108
108-كۈي •••• خۇدانىڭ غەلىبىسىگە بولغان تەشنا-تىلاۋەت
داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ
 
ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛
مەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ،
بەرھەق، سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن!
ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان!
مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن!
خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن!
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغتۇر؛
ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى.
ئى خۇدا، شان-شۆھرىتىڭ ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغاي،
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
ئۆز سۆيگەنلىرىڭنىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن،
ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن،
دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن.
خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ
«مەن تەنتەنە قىلىمەن،
مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن،
سۇككوت ۋادىسىنى تەقسىم قىلىشقا ئۆلچەيمەن.
گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر،
ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛
ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر،
يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛
موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛
ئېدومغا چورۇغۇمنى تاشلايمەن؛
مەن فىلىستىيە ئۈستىدىن تەنتەنە قىلىمەن!».
10 كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟
كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟
11 ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟
قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟
12 بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن،
چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر!
13 خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛
بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر!
 
 
108:1 «داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ....» ــ ئوقۇرمەنلەر كۆرەلەيدۇكى، بۇ كۈينىڭ ئايەتلىرى 57-كۈيدىكى 7-11-ئايەتلەر، 60-كۈيدىكى 5-12-ئايەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتلەرنىڭ ئىزاھاتلىرى مۇشۇ كۈيگىمۇ تەۋە، ئەلۋەتتە. «...سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن!» ــ «روھىم» مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدىكى «مېنىڭ شەرىپىم»نىڭ تەرجىمىسى. 108:4 زەب. 36‏:5؛ 57‏:10 108:8 «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى قوغدىغۇچىدۇر». «يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەھۇدا مېنىڭ شاھانە ھاسامدۇر». 108:9 «موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇم» ــ بەلكىم موئابنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن مەينەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن» ــ ئاياغ كىيىمنى مەلۇم يەر ئۈستىگە تاشلاش ئاشۇ يەرگە ئىگە بولغانلىقنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن؛ ياكى بولمىسا، ئېدومنىڭ ئۆز ئىگىسىنىڭ ئاياغلىرىنى ئېلىپ يىغىشتۇرىدىغان قۇلدەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. «فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!» ــ داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە فىلىستىيە داۋۇتقا، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇپ، بەختلىك ھاياتقا ئىگە بولغان («2سام.» 1:8نى، شۇنداقا «يار.» 1:12-3نىمي كۆرۈڭ). 108:11 زەب. 60‏:1-3