92
92-كۈي •••• مەدھىيە
شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: ــ
 
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش،
نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى!
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە،
كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى جاكارلاش،
ئون تارلىق ساز ۋە راۋابنى چېلىپ،
چىلتار بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭدا چېلىش ئەلادۇر!
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ،
قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن.
پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر!
ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر!
بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس،
ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس،
رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە،
مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر!
لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد ئۈستۈن تۇرىسەن.
چۈنكى مانا دۈشمەنلىرىڭ، ئى پەرۋەردىگار،
مانا دۈشمەنلىرىڭ يوقىلىدۇ؛
بارلىق قەبىھلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن قىلىۋېتىلىدۇ!
10 مۈڭگۈزۈمنى ياۋايى بۇقىنىڭكىدەك كۆتۈرىسەن؛
بېشىم يېڭى ماي سۈركەپ، مەسىھ قىلىنىدۇ.
11 مېنى قەست قىلغانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم كۆرىدۇ؛
ماڭا قارشىلىشىشقا قوزغالغان رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ تەن بەرگەنلىكىنىمۇ قۇلىقىم ئاڭلايدۇ.
12 ھەققانىي ئادەم خورما دەرىخى كەبى گۈللەپ-ياشنايدۇ؛
ئۇ لىۋاندىكى كېدر دەرىخىدەك ئۆسىدۇ.
13 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تىكىلگەنلەر،
خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا گۈللىنىدۇ؛
14 ئۇلار قېرىغاندىمۇ يەنە مېۋە بېرىدۇ،
سۇلۇق ھەم يېشىل ئۇلار؛
15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگار دۇرۇستۇر، دەپ ئىسپاتلايدۇ؛
ئۇ مېنىڭ قورام تېشىمدۇر،
ئۇنىڭدا ھېچ ناھەقلىك يوقتۇر!
 
 
92:1 «شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا...» ــ «شابات كۈنى» ــ شەنبە كۈنى، يەنى خۇدا يەھۇدىي خەلقىگە بېكىتكەن ئارام ئېلىش كۈنى. 92:6 زەب. 94‏:8؛ پەند. 12‏:1 92:7 «مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر!» ــ ياكى «بۇ ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈن بولىدۇ!». 92:12 ھاك. 9‏:15؛ ھوش. 14‏:6