80
80-كۈي •••• خۇدا يولىدا يۇرتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن دۇئا •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا؛ بىر گۇۋاھلىق؛ ئاساف يازغان كۈي: ــ
قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى،
يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛
ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى،
نۇرلانغايسەن!
2 ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن،
بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن!
3 ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
4 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟
5 سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا نان ئورنىدا قىلدىڭ،
كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ.
6 بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛
بىزنى مەسخىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ ئاغزىدا.
7 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
8 سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛
يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ.
9 يەر تەييارلىدىڭ ئۇ كۆچەتكە،
چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى ئۇ زېمىنغا.
10 سايە تاشلىدى دەشتى-تاگلارغا؛
غوللىرى قۈچلۈق كېدىر دەرەخلىرىدەك؛
11 ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە،
پىلەكلىرىدىن ئەفرات دەرياسىمۇ قۇرۇپ قالمىدى.
12 نەچۈن بۇزىسەن قاشالىرىنى،
ھەدىيە كىلىسەن يولۇچىلارغا مېۋىسىنى؟
13 ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى ھاراپ قىلماقتا،
دالادىكى ھايۋاناتلار ئوزۇق قىلماقتا.
14 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ئۆتۈنىمىز سەندىن،
يېنىمىزغا قايتقايسەن!
ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن،
كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن!
15 يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن!
16 مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى،
كېسىۋېتىلدى؛
يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛
17 قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە،
يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛
18 شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛
بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز.
19 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!