87
87-كۈي •••• زىئوننىڭ ئۇلۇغلۇقى
1 كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ
ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر.
2 پەرۋەردىگار ئەۋزلك كۆرەر ياقۇپنىڭ بارلىق جايلىرىدىنمۇ،
پەقەتلا زىئون دەرۋازىلىرىنى؛
3 شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى!
سېلاھ.
4 «راھاب ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا؛
فىلىستىيەلىك، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيەلىق شۇ قاتاردا» ــ دەيمەن؛
بۇ ئادەم تۇغۇلغاندۇر شۇ يەردە.
5 بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلار: ــ
«بۇ ئادەم، پالانچى-پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان،
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ».
6 خەلق-قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار: ــ
«بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ.
سېلاھ.
7 ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ: ــ
«مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!»