43
43-كۈي •••• سەرگەرداننىڭ دۇئاسى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن،
دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛
مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. ◼
2 چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛
نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟
نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ،
ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. ◘
3 ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن،
ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي!
مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا،
ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! ◼
4 شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي،
يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛
بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم!
5 ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟
نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟
خۇداغا ئۈمىد باغلا!
چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن،
يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! ◼  ◘
 
 
◼ 43:1 «ئىزاھات» ــ كۆپ ئالىملار 42- ھەم 43-كۈي ئەسلىدە بىر كۈي ئىدى، دەپ قارايدۇ. ◘ 43:2 زەب. 35‏:11-17؛ 38‏:6؛ 42‏:10 ◼ 43:3 «ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماكانلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەي!». ◼ 43:5 «چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىق بىلەن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، مېنىڭ خۇدايىم!». ◘ 43:5 زەب. 42‏:5،11