29
29-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسى
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر، ئى قۇدرەتلىك بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى،
پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر! ◼  ◘
2 پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شانۇ-شەۋكەت بەرگەيسىلەر؛
پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار!
3 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان تەڭرى گۈلدۈرمامىلارنى ياڭرىتىدۇ؛
پەرۋەردىگار بۈيۈك دېڭىزلار ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ. ◘
4 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛
5 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كېدىر دەرەخلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ؛
بەرھەق، پەرۋەردىگار لىۋاندىكى كېدىرلارنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ.
6 ئۇ ئۇلارنى موزاي ئويناقلاۋاتقاندەك ئويناقلىتىدۇ؛
ياۋا كالىنىڭ بالىسى ئويناقلاۋاتقاندەك، ئۇ لىۋان ۋە سىرىئون تېغىنى ئويناقلىتىدۇ. ◼
7 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ؛ ◼
8 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛
پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛ ◼
9 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ،
ئورمانلىقلارنى يالىڭاچلايدۇ؛
ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا بولغان ھەممىسى «شانۇ-شەۋكەت!» دەپ تەنتەنە قىلىدۇ. ◼
10 پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ؛
بەرھەق، پەرۋەردىگار مەڭگۈگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. ◼
11 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە قۇدرەتنى بەخش ئېتىدۇ؛
ئۆز خەلقىنى ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن بەرىكەتلەيدۇ.
 
 
◼ 29:1 «پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر،... پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر!» ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەنىسى چوقۇم شۇكى، خۇدانىڭ خەلقى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغاچقا، شۇنداقلا مەدھىيە ئوقۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى (شۇنداقلا ئۆز شان-شەرىپىنى) كۆرسىتىشىگە شارائىت بېرىدۇ. ◘ 29:1 زەب. 96‏:7، 8 ◘ 29:3 مىس. 9‏:23 ◼ 29:6 «سىرىئون تېغى» ــ لىۋاننىڭ ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى، يەنە بىر نامى «ھەرمون». ◼ 29:7 «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ئوت يالقۇنلىرىنى يىرتىۋېتىدۇ». بىراق ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە قارىغاندا، چاقماقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ◼ 29:8 «پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ» ــ «لىۋان تاغلىرى» (6-ئايەت) ــ قانائان (پەلەستىن)نىڭ شىمال تەرىپى، «قەدەشتىكى چۆل-جەزىرە» ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپى. ◼ 29:9 «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ماراللارغا ئوغلاقلارنى تۇغدۇرغۇزىدۇ». ◼ 29:10 «پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ» ــ «توپان» بەلكىم نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى توپاننى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە بولۇپ، دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.