77
77-كۈي •••• دەردمەن دەردىنى تۆكۈپ تەسەللى تاپىدۇ
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ــ
ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛
ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ مېنى ئاڭلايدۇ.
2
3 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛
كېچىچە قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛
جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى.
4 مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛
سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى.
سېلاھ.
5 سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛
چوڭخۇر غەشلىك ئىلكىدە سۆزلىيەلمەيتتىم.
6 مەن دەرمەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى،
خىيال قىلىمەن ئاشۇ يىللارنى ؛
7 كېچىللىرى ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەپ؛
خىياللىرىم كۆڭلۈمدىن كېچار»؛
روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛
8 ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟
ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟
9 ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟
ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟
10-11 تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟
ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟».
سېلاھ.
12 يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛
قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن.
13 سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛
سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛
14 ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛
خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟
15 مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛
ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ.
16 ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى،
يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛
سېلاھ.
17 سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛
تىترەك ئۇلارنى باستى،
دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى.
18 قارا بۇلۇتلار ياميۇر تۆكتى؛
ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛
بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى.
19 گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى،
چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛
يەر-زېمىن ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى.
20 سېنىڭ يولۇڭ دېڭىز-ئوكيانلاردا،
قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر،
ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولماس.