30
30-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ كېرىلىپ كەتكەنلىكىنى جازالاپ، ئاندىن ساقايتىشى
مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاشنى تەبرىكلەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
مەن سېنى ئالىي دەپ ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار،
چۈنكى سەن مېنى پەستىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ،
دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن خۇشاللاندۇرمىدىڭ.
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم،
سەن مېنى ساقايتتىڭ.
ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ،
ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ.
پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىڭلار، ئى ئۇنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى،
ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار.
چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى دەقىقىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ،
شاپائىتى بولسا ئۆمۈرۋايەت بولىدۇ؛
يىغا-زار كېچىچە قونۇپ قالسىمۇ،
خۇشاللىق تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ كېلىدۇ.
مەن بولسام ئۆز راھەت-پاراغىتىمدە: «مەڭگۈگە تەۋرەنمەي مۇقىم تۇرىمەن» ــ دېدىم.
پەرۋەردىگار، شاپائىتىڭ بىلەن، مېنىڭ تېغىمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغانىدىڭ؛
ئەمما سەن دىدارىڭنى قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ؛
مەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم؛
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛
مەن سەن رەبكە ئىلتىجا قىلدىم: ــ
ــ مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟
توپا-چاڭ سېنى مەدھىيىلەمدۇ؟ ئۇ ھەقىقىتىڭنى جاكارلىيالامدۇ؟
10 ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەمدە بولغايسەن!
11 سەن ماتەم قايغۇسىنى ئۇسسۇل ئويناشلارغا ئايلاندۇردۇڭ؛
ھازىلىق بۆز كىيىمىمنى سالدۇرىۋېتىپ،
ماڭا خۇشاللىقنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدىڭ؛
12 شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي،
ساڭا كۈيلەر ئوقۇسۇن!
ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، ساڭا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن!
 
 
30:4 زەب. 97‏:12 30:9 «مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟» ــ داۋۇتنىڭ كېسىلى (2- ھەم 3-ئايەتنى كۆرۈڭ) بەلكىم بىر يارىدىن بولغانمۇ، ياكى ئۆزىنىڭ قاناش كېسىلى بارمىدى؟ 30:12 «شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي،...» ــ «روھىم» بۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.