37
37-كۈي •••• ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ تەقدىرى •••• «ئېلىپبە تەرتىپلىك» كۈي
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
|א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە،
ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما.
چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ،
يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ.
|ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل،
زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان.
«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن،
ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ.
|ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛
ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىدۇ.
|ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك،
ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ.
|ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛
ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن،
يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە.
|ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت،
ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛
ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛
پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا،
زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
10 |ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛
ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ.
11 بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ،
ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
12 |ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛
ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛
13 لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛
چۈنكى رەب ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ.
14 |ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن،
يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن،
رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ،
ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى.
15 لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ،
ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.
16 |ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»،
كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.
17 چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛
لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛
18 |י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ.
19 ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛
قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.
20 |כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛
پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛
ئۇلار تۈگەيدۇ؛
ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ.
21 |ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛
ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛
22 چۈنكى پەرۋەردىگار رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،
بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛
23 |מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛
رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
24 ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ.
25 |נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى،
ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛
26 ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ.
27 |ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار،
مەڭگۈ ياشايسىلەر!
28 چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ،
ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛
ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛
|ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
29 ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ،
ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ.
30 |פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛
ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛
31 قەلبىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ؛
ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس.  
32 |צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛
ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.
33 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛
ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ.
34 |ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت،
ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛
ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ،
رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا،
سەن بۇنى كۆرىسەن.
35 |ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم،
ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان.
36 بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى،
مانا، ئۇ يوق بولدى؛
مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ.
37 |ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال،
دۇرۇس ئىنسانغا قارا!
چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ.
38 ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛
ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛
39 |ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛
ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر.
40 پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛
ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛
چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ.
 
 
37:1 پەند. 23‏:17؛ 24‏:1 37:3 «ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋاپالىق-سادىقلىققا ئىنتىلگىن». 37:5 زەب. 22‏:9-10؛ 55‏:22؛ پەند. 16‏:3؛ مات. 6‏:25؛ لۇقا 12‏:22؛ 1پېت. 5‏:7 37:11 مات. 5‏:5 37:20 سس باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار قوزىلارنىڭ يېغىدەك كۆيۈپ كېتىدۇ». 37:23 «رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ» ــ ياكى: «ئۇ (مەردانە كىشى) ئۇنىڭ (يەنى، رەبنىڭ) يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ». 37:31 «قەلبىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەلبىدە خۇداسىنىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ». 37:31 زەب. 40‏:8؛ يەش. 51‏:7 37:35 «مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان» ــ دېمەك، رەزىل ئادەم زومىگەرلىك يولى بىلەن سىرتىدىن قارىغاندا چىرايلىق چوڭ بىر دەرەختەك باراقسان بولىدۇ.