118
118-كۈي •••• «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!»
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛
ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر!
ئىسرائىل: « ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
ھارۇن جەمەتى: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛
ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى.
پەرۋەردىگار مەن تەرەپتىدۇر، مەن قورقمايمەن؛
ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
پەرۋەردىگار ماڭا ياردەم قىلغۇچىلار ئارىسىدا بولۇپ، مېنىڭ تەرىپىمدىدۇر؛
ئۆچمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىمەن.
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش،
ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش،
ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر.
10 بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛
بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛  
11 ئۇلار مېنى قورشىۋالدى؛ بەرھەق، قورشىۋالدى؛
بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛
12 ئۇلار ھەرىلەردەك مېنى قورشىۋالدى؛
ئۇلار يېقىلغان يانتاق ئوتىدەك تېزلا ئۆچۈرۈلىدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن.
13 سەن دۈشمەن مېنى زەرب بىلەن ئىتتەردىڭ،
يىقىلغىلى تاس قالدىم؛
بىراق پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولدى.
14 كۈچۈم ۋە ناخشام بولسا ياھدۇر؛
ئۇ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدى!
15 ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا شادلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تەنتەنىلىرى ياڭرىتىلماقتا؛
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا!
16 پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن!
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا!
17 مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن،
ياھنىڭ قىلغانلىرىنى جاكارلايمەن.
18 پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ،
بىراق ئۇ مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرمىدى.
19 ھەققانىيەت دەرۋازىلىرىنى ماڭا ئېچىپ بېرىڭلار؛
مەن كىرىمەن، ياھنى مەدھىيىلەيمەن.
20 بۇ پەرۋەردىگارنىڭ دەرۋازىسىدۇر؛
ھەققانىيلار بۇنىڭدىن كىرىدۇ!
21 مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب قايتۇردۇڭ،
ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدۇڭ.
22 تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا،
بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى.  
23 بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر،
بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بولدى.
24 بۇ پەرۋەردىگار ياراتقان كۈندۇر؛
بىز ئۇنىڭدا شادلىنىپ خۇرسەن بولىمىز.
25 قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەن؛
سەندىن ئۆتۈنىمەن، بىزنى ياشناتقايسەن!  
26 پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!
بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ساڭا «مۇبارەك!» دەپ توۋلىدۇق.
27 پەرۋەردىگار تەڭرىدۇر؛
ئۇ ئۈستىمىزگە نۇر بەرگەن؛
ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار،
ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار.
28 سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن،
مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
مېنىڭ خۇدايىم، مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن.
29 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار؛
چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛
ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر!
 
 
118:6 رىم. 8‏:31 118:8 زەب. 62‏:8، 9؛ 146‏:3؛ يەر. 17‏:5، 7 118:10 «بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛...» ــ بۇ كۈيدىكى 10-29-ئايەتلەر كىمنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەر ئىنجىل، «ماتتا»، «ماركۇس» ھەم «لۇقا» قىسمىلىرىدىكى ئاخىرقى نەچچە بابلاردىن كۆرەلەيدۇ. 118:10 زەب. 18‏:43، 47، 48؛ يەش. 11‏:1-10؛ رىم. 15‏:12 118:16 لۇقا 1‏:51 118:19 يەش. 26‏:2 118:22 «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» ــ «مات.» 42:20نى كۆرۈڭ. 118:22 يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ مار. 12‏:10؛ لۇقا 20‏:17؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ ئ‍ەف. 2‏:20؛ 1پېت. 2‏:4، 7 118:23 يەش. 29‏:14 118:25 «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھوشاننا!» دېگەن سۆز. «مات.»، 9:21نى كۆرۈڭ. 118:25 مات. 21‏:9، 15؛ مار. 11‏:9، 10؛ يـۇھ. 12‏:13 118:27 «ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار، ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھنىڭ تۆت بۈرجىكىنىڭ ھەربىرىگە بىر «مۈڭگۈز» (ئىلمەك) بېكىتىلگەن. «مۇقەددەس چېدىر»نى كۆرسىتىدىغان سخېمىلارنى كۆرۈڭ.