11
ئىبادەت قائىدىلىرى
1‏-2 ئەمدى سىلەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تەرىپلەيمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ھەممە ئىشلاردا سىلەر مېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن سىلەرگە تاپشۇرغىنىمدەك، كۆرسەتمىلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىلەر.1كور. 4‏:16؛ فىل. 3‏:17؛ 1تېس. 1‏:6؛ 2تېـس. 3‏:9. ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھەر ئەرنىڭ بېشى مەسىھدۇر، ئايالنىڭ بېشى ئەردۇر ۋە مەسىھنىڭ بېشى خۇدادۇر دەپ بىلىشىڭلارنى خالايمەن.«ئايال (ياكى قىز)نىڭ بېشى ئەردۇر» ــ توي قىلغاندا ئۇنىڭ بېشى ئۆز ئېرى، ئەلۋەتتە؛ تۇرمۇشقا چىقمىغان بولسا ئۇنىڭ ئاتىسى؛ تەنھا، تۇل ياكى ئاجراشقان قىز-ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ بېشى (بار بولسا) جامائەتتىكى ئاقساقاللار بولىدۇ.  يـۇھ. 14‏:28؛ 1كور. 3‏:23؛ 15‏:27؛ ئ‍ەف. 5‏:23. شۇڭا، ئىبادەتكە قاتناشقاندا، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.«ئىبادەتكە قاتناشقاندا، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا ... بېشارەت بەرسە» ــ «بېشارەت بەرسە» ــ «خۇدانىڭ ۋەھىيىسىنى يەتكۈزسە»، ياكى «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلسا...» دېگەنلىك. «ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىق قىلىدۇ» ــ دېمەك، مەسىھگە بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ. ئەمما ئىبادەتكە قاتناشقاندا، ھەرقانداق ئايال بېشىغا بىرەر نەرسە ئارتمىغان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، رەسۋا قىلىنغان ئايالدىن پەرقى يوقتۇر.«...ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ» ــ دېمەك، ئۆز ئېرىگە ياكى جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ. «بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، رەسۋا قىلىنغان ئايالدىن پەرقى يوقتۇر» ــ كونا زامانلاردا ئاياللار بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، ئۇلارنى جازالاش ئۇسۇلى ئايالنى رەسۋا قىلىپ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئايال كىشىنىڭ بېشىغا ئارتقىنى يوق بولسا، چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلسۇن؛ ئايالغا نىسبەتەن چاچلىرىنىڭ كېسىۋېتىلىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئۇياتلىق ئىش بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئارتقىنى بولسۇن.چۆل. 5‏:18؛ قان. 22‏:5. چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر.«چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر» ــ بۇ ئايەتتىن (ۋە شۇنداقلا 4-6-ئايەتلەردىن) پاۋلۇسنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللار ئەمەس، بەلكى ئىبادەت سورۇنلىرى توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقانلىقى ئېنىق تۇرىدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ ئەرلەرگە تالاغا چىققاندا ھەرقانداق بۆكلەرنى كىيىشىنى مەنئى قىلغىنى ئەمەس! ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدە ئاياللارنىڭ تالادا يۈرگەندە رومال-ياغلىق ئارتىش-ئارتماسلىقى توغرىسىدىمۇ گەپ يوق.  يار. 1‏:26،27؛ 5‏:1؛ 9‏:6؛ كول. 3‏:10. چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر.«چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا ھاۋا ئانىمىزنى ئادەمئاتىمىزنىڭ تېنىدىن قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ ياسىغان. «يار.» 2-بابنى كۆرۈڭ.  يار. 2‏:18، 21. شۇنىڭدەك ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال كىشى ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 10 بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇقنىڭ بەلگىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. «پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇقنىڭ بەلگىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك» ــ «پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بىز بۇ ئايەتلەر (1-16)نى تەپسىلىي ھالدا شەرھلەيمىز. 11 ھالبۇكى، رەبدە ئايال ئەرسىز بولماس ۋە ئەر ئايالسىز بولماس؛ 12 چۈنكى ئايال ئەردىن چىقىرىلغىنىدەك، ئەر ئايال ئارقىلىق تۇغۇلىدۇ؛ لېكىن ھەممە ئىش خۇدادىندۇر. 13 ئۆز كۆڭلۈڭلاردا باھا بېرىڭلار؛ ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ خۇداغا دۇئا قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟ 14 تەبىئەتنىڭ ئۆزى سىلەرگە ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتمىدىمۇ؟ 15 ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا، بۇ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنىڭغا بېزەك-يېپىنچا بولسۇن دەپ تەقدىم قىلىنغان.
16 بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، شۇنى بىلسۇنكى، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر. 1تىم. 6‏:4.
 
رەبنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق
17 ئەمما ھازىر دېمەكچى بولغان ئىش، يەنى سىلەر يىغىلغان سورۇنلارغا كەلسەك، ئۇنىڭدا سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن؛ چۈنكى يىغىلغىنىڭلارنىڭ نەتىجىسى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. 18 چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. 19 ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى. «ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ...» ــ ئاز بولمىغان ئالىملار پاۋلۇسنىڭ بۇ جۈملىسى كىنايىلىك، كورىنتلىقلارنى تەنقىد قىلىدىغان ئالاھىدە سۆزلەر، دەپ قارايدۇ. بىزمۇ مۇشۇ كۆزقاراشقا مايىلمىز؛ چۈنكى ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان باشقا جامائەتلەر ئارىسىدا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بىرلىكى خېلى كۈچلۈك ئىدى (مەسىلەن، فىلىپپى شەھىرىدىكى جامائەتتە).
قانداقلا بولمىسۇن، مەلۇم جامائەتتىكى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كورىنت جامائەتتەك «روهقا تەۋە» ئەمەس، بەلكى «ئەتكە تەۋە»، «ئەتىقادتا بوۋاقلار» بولسا، ئۇنداقتا «بۆلۈنۈشلەر» پەيدا بپولماي قالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن رەبنىڭ يولىنى ئىزدىگۈچىلەرگە كۆپرەك بېسىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھتا ئۆستۈرۈلۈشىگە مۇھىم بىر تۈرتكە بولىدۇ.
  مات. 18‏:7؛ لۇقا 17‏:1؛ روس. 20‏:30؛ 1يۇھ. 2‏:19.
20 سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، سىلەر ھەقىقەتەن «رەبنىڭ زىياپىتى»دىن يېمەيسىلەر. لۇقا 22‏:14-20. 21 چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ. «چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ» ــ روسۇلنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، كورىنت ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يىغىنلىرىدا پات-پات «ئورتاق زىياپەت»نى تۇتاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «رەبنىڭ زىياپىتى»نى يېيەتتى («يەھ.» 12نى كۆرۈڭ). لېكىن باي قېرىنداشلار ئۆز مول تاماقلىرى ئالغاچ ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ كۆرسىتەتتى، باشقا كەمبەغەل قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشمايتتى. «زىياپەت» قالايمىقان بولغاچقا، «رەبنىڭ زىياپىتى»نىڭ ئۆزى كۆزگە ئىلىنماي بولۇپ قېلىپ، رەبنىڭ نامىغا نومۇس كەلتۈرگەنىدى.
22 يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى تەرىپلەمدىمەن؟ ياق، سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن.«يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟» ــ بەزى ئېتىقادچىلار جەم بولۇپ ئولتۇرغان سورۇنلاردا كۆپ غىزالارنى ئېلىپ كېلىپ يېسە، غىزاسىز قېرىنداشلىرى ئەلۋەتتە خىجىل بولۇپ قالىدۇ.
23 چۈنكى مەن سىلەرگە رەبنىڭ زىياپىتى توغرۇلۇق يەتكۈزگەنلىرىمنى ئۆزۈم رەبدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن؛ دېمەك، رەب ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىنغان كېچىدە ئۇ قولىغا نان ئېلىپ، مات. 26‏:26؛ مار. 14‏:22؛ لۇقا 22‏:19. 24 تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن ئۇنى ئوشتۇپ: «مانا، سىلەرگە ئاتالغان مېنىڭ تېنىم؛ بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. 25 شۇنىڭدەك، غىزادىن كېيىن ئۇ جامنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر؛ ھەر قېتىم بۇنىڭدىن ئىچكىنىڭلاردا، مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. «... مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر» ــ «يېڭى ئەھدە» تەۋرات، «يەر.» 31:31-34دە بېشارەت بېرىلگەن. 26 چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. يـۇھ. 14‏:3؛ روس. 1‏:11. 27 شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ. چۆل. 9‏:10،13؛ يـۇھ. 6‏:51،63،64؛ 13‏:27؛ 1كور. 10‏:21. 28 شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. 2كور. 13‏:5. 29 چۈنكى رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. «... رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ» ــ «رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەسلىك» دېگەنلىكنىڭ بەلكىم ئىككى خىل تەرەپلىمىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) ئۆزىنى «مەن رەبنىڭ تېنىدىكى بىر ئەزا، باشقا قېرىنداشلارمۇ شۇنداق» دەپ بىلىپ يەتمەي، «رەبنىڭ تېنى»دىكى قېرىنداشلارنى كۆزگە ئىلماسلىق (21-22-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ)؛ (2) «رەبنىڭ زىياپىتى رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ بىلىپ يەتمەسىلىك. 30 بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالدى. «ھەتتا خېلى بىر قىسمى ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالدى» ــ «ئۇخلاپ قالدى» دېگەن سۆز ئۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنجىل بويىچە ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن ئۆلۈش پەقەت ۋاقىتلىق ئۇخلاش، خالاس. 31 لېكىن ئەگەر ئۆز ئۈستىمىزنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان بولساق، بېشىمىزغا رەبنىڭ ھۆكۈم-جازاسى چۈشۈرۈلمەيدىغان بولىدۇ. زەب. 32‏:5؛ پەند. 18‏:17. 32 ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. 33 شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، رەبنىڭ زىياپىتىدە يېيىشكە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە بىر-بىرىڭلارنى كۈتۈڭلار. 34 بىرسى ئاچ قورساق بولسا ئاۋۋال ئۆيىدە يەپ كەلسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلار ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈم-جازا يەتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. قالغان باشقا مەسىلىلەرنى بولسا، مەن بارغىنىمدا تەرتىپكە سالىمەن.
 
 

11:1‏-2 1كور. 4‏:16؛ فىل. 3‏:17؛ 1تېس. 1‏:6؛ 2تېـس. 3‏:9.

11:3 «ئايال (ياكى قىز)نىڭ بېشى ئەردۇر» ــ توي قىلغاندا ئۇنىڭ بېشى ئۆز ئېرى، ئەلۋەتتە؛ تۇرمۇشقا چىقمىغان بولسا ئۇنىڭ ئاتىسى؛ تەنھا، تۇل ياكى ئاجراشقان قىز-ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ بېشى (بار بولسا) جامائەتتىكى ئاقساقاللار بولىدۇ.

11:3 يـۇھ. 14‏:28؛ 1كور. 3‏:23؛ 15‏:27؛ ئ‍ەف. 5‏:23.

11:4 «ئىبادەتكە قاتناشقاندا، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا ... بېشارەت بەرسە» ــ «بېشارەت بەرسە» ــ «خۇدانىڭ ۋەھىيىسىنى يەتكۈزسە»، ياكى «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلسا...» دېگەنلىك. «ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىق قىلىدۇ» ــ دېمەك، مەسىھگە بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ.

11:5 «...ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ» ــ دېمەك، ئۆز ئېرىگە ياكى جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ. «بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، رەسۋا قىلىنغان ئايالدىن پەرقى يوقتۇر» ــ كونا زامانلاردا ئاياللار بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، ئۇلارنى جازالاش ئۇسۇلى ئايالنى رەسۋا قىلىپ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت ئىدى.

11:6 چۆل. 5‏:18؛ قان. 22‏:5.

11:7 «چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر» ــ بۇ ئايەتتىن (ۋە شۇنداقلا 4-6-ئايەتلەردىن) پاۋلۇسنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللار ئەمەس، بەلكى ئىبادەت سورۇنلىرى توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقانلىقى ئېنىق تۇرىدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ ئەرلەرگە تالاغا چىققاندا ھەرقانداق بۆكلەرنى كىيىشىنى مەنئى قىلغىنى ئەمەس! ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدە ئاياللارنىڭ تالادا يۈرگەندە رومال-ياغلىق ئارتىش-ئارتماسلىقى توغرىسىدىمۇ گەپ يوق.

11:7 يار. 1‏:26،27؛ 5‏:1؛ 9‏:6؛ كول. 3‏:10.

11:8 «چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا ھاۋا ئانىمىزنى ئادەمئاتىمىزنىڭ تېنىدىن قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ ياسىغان. «يار.» 2-بابنى كۆرۈڭ.

11:8 يار. 2‏:18، 21.

11:10 «پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇقنىڭ بەلگىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك» ــ «پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بىز بۇ ئايەتلەر (1-16)نى تەپسىلىي ھالدا شەرھلەيمىز.

11:16 1تىم. 6‏:4.

11:19 «ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ...» ــ ئاز بولمىغان ئالىملار پاۋلۇسنىڭ بۇ جۈملىسى كىنايىلىك، كورىنتلىقلارنى تەنقىد قىلىدىغان ئالاھىدە سۆزلەر، دەپ قارايدۇ. بىزمۇ مۇشۇ كۆزقاراشقا مايىلمىز؛ چۈنكى ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان باشقا جامائەتلەر ئارىسىدا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بىرلىكى خېلى كۈچلۈك ئىدى (مەسىلەن، فىلىپپى شەھىرىدىكى جامائەتتە). قانداقلا بولمىسۇن، مەلۇم جامائەتتىكى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كورىنت جامائەتتەك «روهقا تەۋە» ئەمەس، بەلكى «ئەتكە تەۋە»، «ئەتىقادتا بوۋاقلار» بولسا، ئۇنداقتا «بۆلۈنۈشلەر» پەيدا بپولماي قالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن رەبنىڭ يولىنى ئىزدىگۈچىلەرگە كۆپرەك بېسىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھتا ئۆستۈرۈلۈشىگە مۇھىم بىر تۈرتكە بولىدۇ.

11:19 مات. 18‏:7؛ لۇقا 17‏:1؛ روس. 20‏:30؛ 1يۇھ. 2‏:19.

11:20 لۇقا 22‏:14-20.

11:21 «چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ» ــ روسۇلنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، كورىنت ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يىغىنلىرىدا پات-پات «ئورتاق زىياپەت»نى تۇتاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «رەبنىڭ زىياپىتى»نى يېيەتتى («يەھ.» 12نى كۆرۈڭ). لېكىن باي قېرىنداشلار ئۆز مول تاماقلىرى ئالغاچ ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ كۆرسىتەتتى، باشقا كەمبەغەل قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشمايتتى. «زىياپەت» قالايمىقان بولغاچقا، «رەبنىڭ زىياپىتى»نىڭ ئۆزى كۆزگە ئىلىنماي بولۇپ قېلىپ، رەبنىڭ نامىغا نومۇس كەلتۈرگەنىدى.

11:22 «يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟» ــ بەزى ئېتىقادچىلار جەم بولۇپ ئولتۇرغان سورۇنلاردا كۆپ غىزالارنى ئېلىپ كېلىپ يېسە، غىزاسىز قېرىنداشلىرى ئەلۋەتتە خىجىل بولۇپ قالىدۇ.

11:23 مات. 26‏:26؛ مار. 14‏:22؛ لۇقا 22‏:19.

11:25 «... مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر» ــ «يېڭى ئەھدە» تەۋرات، «يەر.» 31:31-34دە بېشارەت بېرىلگەن.

11:26 يـۇھ. 14‏:3؛ روس. 1‏:11.

11:27 چۆل. 9‏:10،13؛ يـۇھ. 6‏:51،63،64؛ 13‏:27؛ 1كور. 10‏:21.

11:28 2كور. 13‏:5.

11:29 «... رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ» ــ «رەبنىڭ تېنىنى پەرق ئەتمەسلىك» دېگەنلىكنىڭ بەلكىم ئىككى خىل تەرەپلىمىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) ئۆزىنى «مەن رەبنىڭ تېنىدىكى بىر ئەزا، باشقا قېرىنداشلارمۇ شۇنداق» دەپ بىلىپ يەتمەي، «رەبنىڭ تېنى»دىكى قېرىنداشلارنى كۆزگە ئىلماسلىق (21-22-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ)؛ (2) «رەبنىڭ زىياپىتى رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ بىلىپ يەتمەسىلىك.

11:30 «ھەتتا خېلى بىر قىسمى ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالدى» ــ «ئۇخلاپ قالدى» دېگەن سۆز ئۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنجىل بويىچە ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن ئۆلۈش پەقەت ۋاقىتلىق ئۇخلاش، خالاس.

11:31 زەب. 32‏:5؛ پەند. 18‏:17.