130
130-كۈي •••• ئازابلىق پەرياد
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
2 ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛
قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛
3 ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ،
ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟ ◘
4 بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛
شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ. ◘
5 پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛
جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛
ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. ◘
6 تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،
بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،
جېنىم رەبگە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە. ◘
7 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛
ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛
8 ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ.
 
 
◘ 130:3 زەب. 143‏:2 ◘ 130:4 2سام. 24‏:14 ◘ 130:5 زەب. 27‏:14؛ 40‏:1؛ 62‏:1؛ ھاب. 2‏:3 ◘ 130:6 زەب. 5‏:3؛ 119‏:147؛ 123‏:1، 2