20
20-كۈي •••• ئىسرائىل خەلقى خۇدا مەسىھ قىلغان پادىشاھنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي!
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!
ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي،
زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛
بارلىق «ئاشلىق ھەدىيە»لىرىڭنى ياد قىلغاي،
كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي!
سېلاھ!
كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي،
كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي.
بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز،
خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛
پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛
مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.
ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛
مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.
بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا،
بەزىلەر ئاتلارغا تايىنىدۇ؛
بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛
ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛
بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز.
ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛
نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!

 
 
20:1 «ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!» ــ «ياقۇپنىڭ خۇداسى» دېگەن مۇشۇ ئىبارىدە «ياقۇپ» ھەم ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئۆزىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن چىققان ئىسرائىل خەلقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 20:6 «پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنى» ــ يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى؛ مۇشۇ يەردە داۋۇتنى كۆرسىتىدۇ. بىراق شۈبھىسىزكى، بۇ كۈي بىر بېشارەت بولۇپ، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. 20:9 «ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئى پەرۋەردىگار، غەلبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن! بىز نىدا قىلغان كۈندە پادىشاھ بىزگە جاۋاب بەرگەي!»