82
82-كۈي •••• خۇدانىڭ ئالىي سوتى
يۇھ. 22-42:10
1 ئاساف يازغان كۈي: ــ
خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ،
ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
2 ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر،
قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟
سېلاھ.
3 گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار،
ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛
4 مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار،
ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار!
5 نادان ۋە بىلىمىسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى؛ يۈرمەر ئۇلار زۇلمەت ئارا،
تەۋرەر زېمىننىڭ ئۇللىرى.
6 مەن ئېيتارمەن: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر،
ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛
7 شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر،
ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر».
8 ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن!
چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن!