19
19-كۈي •••• ئالەم ھەم تەۋرات خۇدانىڭ شەرىپىدۇر!
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئەرشلەر تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ،
ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قولى ياسىغانلىرىنى نامايان قىلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛
كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ.
تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى ئالەمگە ئاڭلانماقتا.
ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا؛
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يەتمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇدا قۇياش ئۈچۈن چېدىر تىككەن،  
قۇياش ھۇجرىسىدىن تويغا چىققان يىگىتتەك چىقىدۇ،
بەيگىگە چۈشىدىغان پالۋاندەك شادلىنىدۇ؛
ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن ئۆرلەيدۇ،
جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە چۆرگىلەيدۇ،
ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچقانداق مەخلۇقات يوشۇرۇنالمايدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر،
ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛
پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ،
ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ.  
پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس،
ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛
پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر،
ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛
پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر،
ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر.
10 ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛
ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛
11 ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛
ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر.
12 كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى بىلىپ يېتەلىسۇن؟
مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن ساقىت قىلغايسەن؛
13 ئۆز قۇل-چاكارىڭنى باشباشتاق گۇناھلاردىن تارتقايسەن؛
بۇ گۇناھلارنى ماڭا خوجايىن قىلدۇرمىغايسەن؛
شۇنىڭ بىلەن مەن قۇسۇرسىز بولىمەن،
ئېغىر گۇناھتىن خالىي بولغايمەن.
14 ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم،
ئاغزىمدىكى سۆزلەر، قەلبىمدىكى ئويلىنىشلار نەزىرىڭدە مەقبۇل بولغاي!
 
 
19:2 «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ» ــ «ئۇلار» ئەرشلەر ۋە ئاسمان گۈمبىزىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ» ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «كۈن باشقا بىر كۈنگە گەپلىرىنى تۆكىدۇ، كېچە باشقا بىر كېچىگە سۆز قىلماقتا». 19:3 «تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى ئالەمگە ئاڭلانماقتا» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئالەمدە ھەرقانداق بىر تىل ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ». 19:4 «ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا» ــ بۇ «ئۆلچەم تانىسى» بەلكىم ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر-ئويلىرىنى ئۆلچىگۈچى بولۇشى مۇمكىن. 19:4 رىم. 10‏:18 19:5 توپ. 1‏:5 19:7 «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر» ــ «تەۋرات-قانۇن» تووغرۇلۇق: «تەۋرات» (توراھ) ئىبرانىي تىلى بولۇپ، مۇشۇ يەردە «قانۇن، تەلىم، يوليورۇق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. «تەۋرات قانۇنى» دېگەن ئىبارە ئادەتتە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن تەۋراتتىكى «يارىتىلىش»، «مىسىردىن چىقىش»، «لاۋىيلار» «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر» ھەم «قانۇن شەرھى» دېگەن ئالدىنقى بەش قىسىمنىڭ قانۇن-پەرمانلىق مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ. 19:7 2سام. 22‏:31؛ زەب. 18‏:30 19:8 «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر» ــ ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى روشەندۇر» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى پاكتۇر». 19:10 زەب. 119‏:72،103،127؛ پەند. 8‏:11 19:14 «ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم» ــ «ھەمجەمەت-نىجاتكار» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق: ــ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. بىرسى كەمبەغەل بولۇپ، ئۆزىنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن بولسا ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ مال-مۈلۈكىنى ساتقان بولسا، مۇسا پەيغەمبەر تاپشۇرۇۋالغان قانۇنغا ئاساسەن، مۇشۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەمجەمەتلىرى بۇ كىشىنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. دېمەك، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» ئۆز قېرىندىشىنى ھۆر قىلماقچى بولسا، ئۇنى قۇتقۇزالايتتى. ھوقۇقنى ئىشلىتىش «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. بىرسى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقىنىغا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» بولۇپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ھېچكىم ئۇنى توسالمايتتى. شۇڭا پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن پات-پات دەل مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆز بەندىسىگە ياكى خەلقىگە «ھەمجەمەت»لىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ «گوئېل»ى، يەنى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»سى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشى ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن، ئەلۋەتتە!