128
128-كۈي •••• خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشىنىڭ بەختلىكى
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار،
ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرى بەختلىكتۇر!
چۈنكى سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ئەجرىنى يەيسەن؛
بەختلىك بولىسەن، روناق تاپىسەن؛
ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛
بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛
مانا، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشى شۇنداق بەختنى كۆرىدۇ.
پەرۋەردىگار ساڭا زىئون تېغىدىن بەخت ئاتا قىلغاي؛
سەن ئۆمرۈڭ بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرگەيسەن؛
پەرزەنتلىرىڭنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرگەيسەن؛
ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق بولغاي!