36
36-كۈي •••• گۇناھكار ئىنسان ۋە خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
رەزىل ئادەمنىڭ ئاسىيلىقى مېنىڭ قەلبىمدە بىر بېشارەتنى پەيدا قىلىدۇ: ــ
«ئۇنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر!».
چۈنكى ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختايدۇكى،
ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ.
ئاغزىدىكى سۆزلەر قەبىھلىك ۋە ھىيلىگەرلىكتۇر؛
پەزىلەتلىك ئىش قىلىش پاراسىتىدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن مەھرۇمدۇر.
ئۇ ئورنىدا ياتقاندىمۇ گۇناھنى كۆزلەيدۇ؛
ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا مېڭىشنى ئىرادە قىلىدۇ؛
يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە تاقىشىدۇ؛
ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ بۇلۇتلارغا يېتىدۇ!
ھەققانىيلىقىڭ بۈيۈك تاغلاردەك،
ھۆكۈملىرىڭ تىلسىماتلىق چوڭقۇر دېڭىزلاردەكتۇر.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىدۇرسەن؛
سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا!
شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ.
ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول داستىخاندىن تويغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ؛
سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن.
چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛
نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز.
10 ئاھ، ئۆزۈڭنى تونۇپ، بىلگەنلەرگە مۇھەببىتىڭنى،
كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ ھەققانىيلىقىڭنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغايسەن.
11 تەكەببۇرلارنىڭ پۇتىنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمىغايسەن؛
رەزىللەرنىڭ قولى مېنى ئورنۇمدىن قوغلىۋەتمىسۇن؛
12 مانا، يامانلىق قىلغۇچىلار يىقىلدى!
غۇلىتىۋېتىلدى، ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدۇ!
 
 
36:1 «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ، داۋۇتنىڭ كۈيى». 36:2 «ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ» ــ بەلكىم ئۇ ئۆزىنى ئالدىماقچى بولۇپ: «مېنىڭ گۇناھىم ئانچە ئېغىر ئەمەس»، دېمەكچى. تولۇق ئايەتنىڭ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ يىرگىنچلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆز ئۆزىنى ماختايدۇ». 36:5 زەب. 57‏:10؛ 108‏:4