61
61-كۈي •••• «مەندىن يۇقىرى قورام تاش»
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛
دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن!
يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ،
يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە،
مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: ــ
سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن!
چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ،
دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن.
مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛
قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن.
سېلاھ.
چۈنكى سەن، ئى خۇدا، قەسەملىرىمنى ئاڭلىدىڭ؛
ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراسنى ماڭىمۇ بەردىڭسەن.
پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛
ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ.
ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
ئۇنى ئامان ساقلاشقا مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى بېكىتىپ تەمىنلىگەيسەن؛
شۇنىڭ بىلەن ئالدىڭدا ئىچكەن قەسەملىرىمگە ھەر كۈنى ئەمەل قىلىمەن؛
مەن نامىڭنى مەڭگۈ كۈيلەيمەن!
 
 
61:2 «مەندىن يۇقىرى قورام تاش» ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «مەندىن يۇقىرى» دېگەن ئىبارە بەلكىم داۋۇتنىڭ گەرچە پادىشاھ بولسىمۇ، «ئۆزۈمنى ناھايىتى ئۈستۈن، قابىلەتلىك ئادەم ھېسابلىمايمەن، ھەردائىم خۇدادىن يول سورىشىم كېرەك» دېگەندەك، ھەممىمىزنى كىچىك پېئىللىق بولۇشقا، ئۈندەيدۇ. 61:5 «ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراس...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نامىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراس...». 61:6 «پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ» ــ داۋۇت ئۆزى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈرگەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ بۇ يەردە ئۆز ئەۋلادى بولىدىغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ.