129
129-كۈي •••• ئۇزۇن داۋام قىلغان جاپا-مۇشەققەتنى ئەسلەش
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
«ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ
ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ
«ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى،
بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس.
قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن،
چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان».
پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛
ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛
ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن،
زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى!
ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛
ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛
ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛
باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛
ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛
پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.
 
 
129:6 ئايۇپ 8‏:12؛ 40‏:10 129:8 «ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.» ــ دېمەك، مۇشۇ كۈيدىكى 4- ھەم 5-ئايەتنىڭ مەنىسى: رەزىل كىشىلەردىن ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ياخشىلىق ياكى بەخت-خۇشاللىق كەلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيدۇ.