن جەنۇبتىن... يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «جەنۇبتىن» دېگەننىڭ ئورنىدا «دېڭىزدىن» دېيىلىدۇ؛ يەنى «ئۇ... شىمال بىلەن دېڭىزدىن... يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن!» دېيىلىىدۇ (ئىبرانىي تىلىدا ئىككى سۆزنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس، يەنى «يامى» بىلەن «يامىن»). 107:22 «قۇربانلىق سۈپىتىدە تەشەككۈرلەر ئېيتسۇن،...» ــ ياكى «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى ئاتىسۇن،...». «تەشەككۈر قۇربانلىقى» مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بېكىتكەن ئالتە خىل قۇربانلىقلاردىن بىرى. 107:22 لاۋ. 7‏:12؛ زەب. 50‏:14 107:23 ۋەھ. 18‏:17 107:35 يەش. 41‏:18 107:41 1سام. 2‏:8؛ زەب. 113‏:7، 8 107:42 ئايۇپ 5‏:16؛ 22‏:19