57
57-كۈي •••• ئېغىر كۈنلەردىكى ئېتىقاد
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ
ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،
ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،
چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى.
مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن.   
خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا،
ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛
ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛
ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛
سېلاھ؛
خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ!
جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛
مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن!
ئادەم بالىلىرى ــ
ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر،
ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر!
ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛
جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛
ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى،
لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛
مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ،
بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن!
ئويغان، ئى روھىم!
ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان!
مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن!
مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛
ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن!
10 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛
ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى.
11 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
 
 
57:1 «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى» ــ «مىختام» 16-كۈيدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» 24-بابتا بايان قىلىنىدۇ. 57:1 1سام. 22‏:1؛ 24‏:4 57:5 زەب. 108‏:5 57:6 زەب. 7‏:15-16؛ 9‏:16 57:7 زەب. 108‏:1-5 57:8 «ئويغان، ئى روھىم!» ــ بۇ ئايەتتىكى «روھىم» ئىبرانىي تىلىدىكى «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. «نەغمە-سازلىرىم!» ئىبرانىي تىلىدا «لىرا (راۋابدەك بىر ساز) ۋە چىلتار»نى بىلدۈرىدۇ. 57:9 زەب. 18‏:49؛ 22‏:22؛ 108‏:3 57:10 زەب. 36‏:5-6؛ 108‏:4