143
143-كۈي •••• روھىم تۈگىشەي دەپ قالدى!
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛
يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
2 ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛
چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ. ◘
3 چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا،
ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛
مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك،
قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
4 شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛
ئىچىمدە قەلبىم سۇندى.
5 مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛
سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛
قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن. ◘
6 قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛
جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.
سېلاھ.
7 ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛
دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛
بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن.
8 مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛
چۈنكى تايانغىنىم سەن؛
مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛
چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ ◘
9 مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛
باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن.
10 ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمغا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛
چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛
سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛ ◼
11 ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن.
12 ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛
جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛
چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن. ◘
 
 
◘ 143:2 رىم. 3، 4؛ گال. 3، 4 ◘ 143:5 زەب. 77‏:5-12 ◘ 143:8 زەب. 25‏:1 ◼ 143:10 «...مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي» ــ ياكى «... مېنى تۈز كۆڭۈللەرنىڭ زېمىنىدا يېتەكلىگەي»، «... مېنى دىيانەتلىك زېمىندا يېتەكلىگەي». ◘ 143:12 زەب. 86‏:14-16؛ 116‏:16