85
85-كۈي •••• ئىسرائىلنىڭ ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلىشى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت تەلەپ قىلىش
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
 
سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ،
ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار.
2 خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ،
بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ.
سېلاھ.
3 سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭدە ساخلاپ،
غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن.
4 ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا!
بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن! ◼
5 سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟
6 خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن،
بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟ ◘
7 بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار،
بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن!
8 نېمىلەرنى دەر، تەڭرى پەرۋەردىگارىمغا قۇلاق سالاي؛
چۈنكى ئەيلەيدۇ ئۇ ئامان-ئېسەنلىكنى خەلقىگە ھەم مۆمىنلىرىگە؛
دەر ئۇلارغا قايتماڭلار ھاماقەتلىككە!
9 زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن،
دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛
10 ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛
ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛ ◼  ◘
11 ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا،
ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ.
12 پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ياغسا،
زېمىنىمىزمۇ مول ھوسۇلىنى بېرەر؛ ◘
13 ھەققانىيەت يول ئاچار ئۇنىڭ ئالدىدا،
ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ! ◼
 
 
◼ 85:4 «ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!» ــ خۇدانىڭ ئىسرائىلغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ (3-ئايەتنى كۆرۈڭ)، مۇشۇ كۈينىڭ مۇئەللىپى خۇدادىن ئىسرائىلنى ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلدۇرغايسەن، ئۇلارنى ئۆز يېنىڭغا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغايسەن، دەپ دۇئا قىلىشنى باشلايدۇ. ◘ 85:6 زەب. 71‏:20؛ 80‏:18؛ 138‏:7 ◼ 85:10 «ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى» ــ بۇ سىرلىق سۆزلەر شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربانلىق قىلغىنىدا، ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ◘ 85:10 ئىبر. 7‏:2 ◘ 85:12 زەب. 67‏:6 ◼ 85:13 «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ھەم ئۆزىنى ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ئورنىتىدۇ».