150
150-كۈي •••• ئاخىرىدا ــ پەقەت ھەمدۇسانا!
ھەمدۇسانا!
تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛
قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛
غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
ئۇنى جاراڭلىق چاڭلار ھەم ياڭراق چاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛
بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىسۇن!
ھەمدۇسانا!
150:1 يەش. 6‏:3