58
58-كۈي •••• زالىم ھۆكۈمرانلارنى خۇدا جازالىغاي!
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ
 
ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟
ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟ ◼
2 ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلەردە يامانلىق تەييارلايسىلەر؛
يەر يۈزىدە ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىدىغان زوراۋانلىقنى ئۆلچەۋاتىسىلەر.
3 رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛
ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ.
4 ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدۇر؛
ئۇلار ئۆز قۇلىقىنى پۈتۈك قىلغان گاس كوبرا يىلاندەك، ◘
5 مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ،
ئۇ نەي ئاۋازىغا قەتئىي قۇلاق سالمايدۇ. ◼
6 ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن!
مۇشۇ ياش شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار!
7 ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛
ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا،
ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي!
8 قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك،
ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛
ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك،
ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن!
9 قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە،
(مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن)
ئۇ ئۇلارنى توزۇتۇۋېتىدۇ. ◼
10 ھەققانىي ئادەم خۇدانىڭ ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛
ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ.
11 شۇڭا ئادەملەر: «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛
دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ.
 
 
◼ 58:1 «سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئادالەت زۇۋانسىز بولۇپ قالدىمۇ؟ نېمىشقا سۆزلىمەيسىلەر؟». بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىرنەچچە تەرجىمىلەر بار. بەلكىم سۈرگۈن بولغان داۋۇتنىڭ كۆزدە تۇتقىنى (ئەسلى ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان) ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭ دەۋاسىنى سائۇل پادىشاھ ئالدىدا سۆزلىمىگىنى. ◘ 58:4 زەب. 140‏:3 ◼ 58:5 «مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ» ــ «يىلانچى»: چېلىپ يىلانلارنى ئوينىتىدىغان كىشى. ◼ 58:9 «قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) ئۇ ئۇلارنى توزۇتۇۋېتىدۇ» ــ تولۇق ئايەتنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بۇ تەرجىمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.