86
86-كۈي •••• يالغۇزلۇقتا، قىينالغان كۈندە شاپائەت تىلەش
1 داۋۇتنىڭ دۇئاسى:
قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛
چۈنكى مەن ئېزىلگەن ۋە ھاجەتمەندۇرمەن.
2 جېنىمنى ساقلاپ قالغايسەن،
چۈنكى مەن ساڭا مۆمىنمەن؛
ئى سەن خۇدا، ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى قۇتقۇزغايسەن؛
3 ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ئى رەب،
چۈنكى مەن كۈن بويى ساڭا نىدا قىلىمەن.
4 قۇلۇڭنىڭ جېنىنى شاد قىلغىن،
چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛
5 چۈنكى سەن مېھرىبان، كەچۈرۈمچان رەب سەن!
ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن!
6 مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار،
يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛
7 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە،
مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن،
چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
8 ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛
قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر.
9 سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب،
نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ.
10 چۈنكى سەن ناھايىتى بۈيۈكسەن،
مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛
سەن خۇدادۇرسەن، يىگانىدۇرسەن.
11 سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرۈشۈمدە،
ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار!
نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن.
12 پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيىلەيمەن رەببىم خۇدانى،
ئەبەدىلئەبەد ئۇلۇغلايمەن نامىڭنى.
13 چۈنكى مېھىر-مۇھەببىتىڭ چوڭقۇر بولغاعقا ماڭا،
تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن قۇتقۇزىسەن جېنىمنى؛
14 ئى خۇدا، قارشى چىقىپ تەكەببۇرلار گەر ماڭا،
ئەشەددىيلەر جامائىتى ئالماققا جېنىمنى ئاڭا،
ھەم كۆزگە ئىلمەيدۇ سېنى!
15 ۋە لېكىن رەببىم رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھ بولغاچ،
نە ئاشقۇچى قىلەر،
مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ.
16 ھالمىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئيلىگىن،
ئۆز قۇلۇڭغا مەدەت بېرىپ،
دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغايسەن!
17 ئىلتىپاتىڭنىىڭ بېشارىتى دېسەڭ،
دۈشمەنلەرنى شۇنى كۆرۈشى بىلەن شەرمەندە قىل، ئى پەرۋەردىگار
هەرقاچان هەمدەمدە بولۇپ كۆڭلۈمنى ئالعىن.