81
81-كۈي •••• ھېيت-بايرامدا خۇدانىڭ گۇۋاھ-خىتابىنى ئىسرائىلغا ئەسلىتىش
1 بۇ ئاساف يازغان قُۈي بولۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلدى: ــ
كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا كۈي ئېيتىپ ياڭرىتىڭلار،
ياقۇپنىڭ خۇداسىغا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار!
2 ناخشىنى ياڭرىتىپ، داپ بىلەن تەڭ،
يېقىملىق چىلتار ھەم راۋابنى چېلىڭلار!
3 يېڭى ئايدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا،
ھېيت-بايراملىك ناغرا-سۇناي چېلىڭلار!
4 چۈنكى ئىسرائىلغا چۈشكەن بەلگىلىمە،
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ بىر پەرمانىدۇر بۇ.
5 ئۇ مىسىر زېمىنىدا يۈرۈش قىلغانلىرىدا،
(شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق)
ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى؛
6 ــ «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن ساقىت قىلدىم،
ئۇنىڭ قولى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولدى؛
7 قىستاقچىلىقتا نىدا قىلدىڭ،
مەن سېنى ئازاد قىلدىم؛
گۈلدۈرماما چىققان مەخپىي جايدىن ساڭا جاۋاب بەردىم؛
«مەرىباھ» سۇلىرى بويىدا سېنى سىنىدىم».
سېلاھ.
8 ــ «تىڭشا، خەلقىم، مەن سېنى گۇۋاھلار بىلەن ئاگاھلاندۇرمەن؛
ئى ئىسرائىل، ماڭا قۇلاق سالساڭ ئىدىڭ!
9 ئاراڭدا يات ئىلاھ بولمىسۇن،
يات ئەلدىكى ئىلاھقا باش ئەگمىگىن!
10 سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛
ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن.
11 ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى،
ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛
12 شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛
ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى.
13 ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى!
ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى!
14 ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تەزنلاندۈرار ئىدىم،
قولۇمنى رەقىبلىرىگە قارىتىپ، ئۇلارنى باسار ئىدىم.
15 پەرۋەردىگارغا نەپرەتلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا زەئىپلىشىپ بويسۇنار ئىدى؛
ئۇلارنىڭ شۇ ئاخىرىتى مەڭگۈگە بولاتتى؛
16 ساڭا بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدىم،
بەرھەق، قورام تاشتىن ھەسەل ئاققۇزۇپ سېنى قاندۇرار ئىدىم».