142
142-كۈي •••• يار-يۆلەكسىزلىكتىكى دۇئا
داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ
 
مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛
ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛
ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن.
روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا،
شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛
مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى.
ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛
ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛
پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛
ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ.
مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛
ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن،
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم.
مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛
مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.
سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن،
جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛
ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛
چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن.
 
 
142:1 «داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ....» ــ داۋۇت پەيغەمبەر سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئىككى قېتىم غاردا يوشۇرۇنغان ۋاقتىدىكى ۋەقەلەر «تەۋرات، «1سام.» 22- ھەم 24-بابتا يېزلىغان. 142:3 زەب. 77‏:3 142:5 زەب. 16‏:5 142:6 زەب. 41‏:2؛ 79‏:8؛ 116‏:6