60
60-كۈي •••• مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى دۇئا
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گۇۋاھلىق نىلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ
(داۋۇت ئارام-ناھارائىم ۋە ئارام-زوباھدىكى سۇرىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئۇنىڭ سەردارى بولغان يوئاب جەڭگە قايتا بېرىپ، «شور ۋادىسى»دا ئېدومدىكىلەردىن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قىلىچلىغان چاغدا يېزىلغان)
 
ئى خۇدا، سەن بىزنى چەتكە قاقتىڭ؛
بىزنى پارە-پارە قىلىۋەتتىڭ،
سەن بىزدىن رەنجىدىڭ؛
ئەمدى بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغىن!  
سەن زېمىننى تەۋرىتىپ يېرىۋەتكەنىدىڭ؛
ئەمدى ئۇنىڭ بۆسۈكلىرىنى ساقايتقايسەن؛
چۈنكى ئۇ دەلدەڭشىپ كەتتى!
سەن ئۆز خەلقىڭگە كۈلپەت-خارلىقلارنى كۆرگۈزدۈڭ؛
سەن بىزگە ئالاقزادىلىكنىڭ شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ.
سەن ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تۇغ تىكلەپ بەرگەنسەن؛
ئۇ ھەقىقەتنى ئايان قىلىشقا كۆتۈرۈلىدۇ.
(سېلاھ).
ئۆز سۆيگەنلىرىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن،
ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن،
دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن.
خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ
«مەن تەنتەنە قىلىمەن،
مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن،
سۇككوت ۋادىسىنى تەقسىم قىلىشقا ئۆلچەيمەن.
گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر،
ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛
ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر،
يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛
موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛
ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن؛
فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!»
 
كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟
10 ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟
قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟
11 بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن،
چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر!
12 خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛
بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر!
 
 
60:1 «داۋۇت ئارام-ناھارائىم ۋە ئارام-زوباھدىكى سۇرىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئۇنىڭ سەردارى بولغان يوئاب جەڭگە قايتا بېرىپ، «شور ۋادىسى»دا ئېدومدىكىلەردىن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قىلىچلىغان چاغدا يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقە تەۋرات، «2سام.» 8-بابتا بايان قىلىنىدۇ. 60:1 2سام. 8‏:3 ،13؛ 1تار. 18‏:3، 12؛ زەب. 44‏:9-10؛ 74‏:1؛ 108‏:11؛ 144‏:10 60:4 «سەن ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تۇغ تىكلەپ بەرگەنسەن؛ ئۇ ھەقىقەتنى ئايان قىلىشقا كۆتۈرۈلىدۇ» ــ تولۇق ئايەتنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار. ئايەتتىكى ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. 60:5 زەب. 108‏:6-13 60:6 «خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن...» ــ ياكى «خۇدا ئۆز مۇقەددەس جايىدا شۇنداق دېگەن...» «مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى (تەقسىم قىلىشقا) ئۆلچەيمەن» ــ خۇدانىڭ مۇشۇ سۆزلىرى بەلكىم يەشۇئا پەيغەمبەر ئارقىلىق، قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى ئىسرائىللارغا بۆلۈپ-بۆلۈپ تەقسىم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 60:7 «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى قوغدىغۇچىدۇر». «يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەھۇدا مېنىڭ شاھانە ھاسامدۇر». 60:8 «موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇم» ــ بەلكىم موئابنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن مەينەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن» ــ ئاياغ كىيىمنى مەلۇم يەر ئۈستىگە تاشلاش ئاشۇ يەرگە ئىگە بولغانلىقنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن؛ ياكى بولمىسا، ئېدومنىڭ ئۆز ئىگىسىنىڭ ئاياغلىرىنى ئېلىپ يىغىشتۇرىدىغان قۇلدەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. «فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!» ــ داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە فىلىستىيە داۋۇتقا، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇپ، بەختلىك ھاياتقا ئىگە بولغان («2سام.» 8:1نى، شۇنداقا «يار.» 1:12-3نىمي كۆرۈڭ).