131
131-كۈي •••• كەمتەرلىككە ئىنتىلىش
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس،
نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛
مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ،
ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛
بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك،
ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛
كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر.
ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛
ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە!
 
 
131:1 2تار. 32‏:25؛ زەب. 101‏:4-5؛ پەند. 6‏:17؛ 16‏:5