10
ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتكەندىكى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇلۇت ئاستىدا يۈرگەنلىكىدىن ۋە ھەممىسىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ماڭغانلىقىدىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمەن؛ مىس. 13‏:21؛ 14‏:22؛ چۆل. 9‏:18؛ قان. 1‏:33؛ يە. 4‏:23؛ نەھ. 9‏:12،19؛ زەب. 78‏:13،14؛ 105‏:39. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇلۇتتا ھەم دېڭىزدا مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىگە چۆمۈلدۈرۈلگەن؛ «ئۇلارنىڭ (سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، 1-ئايەتنى كۆرۈڭ) ھەممىسى بۇلۇتتا ھەم دېڭىزدا مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىگە چۆمۈلدۈرۈلگەن» ــ مۇشۇ (1-2-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن) ۋەقەلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن «مىسىردىن چىقىش» 14-بابنى كۆرۈڭ. «مۇسا» مۇسا پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە. مۇشۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە ۋە بۇ بابتىكى باشقا مىساللار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   مىس. 13‏:20-22؛ 14‏:19، 20. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش روھىي تائامنى يېگەن، مىس. 16‏:15. ھەممىسى ئوخشاش روھىي ئىچىملىكنى ئىچكەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ھەمراھ بولۇپ ئەگىشىپ يۈرگەن روھىي ئۇيۇلتاشتىن ئىچەتتى (ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ ئۇيۇلتاش مەسىھنىڭ ئۆزى ئىدى)؛ مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11؛ زەب. 78‏:15-16 شۇنداقتىمۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن رازى بولمىغانىدى؛ چۈنكى «ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا چېچىلىپ قالغان». «ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا چېچىلىپ قالغان» ــ «چۆل.» 16:14، 32.   چۆل. 26‏:65.
ئەمما بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا بىزلەرگە ساۋاق-بېشارەت بولسۇن ئۈچۈن چۈشكەنىدى؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ يامان ئىشلارغا ھەۋەس قىلغىنىدەك ھەۋەس قىلماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. چۆل. 11‏:4،33؛ زەب. 106‏:14. سىلەر يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئوخشاش بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار؛ بۇلار توغرۇلۇق: «خەلق يەپ-ئىچىشكە ئولتۇردى، ئاندىن كەيپ-ساپاغا تۇردى» دەپ پۈتۈلگەن. «خەلق يەپ-ئىچىشكە ئولتۇردى، ئاندىن كەيپ-ساپاغا تۇردى» ــ مۇشۇ يەردىكى «كەيپ-ساپا» بەلكىم بۇتپەرەسلىك ھەم ئۇنىڭغا باغلانغان شەھۋانىيەتنى كۆرسىتىدۇ. «پۈتۈلگەن» ــ «مۇقەددەس كىتابتا پۈتۈلگەن»، ئەلۋەتتە («مىس.» 6:32).   مىس. 32‏:6. بىز يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدەك بۇزۇقچىلىق قىلمايلى؛ چۈنكى شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن يىگىرمە ئۈچ مىڭ كىشى بىر كۈندىلا ئۆلدى. «بىز يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدەك بۇزۇقچىلىق قىلمايلى؛ چۈنكى شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن يىگىرمە ئۈچ مىڭ كىشى بىر كۈندىلا ئۆلدى» ــ بۇ ۋەقە «چۆل.» 1:25-9دە خارىتىلەنگەن.   چۆل. 25‏:1، 9؛ زەب. 106‏:28-29. يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى. «يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى» ــ «چۆل.» 1:21-9نى كۆرۈڭ.   چۆل. 21‏:5؛ زەب. 106‏:14 10 يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغرىنغاندەك ئاغرىنىپ قاقشىماڭلار ــ نەتىجىدە، ئۇلار جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. «يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغرىنغاندەك ئاغرىنىپ قاقشىماڭلار ــ نەتىجىدە، ئۇلار جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى» ــ «چۆل.» 41:16-50نى كۆرۈڭ.   مىس. 16‏:2؛ 17‏:2؛ چۆل. 14‏:36؛ زەب. 106‏:25-26 11 ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن ۋە ئاخىرقى زامانلار بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردىن ساۋاق-ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. «بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن» ــ «بېشارەتلىك مىساللار»: «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز بۇ باب توغرۇلۇق سۆزلىگىنىمىزدە بۇ تېما توغرۇلۇقمۇ توختىلىمىز.   رىم. 15‏:4؛ 1كور. 9‏:10؛ فىل. 4‏:5؛ ئىبر. 10‏:25. 12 شۇنىڭ بىلەن «مەن ئېتىقادتا چىڭ تىرەپ تۇرماقتىمەن» دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ھېزى بولسۇن! 13 سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. ۋە خۇدا بولسا ۋەدىسىدە تۇرغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرنى كۆتۈرەلمىگۈدەك سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ، بەلكى سىناق بېشىڭلارغا چۈشكەندە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ قۇتۇلۇش يولىنى يارىتىپ بېرىدۇ؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىدىغان بولىسىلەر. «سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن» ــ ئەينى تېكىستتە: «سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن ھېچقايسىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئەمەس» دېگەن شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.   1كور. 1‏:8؛ 1تېس. 5‏:24؛ 2پېت. 2‏:9. 14 شۇ سەۋەبتىن، سۆيۈملۈكلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن قېچىڭلار!
15 سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ شۇنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سۆزلىگەنلىرىمنى باھالاپ بېقىڭلار: ــ 16 بىز بەرىكەتلىك بولسۇن دەپ تىلىگەن، بەرىكەتلىك جامدىكى شارابنى ئىچكىنىمىز، مەسىھنىڭ قېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئوشۇتقان ناننى يېگىنىمىز، مەسىھنىڭ تېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ ««بەرىكەتلىك جام» ... «ئوشتىدىغان نان»» ــ «بەرىكەتلىك جام» ۋە «ئوشۇتقان نان» دېگەنلەر «رەبنىڭ زىياپىتى» ياكى «رەبنىڭ غىزاسى»دىن ئىبارەتتۇر. «رەبنىڭ زىياپىتى» ياكى «رەبنىڭ داستىخىنى» توغرۇلۇقمۇ 23:11-34نى كۆرۈڭ. 17 بىز نۇرغۇن بولساقمۇ بىر نان، بىر تەندۇرمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز شۇ بىر ناندىن نېسىۋە ئالىمىز. «بىز نۇرغۇن بولساقمۇ بىر نان، بىر تەندۇرمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز شۇ بىر ناندىن نېسىۋە ئالىمىز» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نان بىر بولغاچقا، بىزمۇ بىر تەن بولىمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز بىر ناندىن نىسىۋە ئالىمىز».   رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27. 18 جىسمانىي ئىسرائىلغا قاراڭلار؛ قۇربانلىقلارنى يېگەنلەر قۇربانگاھقا نېسىپداشلار ئەمەسمۇ؟ 19 ئەمدى نېمە دېمەكچىمەن؟ بۇتقا ئاتاپ سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ بۇتنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ 1كور. 8‏:4. 20 ياق، بىراق كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ. مەن سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن ئورتاق نېسىپداش بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. «كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ» ــ «كاپىرلار» گرېك تىلىدا «تائىپىلەر» ياكى «ئەللەر».   لاۋ. 17‏:7؛ قان. 32‏:17. 21 رەبنىڭ جامىدىن ۋە جىنلارنىڭ جامىدىن تەڭ ئىچكۈچى بولساڭلار بولمايدۇ؛ رەبنىڭ داستىخىنىغا ۋە جىنلارنىڭ داستىخىنىغا تەڭ داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. 22 رەبنىڭ ھەسەت-غەزىپىنى قوزغىماقچىمىزمۇ؟ بىز ئۇنىڭدىن كۈچلۈكمۇ-يا؟
23 «ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە ئادەمنىڭ ئېتىقادىنى قۇرالمايدۇ. «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر» ــ بۇ سۆز-ئىبارە بەلكىم كورىنتلىقلار ئىشلىتىۋاتقان ئىنجىلدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق تەلىملەرنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتكە يېقىن بولغىنى بىلەن، پاۋلۇس ھازىر ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق باشقا تەرەپلەردىنمۇ ئويلاش كېرەك، دەپ تەلىم بەرمەكچى.   1كور. 6‏:12. 24 ئەمدى ھېچكىم ئۆز مەنپەئەتىنى ئىزدىمىسۇن، بەلكى ئۆزگىلەرنىڭكىنى ئىزدىسۇن. 1كور. 13‏:5؛ فىل. 2‏:4. 25 گۆش بازىرىدا سېتىلغان ھەربىرنەرسىنى ۋىجدانىڭلارنى دەپ ئولتۇرماي، ھېچنېمىنى سۈرۈشتە قىلماي يەۋېرىڭلار. 26 چۈنكى «جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر» دەپ پۈتۈلگەن. «جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر» ــ «زەب.» 1:24 ۋە 12:50، 11:89.   مىس. 19‏:5؛ زەب. 24‏:1؛ 50‏:12؛ 89‏:11 27 ئەمما ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ بىرەرسى سېنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلسا ۋە كۆڭلۈڭ تارتسا، ئالدىڭغا قويۇلغان ھەممىنى ۋىجدانىڭنى دەپ ئولتۇرماي يەۋەر؛ لۇقا 10‏:7؛ 1كور. 8‏:7. 28 ئەمما بىرسى ساڭا: «بۇ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىق تائامى» دېسە، ئۇنداقتا ئۇنى يېمە؛ نېمىشقا دېسەڭ، بۇ ئىشنى ساڭا ئېيتقان ئادەمنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن، شۇنداقلا ۋىجداننىڭ سەۋەبى ئۈچۈندۇر؛ «بىرسى ساڭا: «بۇ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىق تائامى» دېسە،...» ــ دېگۈچىنىڭ كۆرسەتمەكچى بولغىنى بەلكىم: (1) «سەن ئىشەنگۈچى ئەمەسمۇ، بۇنداق بۇتلارغا چېتىشلىق نەرسىنى يېمەسلىكىڭ كېرەك» ياكى (2) «بۇ ئالاھىدە بۇتلارغا نەزىر قىلىنغان، شۇڭا ئۇنى يېسەڭ، ساڭا ئالاھىدە بەرىكەت بولىدۇ!». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 29 مەن دېگەن ۋىجدان سېنىڭكى ئەمەس، بەلكى ھېلىقى كىشىنىڭ ۋىجدانى؛ مېنىڭ ئەركىنلىكىمگە باشقىلارنىڭ ۋىجدانى تەرىپىدىن يامان دەپ باھا بېرىلىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ 30 مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟ «مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟» ــ مۇشۇ مۇھىم پرىنسىپ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   رىم. 14‏:6؛ 1تىم. 4‏:3. 31 شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار. كول. 3‏:17. 32‏-33 مەن ئۆزۈم ھەممەيلەننى ھەممە ئىشتا مەمنۇن قىلىشقا ئىنتىلگىنىمدەك، ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتىلگىنىمدەك، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلار بولسۇن، خۇدانىڭ جامائىتىدىكىلەر بولسۇن ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار.
مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار. رىم. 14‏:13؛ 1كور. 9‏:22.
 
 

10:1 مىس. 13‏:21؛ 14‏:22؛ چۆل. 9‏:18؛ قان. 1‏:33؛ يە. 4‏:23؛ نەھ. 9‏:12،19؛ زەب. 78‏:13،14؛ 105‏:39.

10:2 «ئۇلارنىڭ (سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، 1-ئايەتنى كۆرۈڭ) ھەممىسى بۇلۇتتا ھەم دېڭىزدا مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىگە چۆمۈلدۈرۈلگەن» ــ مۇشۇ (1-2-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن) ۋەقەلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن «مىسىردىن چىقىش» 14-بابنى كۆرۈڭ. «مۇسا» مۇسا پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە. مۇشۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە ۋە بۇ بابتىكى باشقا مىساللار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

10:2 مىس. 13‏:20-22؛ 14‏:19، 20.

10:3 مىس. 16‏:15.

10:4 مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11؛ زەب. 78‏:15-16

10:5 «ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا چېچىلىپ قالغان» ــ «چۆل.» 16:14، 32.

10:5 چۆل. 26‏:65.

10:6 چۆل. 11‏:4،33؛ زەب. 106‏:14.

10:7 «خەلق يەپ-ئىچىشكە ئولتۇردى، ئاندىن كەيپ-ساپاغا تۇردى» ــ مۇشۇ يەردىكى «كەيپ-ساپا» بەلكىم بۇتپەرەسلىك ھەم ئۇنىڭغا باغلانغان شەھۋانىيەتنى كۆرسىتىدۇ. «پۈتۈلگەن» ــ «مۇقەددەس كىتابتا پۈتۈلگەن»، ئەلۋەتتە («مىس.» 6:32).

10:7 مىس. 32‏:6.

10:8 «بىز يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدەك بۇزۇقچىلىق قىلمايلى؛ چۈنكى شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن يىگىرمە ئۈچ مىڭ كىشى بىر كۈندىلا ئۆلدى» ــ بۇ ۋەقە «چۆل.» 1:25-9دە خارىتىلەنگەن.

10:8 چۆل. 25‏:1، 9؛ زەب. 106‏:28-29.

10:9 «يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى» ــ «چۆل.» 1:21-9نى كۆرۈڭ.

10:9 چۆل. 21‏:5؛ زەب. 106‏:14

10:10 «يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغرىنغاندەك ئاغرىنىپ قاقشىماڭلار ــ نەتىجىدە، ئۇلار جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى» ــ «چۆل.» 41:16-50نى كۆرۈڭ.

10:10 مىس. 16‏:2؛ 17‏:2؛ چۆل. 14‏:36؛ زەب. 106‏:25-26

10:11 «بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن» ــ «بېشارەتلىك مىساللار»: «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز بۇ باب توغرۇلۇق سۆزلىگىنىمىزدە بۇ تېما توغرۇلۇقمۇ توختىلىمىز.

10:11 رىم. 15‏:4؛ 1كور. 9‏:10؛ فىل. 4‏:5؛ ئىبر. 10‏:25.

10:13 «سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن» ــ ئەينى تېكىستتە: «سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن ھېچقايسىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئەمەس» دېگەن شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.

10:13 1كور. 1‏:8؛ 1تېس. 5‏:24؛ 2پېت. 2‏:9.

10:16 ««بەرىكەتلىك جام» ... «ئوشتىدىغان نان»» ــ «بەرىكەتلىك جام» ۋە «ئوشۇتقان نان» دېگەنلەر «رەبنىڭ زىياپىتى» ياكى «رەبنىڭ غىزاسى»دىن ئىبارەتتۇر. «رەبنىڭ زىياپىتى» ياكى «رەبنىڭ داستىخىنى» توغرۇلۇقمۇ 23:11-34نى كۆرۈڭ.

10:17 «بىز نۇرغۇن بولساقمۇ بىر نان، بىر تەندۇرمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز شۇ بىر ناندىن نېسىۋە ئالىمىز» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نان بىر بولغاچقا، بىزمۇ بىر تەن بولىمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز بىر ناندىن نىسىۋە ئالىمىز».

10:17 رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27.

10:19 1كور. 8‏:4.

10:20 «كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ» ــ «كاپىرلار» گرېك تىلىدا «تائىپىلەر» ياكى «ئەللەر».

10:20 لاۋ. 17‏:7؛ قان. 32‏:17.

10:23 «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر» ــ بۇ سۆز-ئىبارە بەلكىم كورىنتلىقلار ئىشلىتىۋاتقان ئىنجىلدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق تەلىملەرنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتكە يېقىن بولغىنى بىلەن، پاۋلۇس ھازىر ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق باشقا تەرەپلەردىنمۇ ئويلاش كېرەك، دەپ تەلىم بەرمەكچى.

10:23 1كور. 6‏:12.

10:24 1كور. 13‏:5؛ فىل. 2‏:4.

10:26 «جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر» ــ «زەب.» 1:24 ۋە 12:50، 11:89.

10:26 مىس. 19‏:5؛ زەب. 24‏:1؛ 50‏:12؛ 89‏:11

10:27 لۇقا 10‏:7؛ 1كور. 8‏:7.

10:28 «بىرسى ساڭا: «بۇ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىق تائامى» دېسە،...» ــ دېگۈچىنىڭ كۆرسەتمەكچى بولغىنى بەلكىم: (1) «سەن ئىشەنگۈچى ئەمەسمۇ، بۇنداق بۇتلارغا چېتىشلىق نەرسىنى يېمەسلىكىڭ كېرەك» ياكى (2) «بۇ ئالاھىدە بۇتلارغا نەزىر قىلىنغان، شۇڭا ئۇنى يېسەڭ، ساڭا ئالاھىدە بەرىكەت بولىدۇ!». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

10:30 «مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟» ــ مۇشۇ مۇھىم پرىنسىپ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

10:30 رىم. 14‏:6؛ 1تىم. 4‏:3.

10:31 كول. 3‏:17.

10:32‏-33 رىم. 14‏:13؛ 1كور. 9‏:22.