119
119-كۈي •••• خۇدانىڭ سۆز-كالامى گۆھەردۇر! •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي ــــ 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
|א| (ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار،
پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر!  
ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار،
ئۇنى چىن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەر،
ھېچبىر ھەقسىزلىقنى قىلمىغانلار بەختلىكتۇر!
ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدۇ.
كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن،
ئۆزۈڭ ئۇلارنى بېكىتكەنسەن.
ئاھ، يوللىرىمنىڭ يۆنىلىشى بەلگىلىمىلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا بېكىتىلگەي!
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئەتىۋارلىسام،
مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
سېنىڭ ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگىنىپ،
دۇرۇس كۆڭۈلدىن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى چوقۇم تۇتىمەن؛
مېنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەيسەن!
|ב| (بەت) ياش بىر يىگىت قانداق قىلىپ ئۆز يولىنى پاك تۇتالايدۇ؟
سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىش بىلەنلا.
10 پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەن سېنى ئىزدىدىم؛
مېنى ئەمرلىرىڭدىن ئاداشتۇرمىغايسەن؛
11 گۇناھ قىلىپ ساڭا قارشى چىقماسلىقىم ئۈچۈن،
سۆزۈڭنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈۋالدىم.
12 مۇبارەكدۇرسەن پەرۋەردىگار،
ماڭا ئۆز بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
13 لەۋلىرىم بىلەن مەن بايان قىلىمەن،
ئاغزىڭدىكى بارلىق ھۆكۈملىرىڭنى.
14 تۈرلۈك بايلىقلاردىن شادلانغاندەك،
ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگەشكەن يولدا شادلاندىم.
15 مەن كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛
ئىزلىرىڭغا قاراپ ئويلىنىمەن.
16 بەلگىلىمىلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن؛
سۆز-كالامىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
17 |ג| (گىمەل) قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ياشايمەن،
كالامىڭغا بويسۇنىمەن.
18 تەۋرات-قانۇنۇڭدىن كارامەت سىرلارنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن،
كۆزلىرىمنى ئاچقايسەن!
19 مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىرمەن؛
ئەمرلىرىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن.
20 ھۆكۈملىرىڭگە ھەرقاچان ئىنتىزار بولۇپ،
يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتەي دەپ قالدى.
21 سەن لەنەتكە بۇيرۇلغان تەكەببۇرلارغا تەنبىھ بېرىسەن،
ئۇلار ئەمرلىرىڭدىن ئادىشىپ كېتىدۇ.
22 مەندىن ئاھانەت ھەم مەسخىرىنى يىراققا كەتكۈزگەيسەن؛
چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
23 ئەمىرلەر ئولتۇرۇپ يامان گېپىمنى قىلىشماقتا؛
سېنىڭ قۇلۇڭ بولسا بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلايدۇ.
24 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىم،
مېنىڭ مەسلىھەتچىلىرىمدۇر.
25 |ד| (دالەت) مېنىڭ جېنىم تۇپراققا يېپىشقان؛
سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى يېڭىلاندۇرغايسەن.
26 ئۆز يوللىرىمنى ئالدىڭدا ئوچۇق بايان قىلدىم،
سەن ماڭا جاۋاب بەردىڭ؛
ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
27 مېنى كۆرسەتمىلىرىڭنىڭ يولىنى چۈشىنىدىغان قىلغايسەن،
ئاندىن مەن كارامەتلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
28 جېنىم قايغۇ بىلەن ئېرىپ كېتىدۇ؛
سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى كۈچلەندۈرگەيسەن.
29 مەندىن ئالدامچى يولنى نېرى قىلغايسەن؛
شەپقەت قىلىپ ماڭا تەۋرات-قانۇنۇڭنى بېغىشلىغايسەن؛
30 مەن ھەقىقەت-ساداقەت يولىنى تاللىۋالدىم؛
ھۆكۈملىرىڭنى ئالدىمدا قويدۇم.
31 ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى چىڭ تۇتىمەن؛
پەرۋەردىگار، مېنى ئۇياتقا قالدۇرمىغايسەن.
32 سەن مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ-ئازادە قىلىشىڭ بىلەن،
ئەمرلىرىڭ يولىغا ئەگىشىپ يۈگۈرىمەن.
33 |ה| (خې) ئى پەرۋەردىگار، بەلگىلىمىلىرىڭنىڭ يولىنى ماڭا ئايان قىلغايسەن؛
مەن ئۇنى ئاخىرغىچە تۇتىمەن.
34 مېنى يورۇتقايسەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتىمەن،
شۇنداقلا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن.
35 مېنى ئەمرلىرىڭنىڭ يولىدا ماڭىدىغان قىلغايسەن؛
چۈنكى ئۇلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن.
36 مېنىڭ قەلبىمنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئەمەس،
بەلكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا مايىل قىلغايسەن.
37 كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛
مېنى يولۇڭدا جانلاندۇرغايسەن؛
38 سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛
شۇنىڭ بىلەن خەقلەر سەندىن ئەيمىنىدۇ.
39 مەن قورققان شەرمەندىلىكنى نېرى كەتكۈزگەيسەن؛
چۈنكى سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئەلادۇر.
40 مانا، مەن كۆرسەتمىلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم؛
ئۆز ھەققانىيىتىڭدە مېنى جانلاندۇرغايسەن؛
41 |ו|: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛
ۋەدەڭ بويىچە نىجاتلىقىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛
42 شۇندا مەندە مېنى مەسخىرە قىلغۇچىغا بەرگۈدەك جاۋاب بولىدۇ؛
چۈنكى سۆزۈڭگە تايىنىمەن.
43 ۋە ئاغزىمدىن ھەقىقەتنىڭ سۆزىنى ئېلىپ تاشلىمىغايسەن؛
چۈنكى ھۆكۈملىرىڭگە ئۈمىد باغلىدىم؛
44 شۇندا مەن سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھەر قاچان تۇتىمەن،
بەرھەق، ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇتىمەن؛
45 شۇندا مەن ئازادىلىكتە ماڭىمەن؛
چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدىدىم.
46 شۇندا مەن پادىشاھلار ئالدىدا ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيمەن،
بۇ ئىشلاردا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
47 ۋە ئەمرلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن،
چۈنكى ئۇلارنى سۆيۈپ كەلدىم؛
48 مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن،
ۋە بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
49 |ז| (زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى،
يەنى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان كالامىڭنى ئەسلىگەيسەن.
50 ئۇ بولسا دەردىمگە بولغان تەسەللىدۇر؛
چۈنكى سۆز-ۋەدەڭ مېنى جانلاندۇردى.
51 تەكەببۇرلار ئەشەددىي ھاقارەتلىگىنى بىلەن،
لېكىن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم.
52 قەدىمدە بېكىتىلگەن ھۆكۈملىرىڭنى يادىمغا كەلتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار،
شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.
53 تەۋرات-قانۇنۇڭنى تاشلىۋەتكەن رەزىللەر ۋەجىدىن،
ئوتلۇق غەزەپ مەندە قايناپ تاشتى.
54 مۇساپىر بولۇپ تۇرغان جايىمدا،
كۆرسەتمىلىرىڭ مېنىڭ ناخشىلىرىم بولدى.
55 كېچىدە، ئى پەرۋەردىگار، نامىڭنى ئەسلەپ يۈردۇم،
تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتۇپ كەلدىم.
56 مەن بۇنىڭغا نېسىپ بولدۇم،
چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭكە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
57 |ח| (خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
«سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم.
58 مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم؛
ۋەدەڭ بويىچە ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.
59 مەن يوللىرىڭ ئۈستىدە ئويلاندىم،
ئاياغلىرىمنى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا قارىتىپ بۇرىدىم.
60 مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم،
سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا.
61 رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن،
مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھېچ ئۇنتۇمىدىم.
62 ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن،
تۈن كېچىدە تەشەككۈر ئېيتقىلى قوپىمەن.
63 مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ،
كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن.
64 جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛
ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
65 |ט| (تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار،
ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن.
66 ماڭا ئوبدان پەرق ئېتىشنى ۋە بىلىمنى ئۆگەتكەيسەن؛
چۈنكى مەن ئەمرلىرىڭگە ئىشەندىم.
67 مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان،
بىراق ھازىر سۆزۈڭنى تۇتىمەن.
68 سەن مېھرىباندۇرسەن، مېھرىبانلىق قىلىسەن،
ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
69 تەكەببۇرلار ماڭا قارا چاپلاشتى؛
بىراق كۆرسەتمىلىرىڭگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىتائەت قىلىمەن.
70 ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى؛
بىراق مەن بولسام تەۋرات-قانۇنۇڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن.
71 ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى،
شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم.
72 مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم،
مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر.
73 |י| (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛
مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن.
74 سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛
چۈنكى مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم.
75 ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى،
ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن.
76 ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە،
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن.
77 مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن،
رەھىمدىللىقلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛
چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.
78 تەكەببۇرلار خىجالەتتە قالسۇن؛
چۈنكى ئۇلار ماڭا يالغانچىلىق بىلەن تەتۈرلۈك قىلغان؛
مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
79 سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەلسۇن؛
ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولسۇن.
80 كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛
شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
81 |כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛
مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
82 كۆزۈم سۆز-ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى،
«سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ.
83 چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم،
بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
84 قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟
ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟
85 تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛
بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛
86 سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛
ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛
ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
87 ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛
بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم.
88 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن،
ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
89 |ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار،
سۆز-كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر.
90 سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر؛
سەن يەر-زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
91 سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛
چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر.
92 سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا،
ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم.
93 مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛
چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛
94 مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم.
95 رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛
بىراق مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى كۆڭلۈمدە تۇتۇپ ئويلايمەن.
96 مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛
بىراق سېنىڭ ئەمر-كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر!
97 |מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر!
كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر.
98 ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا،
مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛
99 بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن،
چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر.
100 مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن،
چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
101 سۆز-كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن،
ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم.
102 ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛
چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن.
103 سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ!
ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر!
104 كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛
شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
105 |נ| (نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ،
يولۇمغا نۇردۇر.
106 قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى،
مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن.
107 زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛
سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
108 قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى،
ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
109 جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن،
بىراق تەۋرات-قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن.
110 رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛
بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم.
111 ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛
چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.
112 مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە ئەمەل قىلىشقا،
يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم.
113 |ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛
سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر.
114 سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛
سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
115 مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن،
مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار!
116 ياشىشىم ئۈچۈن،
ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛
ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن.
117 مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان-ئېسەن يۈرىمەن؛
ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن.
118 بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر.
119 سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛
شۇڭا مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن.
120 ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛
ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن.
121 |ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛
مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛
122 ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛
تەكەببۇرلارغا مېنى ئەزگۈزمىگەيسەن.
123 كۆزۈم نىجاتلىقىڭغا تەشنا بولۇپ،
ھەم ھەققانىيىتىڭ توغرۇلۇق ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دەپ قالدى؛
124 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قۇلۇڭغا مۇئامىلە قىلغايسەن؛
بەلگىلىمىلىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن.
125 مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛
ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلىپ يېتىشىم ئۈچۈن مېنى يورۇتقايسەن.
126 پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى!
چۈنكى ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
127 شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن،
ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن؛
128 شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛
بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
129 |פ| (پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛
شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ.
130 سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛
نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ.
131 ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم،
چۈنكى ئەمرلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم.
132 نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە،
جامالىڭنى مەن تەرەپكە قارىتىپ شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.
133 قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛
ئۈستۈمگە ھېچ قەبىھلىكنى ھۆكۈم سۈرگۈزمىگەيسەن.
134 مېنى ئىنساننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن،
شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىمەن.
135 جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛
ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
136 كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ،
چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ.
137 |צ| (تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر.
138 سەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى ھەققانىيلىقتا بۇيرۇغان؛
ئۇلار تولىمۇ ئىشەنچلىكتۇر!
139 ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ،
چۈنكى مېنى خار قىلغۇچىلار سۆزلىرىڭگە پىسەنت قىلمايدۇ.
140 سۆزۈڭ تولۇق سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛
شۇڭا قۇلۇڭ ئۇنى سۆيىدۇ.
141 مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن،
بىراق كۆرسەتمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
142 سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر،
تەۋرات-قانۇنۇڭ ھەقىقەتتۇر.
143 پېشكەللىك ۋە ئازاب ماڭا چىرمىشىۋالدى؛
بىراق ئەمرلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكلىرىمدۇر.
144 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدىيدۇر؛
ياشىغىن دەپ، مېنى يورۇتقايسەن.
145 |ק| (كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛
ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛
مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن.
146 مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛
مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
147 مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛
سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
148 ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن،
تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ.
149 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛
ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
150 قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى،
ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭدىن يىراقتۇر.
151 ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛
بارلىق ئەمرلىرىڭ ھەقىقەتتۇر.
152 ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ئۆگەندىمكى،
ئۇلارنى مەڭگۈگە ئىناۋەتلىك قىلغانسەن.
153 |ר| (رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛
چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم.
154 مېنىڭ دەۋايىمنى سورىغايسەن، ھەمجەمەت بولۇپ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
ۋەدەڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
155 نىجاتلىق رەزىللەردىن يىراقتۇر؛
چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىڭنى ئىزدىمەيدۇ.
156 رەھىمدىللىقلىرىڭ كۆپتۇر، ئى پەرۋەردىگار؛
ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
157 ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ھەم مېنى خار قىلغۇچىلار كۆپتۇر؛
بىراق ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم.
158 مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم،
چۈنكى ئۇلار سۆزۈڭنى تۇتمايدۇ.
159 سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى شۇنچە سۆيگەنلىكىمنى كۆرگەيسەن؛
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار.
160 سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛
سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر.
161 |ש| (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛
بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ.
162 بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك،
ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن.
163 ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛
سۆيگىنىم تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر.
164 ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ تۈپەيلىدىن،
كۈندە يەتتە قېتىم سېنى مەدھىيىلەيمەن.
165 تەۋراتىڭنى سۆيگەنلەرنىڭ زور خاتىرجەملىكى بار؛
ھېچ نەرسە ئۇلارنى پۇتلىيالماس.
166 مەن نىجاتلىقىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتتۈم، ئى پەرۋەردىگار،
ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ.
167 جېنىم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىدۇ،
ئۇلارنى ئىنتايىن سۆيىمەن.
168 بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ،
كۆرسەتمىلىرىڭ ھەم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
169 |ח| (تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛
كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن.
170 يېلىنىشىم ئالدىڭغا كەلسۇن؛
ۋەدەڭ بويىچە مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن.
171 ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن،
لەۋلىرىمدىن مەدھىيىلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ.
172 تىلىم سۆزۈڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ،
چۈنكى ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىيدۇر.
173 قولۇڭ ماڭا ياردەمگە تەييار بولسۇن؛
چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى تاللىۋالدىم.
174 مەن نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كەلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛
سېنىڭ تەۋراتىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.
175 جېنىم ياشىسۇن، ئۇ سېنى مەدھىيىلەيدۇ،
سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ماڭا ياردەم قىلسۇن.
176 مەن يولدىن ئاداشقان قويدەك تەمتىرەپ قالدىم؛
قۇلۇڭنى ئىزدىگەيسەن؛
چۈنكى ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق.
 
 
119:1 « א (ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار، پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر!» ــ بۇ 119-كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەر سەككىز ئايەت بىر گۇرۇپپا بولىدۇ. ھەربىر گۇرۇپپىدىكى سەككىز ئايەت ئوخشاش ھەرب بىلەن باشلىنىدۇ، ھەربىر گۇرۇپپا (جەمئىي 22 گۇرۇپپا) ئىبرانىي تىلىنىڭ ئېلىپبەلىك تەرتىپى بويىچە يېڭى بىر ھەرپ بىلەن باشلىنىدۇ. «پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر!» ــ «تەۋرات» (توراھ) دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلى بولۇپ، ئەسلىدە «يوليورۇق»، «تەربىيە» دېگەن مەنىدە، بۇ يەردە: «قانۇن»، «تەلىم»، «خۇدا بەرگەن بارلىق كىتابلار» دېگەن ئومۇمىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» «مىسىردىن چىقىش» «لاۋىيلىقلار» «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» ھەم «قانۇن شەرھى» دېگەن ئالدىنقى بەش قىسىمنى كۆرسىتىدۇ. 119:1 زەب. 1‏:1 119:17 زەب. 103‏:2؛ 116‏:7 119:19 يار. 47‏:9؛ 1تار. 29‏:15؛ زەب. 39‏:12؛ ئىبر. 11‏:13 119:24 زەب. 43‏:3؛ 112‏:1؛ 119‏:35، 47، 77، 174؛ 119:26 زەب. 25‏:4؛ 27‏:11؛ 86‏:11 119:38 «سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەقلەر سەندىن ئەيمىنىدۇ» ــ باشقا بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار، جۈملىدىن: «سېنىڭ ئەيمىنىشىڭگە بېرىلگەن قۇلۇڭ ئۈچۈن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن». 119:41 « ו: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار....» ــ مۇشۇ سەككىز ئايەت (41-48-ئايەت) ھەممىسى ئىبرانىي تىلىدا: «ۋاۋ» بىلەن باشلىنىدۇ؛ ئۇيغۇر تىلىدىكى «ۋە» مۇشۇ «ۋاۋ»دىن (ئەرەب تىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن) كەلگەن. 119:48 «مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن» ــ ياكى «مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ كۆتۈرىمەن». 119:55 زەب. 16‏:7؛ 42‏:8 119:57 «ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «مېنىڭ نېسىۋەم، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر، ــ دېدىم». 119:58 «مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم» ــ ياكى «مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىلتىپاتىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم». 119:70 «ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى» ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىڭ قەلبى مايلىق بولۇپ كەتتى» دەپ ئېلىنغان. 119:72 زەب. 19‏:10 119:73 ئايۇپ 10‏:9؛ زەب. 139‏:13-16 119:75 «سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ... بىلىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقتۇر ... دەپ بىلىمەن». 119:90 توپ. 1‏:4 119:91 «سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ» ــ «بۇلار» بولسا 89-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە 90-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان يەر-زېمىن بولسا كېرەك. 119:101 «ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم» ــ «تارتتىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «باغلىدىم» ياكى «چۈشەكلىدىم». 119:103 زەب. 19‏:10؛ پەند. 8‏:11 119:106 نەھ. 10‏:30 119:108 «ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلار» ــ «خالىس قۇربانلىق» مۇسا پەيغەمبەر ئالاھىدە بەلگىلىگەن بىرخىل قۇربانلىق ئىدى. بىراق بۇ يەردە بۇ ئىبارە پەقەت كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن. 119:113 «ئالا كۆڭۈللەر» ــ ياكى «ئەستايىدىل ئەمەسلەر». 119:130 زەب. 19‏:7 119:135 زەب. 4‏:6 119:140 2سام. 22‏:31؛ زەب. 12‏:6؛ 18‏:30؛ پەند. 30‏:5 119:147 زەب. 5‏:3؛ 88‏:13؛ 130‏:6 119:148 زەب. 57‏:8؛ 63‏:1، 6 119:158 «مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم» ــ ياكى «مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ ئازابلاندىم». 119:160 «سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر» ــ بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر جۈملە. تولۇق، ئەتراپلىق ھەقىقەتنى پەقەت مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئايەتتىنلا بىلگىلى بولمايدۇ، بەلكى كۆپ ئايەتلەرنىڭ يىغىندىسى ئارقىلىقلا («مۇجەسسەملىگەندە») ئاندىن «تولۇق ھەقىقەت» ياكى «ھەر تەرەپلىك ھەقىقەت» چىقىدۇ. 119:176 يەش. 53‏:6؛ لۇقا 15‏:4-7