149
149-كۈي •••• قىيامەت كۈنىدىكى غەلىبە ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار!
1 ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛
مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار!
2 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانغاي؛
زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! ◘
3 ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىگەي؛
ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتقاي! ◘
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛
ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛
5 ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي،
ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي! ◼
6 ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولغاي،
قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلغاي؛ ◘
7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس،
خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛
8 ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن،
ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ ◘
9 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ
ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ!
ھەمدۇسانا! ◘
 
 
◘ 149:2 زەب. 100‏:3 ◘ 149:3 زەب. 81‏:2-4 ◼ 149:5 «ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!» ــ «ورۇنلىرىدا يېتىش» بەلكىم: ــ (1) يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، زىياپەتلەردە مېھمانلار ئۈچۈن كۆرپىلەر سېلىنىپ، مېھمانلار يېنىچىلاپ يېتىپ داستىخاندىن ئالىدۇ؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە خۇشاللىق زىياپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) مۆمىن بەندىلەر شۇنچە خۇشال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئۇخلىيالمايدۇ؛ (3) ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن شادلىنىشى كېرەك. ◘ 149:6 2تېـس. 2‏:8؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 1‏:16 ◘ 149:8 مات. 18‏:18 ◘ 149:9 قان. 4‏:6