44
44-كۈي •••• مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى مۇناجات
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ
 
ئى خۇدا، ئۆز قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق،
ئاتىلىرىمىز بىزگە بايان قىلىپ،
ئۆز كۈنلىرىدە، يەنى قەدىمكى زامانلاردا سېنىڭ قىلغان زور ئىشلىرىڭنى ئۇقتۇرغانىدى؛
سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ،
ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇردۇڭ؛
يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتىڭ.  
بەرھەق، بوۋىلىرىمىز زېمىننى ئۆز قىلىچى بىلەن ئالغىنى يوق،
ئۆز بىلىكى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغىنىمۇ يوق؛
بۇ بەلكى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، سېنىڭ بىلىكىڭ ۋە جامالىڭنىڭ نۇرىنىڭ قىلغىنىدۇر؛
چۈنكى سەن ئۇلاردىن خۇرسەنلىك تاپتىڭ.
سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ پادىشاھىمدۇرسەن، ئى خۇدا،
سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن.
سەن ئارقىلىق بىز رەقىبلىرىمىزنى ھەيدىۋېتىمىز؛
نامىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى چەيلەيمىز؛
چۈنكى ئۆز ئوقيايىمغا تايانمايمەن،
قىلىچىممۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ.
چۈنكى سەن بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قۇتقۇزدۇڭ،
بىزگە ئۆچ بولغانلارنى يەرگە قاراتتىڭ.
خۇدانى كۈن بويى ئىپتىخارلىنىپ ماختايمىز؛
نامىڭنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيمىز.
سېلاھ!
بىراق سەن ھازىر بىزنى تاشلاۋېتىپ ئاھانەتكە قالدۇردۇڭ؛
قوشۇنلىرىمىز بىلەن جەڭگە بىللە چىقمايسەن.
10 سەن رەقىبلىرىمىز ئالدىدا بىزنى چېكىندۈردۈڭ؛
بىزنى ئۆچمەنلەرگە خالىغانچە تالان-تاراج قىلدۇردۇڭ.
11 سويۇشقا تاپشۇرۇلغان قويلاردەك، بىزنى ئۇلارغا تاپشۇردۇڭ،
ئەللەر ئارىسىغا بىزنى تارقىتىۋەتتىڭ.
12 سەن ئۆز خەلقىڭنى بىكارغا سېتىۋەتتىڭ،
ئۇنىڭ قىممىتىدىن ئۆزۈڭ ھېچ بېيىپ كەتمىدىڭ؛
13 سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛
ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاھانەت، زاڭلىق ئوبيېكتى قىلدىڭسەن.
14 سەن بىزنى ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدۇڭسەن،
يات قوۋملار بىزگە باش چايقىشىپ قاراشماقتا.
15‏-16 مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن،
دۈشمەنلەر ۋە ئۆچ ئالغۇچىلار تۈپەيلىدىن،
كۈن بويى ئۇياتىم ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،
يۈزۈمنىڭ نومۇسى مېنى چىرمىۋالدى.
17 مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا چۈشتى؛
بىراق بىز سېنى ئۇنتۇمىدۇق،
ياكى ئەھدەڭگە ھېچ ئاسىيلىق قىلمىدۇق؛
18 قەلبىمىز ھېچ يانمىدى، ساڭا ساداقەتسىزلىك قىلمىدۇق،
قەدەملىرىمىز يولۇڭدىن ھېچ ئېزىپ كەتمىدى.
19 بىراق سەن بىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىدا ئەزدىڭ،
بىزگە ئۆلۈم سايىسىنى چاپلاشتۇردۇڭ.
20 ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق،
ياكى يات بىر ئىلاھقا قول كۆتۈرگەن بولساق،
21 خۇدا سەن چوقۇم بۇنى سۈرۈشتە قىلماس ئىدىڭمۇ،
قەلبتىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغان تۇرساڭ؟
22 بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛
بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلار كەبى ھېسابلانماقتىمىز.
23 ئويغان، ئى رەب! نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟
ئورنۇڭدىن تۇر، بىزنى مەڭگۈگە تاشلاۋەتمىگەيسەن!
24 نېمىشقا يۈزۈڭنى بىزدىن يوشۇرىسەن؟
نېمىشقا كۈلپەتلىرىمىزگە، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىمىزغا پىسەنت قىلمايسەن؟
25 قارىغىنا، جېنىمىز تۇپراقتا بېغىرلاپ يۈرىدۇ؛
تېنىمىز يەرگە چاپلاشتى؛
26 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بىزگە ياردەمدە بولغايسەن!
ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ سەۋەبىدىن،
بىزلەرنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن!
 
 
44:2 «يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى (دېمەك، يات ئەللەرنى) تارقىتىۋەتتىڭ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈردۇڭ، بىراق ئۇلارنى (دېمەك، ئۆز خەلقىڭنى) روناق تاپقۇزدۇڭ». 44:2 مىس. 15‏:17؛ زەب. 80‏:8-9 44:4 «سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن» ــ بۇ يەردە «ياقۇپ» ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 44:9 زەب. 60‏:3؛ 74‏:1؛ 89‏:38-39؛ 108‏:11 44:13 زەب. 79‏:4؛ 80‏:6؛ يەر. 24‏:9 44:22 رىم. 8‏:36