93
93-كۈي •••• پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ھۆكۈمراندۇر
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!
ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛
پەرۋەردىگار كىيىنگەن،
ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛
بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان،
ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا.
سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛
سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن!
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار،
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى!
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۇرغۇچى دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى!
كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن،
دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن،
ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر!
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىكتۇر!
كۈنلەر يوق بولغۇچە، ئى پەرۋەردىگار،
ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر.
 
 
93:4 «دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلار» ــ «دولقۇنلار» ئىبرانىي تىلىدا «چېقىۋەتكۈچىلەر».