42
ئىككىنچى بۆلۈم •••• 42-كۈي •••• خۇداغا تەشنا بولغان مۇساپىرنىڭ دۇئاسى
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ
 
كېيىك ئېرىقلاردىكى سۇغا تەشنا بولغاندەك،
جېنىم ساڭا تەشنادۇر، ئى خۇدا.

مېنىڭ جېنىم خۇداغا، ھايات تەڭرىگە ئىنتىزاردۇر؛
ئاھ، مەن قاچانمۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كۆرۈنۈشكە مۈيەسسەر بولىمەن؟
مېنىڭ كېچە-كۈندۈز يېگىنىم كۆز ياشلىرىم بولۇپ كەلگەن؛
خەقلەر كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» دەپ سورايدۇ.
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ،
جېنىمنىڭ دەردلىرىنى تۆكۈۋاتىمەن
(مەن كۆپچىلىك بىلەن كېتىۋېتىپ،
خۇدانىڭ ئۆيىگە تەنتەنە قىلىپ مېڭىپ،
خۇشاللىقتا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ناخشا ئېيتىپ،
ھېيتنى تەبرىكلىگەن توپ-توپ قوشۇندەك، جامائەت بىلەن بىللە باراتتىم!).
ــ ئى جېنىم، سەن تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟
نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟
خۇداغا ئۈمىد باغلا؛
چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىقتىن،
مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، ــ مېنىڭ خۇدايىمنى!
جېنىم ئىچىمدە مەيۈسلىنىپ كەتتى؛
شۇڭا مەن سېنى سېغىنىمەن؛
ھەتتا مۇساپىرلىقتا ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى ۋادىلاردا،
ھەرمون تاغلىرىدا، مىزار تېغىدىمۇ سېنى سېغىنىمەن.
سېنىڭ شارقىراتمىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرىغا،
چوڭقۇر ھاڭ بىلەن چوڭقۇر ھاڭ ماسلىشىپ ھۆركىرىمەكتە.
سېنىڭ ھەممە دولقۇنلىرىڭ ھەم قاينام-تاشقىنلىرىڭ مېنى غەرق قىلدى.
كۈندۈزى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ماڭا بۇيرۇيدۇ،
كېچىلىرى ئۇنىڭ ناخشىسى،
ۋە ھەم ھاياتىم بولغان تەڭرىگە قىلغان دۇئا ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
مەن قورام تېشىم بولغان خۇداغا: ــ
«مېنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالدىڭ؟
مەن نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ،
ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن.
10 سۆڭەكلىرىمنى ئەزگەندەك رەقىبلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ ئەيىبلەيدۇ؛
ئۇلار كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» ــ دەپ سورىماقتا.
11 ئى جېنىم، تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟
نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟
خۇداغا ئۈمىد باغلا؛
چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن،
يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!
ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر!
 
 
42:1 «كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»» ــ «كوراھ» مۇسا ۋە ھارۇن پەيغەمبەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن كىشى. بىراق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خۇدانىڭ يولىدا ماڭاتتى. ئۇلار بەلكىم «كاھىن» (قۇربانلىق قىلغۇچى) بولۇپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئىبادەت خىزمىتىدە زەبۇردىكى يېقىملىق مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ كۈيدىن قارىغاندا، يازغۇچى ئىسرائىلنىڭ شىمالىي پادىشاھلىقىدىكى لىۋان دېگەن خىلۋەت تاغلىق رايونىغا سۈرگۈن قىلىنغان. «ماسقىل» ــ «ماسقىل»نىڭ مەنىسى بىزگە نامەلۇم؛ بەزى ئالىملار ئۇنى «تەربىيىلىك» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنى بەزىلەر ئۇنى «ماھىرلىق بىلەن ئېيتىلسۇن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. 42:2 زەب. 63‏:1-2 42:3 زەب. 80‏:5 42:5 زەب. 43‏:5 42:9 زەب. 35‏:11-17؛ 38‏:6؛ 43‏:2