76
76-كۈي •••• پەرۋەردىگار ئەللەردىن ھېساب ئالىدۇ
1 بۇ ئاساف يازغان كوي بولۇپ, تارلىق سازىلار تەڭقىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان: ــ
يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛
ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر.
2 ئۇنىڭ پاناھ جايى سالېمدىدۇر،
زىئون تېغىدا ماكانى باردۇر. ◼
3 شۇ يەردە سۇندۇردى ئۇ دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى،
چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنى.
سېلاھ.
4 شەرىپىڭ نەقەدەر ئەلادۇر، ئوۋ-ئولجاغا باي تاگلاردىنمۇ ھەيۋىتىڭ زوردۇر!◼
5 دۈشمەن باتۇرلار بۇلاندى؛
ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتكەن سەۋەب: ــ
پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى.
6 سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى،
جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى.
7 قورقۇنچقا تېگىشلىك كېرەكتۇر سېندىلنا، پەقەت سەنىڭلا؛
قايسى ئىنسان تىك تۇرالىسۇن غەزىپىڭنىڭ ئالدىڭدا؟
8‏-9 يەر-زېمىن بارچە ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزماق بولۇپ،
سەن خۇدا سوراق-ھۆكۇم جاكاردا ئاسماندىن تۇرساڭ،
باسار يەرنى ۋەھىم، سۈكۈت-قورقۇنچ.
سېلاھ.
10 چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛
قەمەر قەبى باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى. ◼
11 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛
سوۋغا بەرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇنچى كېرەك بولغۇچىغا؛
12 ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرار؛
ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىك بولار.
 
 
◼ 76:2 «ئۇنىڭ پاناھ جايى سالېمدىدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئۇۋىسى سالېمدا». بۇ سۆز بەلكىم خۇدانى شىرغا ئوشىتىدۇ. تەۋراتتىكى «ھوشىيا» دېگەن قىسىمدا خۇدا «يەھۇدانىڭ شىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. «سالېم» ــ «يېرۇسالېم»نىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى. ◼ 76:4 «ئوۋ-ئولجا تاغلىرى» ــ بەلكىم توپ-توپ دۆۋىلەنگەن ئوۋ-ئولجىلارنى كۆرسىتىدۇ. ◼ 76:10 «ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ قەمەر قەبى باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى» ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم (1) خۇدا ئىنساننىڭ بارلىق ئاسىيلىق-قارشىلىشىشلىرىنى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ شۆھرىتىگە ھەم مۇددىئالىرىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ (2) ئىنسانلارنىڭ ئۆز قەھرى ئۆزىگە كەلتۈرگەن كۈلپەتلەر يېنىك بولۇپ قالغان بولسا، «قالغان قەھر»نى خۇدا ئۆزى تولۇقلاپ جازالىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.