7
ئوردىنىڭ قۇرۇلۇشى
سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى بولسا، ئون ئۈچ يىلدا ياساپ پۈتتۈردى.«سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى بولسا، ئون ئۈچ يىلدا ياساپ پۈتتۈردى» ــ سۇلايمان ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا 7 يىل، ئۆز ئوردىسىنى قۇرۇشقا 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. پۈتكۈل مۇقەددەس كىتابتا «7» دېگەن رەقەم بەزىدە خۇدا ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىگە باغلىق، «13» بولسا گۇناھ ۋە ئاسىيلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ. بىزدە ھېچ گۇمان يوقكى، سۇلايماننىڭ ئۆز ئوردىسىغا 13 يىل سەرپ قىلىشى ئۇنىڭ ئاللىقاچان تەكەببۇر بولۇپ كەتكەنلىكىنى پۇرىتىپ بېرىدۇ. ھېچ بولمىغاندا، ئۇ كۆپرەك ۋاقتىنى ئۆز ئۆيى ئۈستىگە سەرپ قىلغان.  1پاد. 9‏:10
ئۇ ياسىغان بۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى يۈز گەز، كەڭلىكىنى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكىنى ئوتتۇز گەز قىلدى. كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. «لىۋان ئورمىنى سارىيى» ــ سۇلايماننىڭ ئوردىسىنىڭ «لىۋان ئورمىنى سارىيى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىدا لىۋاندىن كەلتۈرۈلگەن چىرايلىق كېدىر ياغاچلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىن بولغانىدى. ئوردا ئىچىدە «كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار» بولغىنى ئۈچۈن «ئورماندەك» كۆرۈنگەن بولسا كېرەك. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى لىم كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆگزىسىمۇ كېدىر ياغىچىدىن ئىدى. لىملار جەمئىي قىرىق بەش بولۇپ ھەر قاتاردا ئون بەشتىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچ قەۋەت دېرىزىسى بار ئىدى، ئۈچ قەۋەتتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى.«ئۈچ قەۋەتتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى» ــ بۇ ئايەتتىكى بەزى ئىبرانىي سۆزلەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، مەنىسىنى پەقەت پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. باشقا بىر تەرجىمىسى بەلكىم: «ئۈچ قەۋەتتىكى ھەربىر دېرىزە كۆزنەكلىك ئىدى».
بارلىق ئىشىكلەر ۋە كېشەكلەر تۆت چاسىلىق قىلىنغاندى؛ ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، ئىشىكلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى.«ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، ئىشىكلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى» ــ كۆپ باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇ ئۇزۇنلۇقىنى ئەللىك گەز، توغرىسىنى ئوتتۇز گەز قىلىپ، تۈۋرۈكلۈك بىر دەھلىز ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەھلىز بار ئىدى، ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى.«ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەھلىز بار ئىدى، ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى» ــ بۇ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدىكى ئىبرانىيچە ئىبارىلەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، مەنىسىنى پەقەت پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. «...ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلەر ۋە پەلەمپەي بار ئىدى».
ئاندىن كېيىن ئۇ سوراق سورايدىغان تەختى ئۈچۈن «سوراق دەھلىزى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر دەھلىزنى ياسىدى. ئۇ دەھلىزنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە كېدىر ياغىچى بىلەن قاپلانغانىدى.
سۇلايمان ئۆزى ئولتۇرىدىغان ساراي، يەنى دەھلىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشاقان ساراينىڭ لايىھىسى «سوراق ئۆيى»نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. سۇلايمان ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرەۋننىڭ قىزى ئۈچۈن شۇ دەھلىزگە ئوخشاش بىر ساراينى ياساتتى. «...يەنى دەھلىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشاقان ساراينىڭ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...يەنى شۇ ئۆيدىن ئايرىم بولغان، بىر ھويلىلىق، دەھلىز ئىچىگە جايلاشقان ئۆينىڭ...».  1پاد. 3‏:1  


خەرىتە - سۇلاتمان پادىشاھ قۇرغان «لېۋان ئورمىنى ئوردىسى»، چوڭ ئوردىسى ۋە ئىبادەتخانا
بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىكى تاملىرىدىن تارتىپ چوڭ ھويلىنىڭ تاملىرىغىچە، ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىنىڭ پەۋازىغىچە قىممەت تاشلاردىن، يەنى ئۆلچەم بويىچە ئويۇلۇپ ئاندىن ئىچ-تېشى ھەرە بىلەن كېسىلگەن تاشلاردىن ياسالغانىدى. 10  ئۇللىرى بولسا چوڭ ۋە قىممەت تاشلاردىن، ئۇزۇنلۇقى ئون گەز ۋە سەككىز گەز بولغان تاشلاردىن قىلىنغانىدى. 11  ئۇللارنىڭ ئۈستىگە يەنە بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئويۇلغان قىممەت ئېسىل تاشلار ۋە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. 12  چوڭ ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تام ئۈچ قەۋەت ئويۇلغان تاش ۋە بىر قەۋەت يونۇلغان كېدىر لىملىرىدىن ياسالغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ تېمى ۋە يەنە ئوردىدىكى دەھلىزىنىڭ تېمىمۇ شۇنداق ياسالغانىدى.«ئوردىدىكى دەھلىزىنىڭ تېمى...» ــ ياكى «ئىبادەتخانىدىكى ئايۋىنىنىڭ تېمى...»
 
ئۇستا مىسكەر ھىرامنىڭ ئىبادەتخانىدىكى ئىشلىرى
2تار. 3‏:15-17؛ 2تار. 4؛ 2تار. 1:5
13  سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ھىرامنى تۇردىن كەلتۈردى. 2تار. 2‏:12 14  ئۇ كىشى نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى تۇرلۇق بىر مىسكەر ئىدى. ھىرام مىسكەرچىلىكتە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا تولىمۇ ئۇستا، پەم-پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى. مىس. 31‏:3 15  ئۇ ئۆزى ئىككى تۈۋرۈكنى مىستىن ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز ئىدى.2پاد. 25‏:16، 17؛ يەر. 52‏:21
16  بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئۈچۈن مىستىن ئىككى تاجنى قۇيۇپ ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئىككىنچى تاجنىڭ ئېگىزلىكىمۇ بەش گەز ئىدى. 17  تۈۋرۈكلەرنىڭ تۆپىسىدىكى تاجلار تورلارغا ئوخشاش زىننەتلىنىپ، زەنجىرلەر ۋە تورلانغان ھالقىلار بىلەن توقۇقلۇق ئىدى. بىر تاجنىڭ شۇنداق يەتتە قاتار تور ھالقىلىرى بار ئىدى، ئىككىنچى تاجنىڭمۇ ھەم شۇنداق يەتتە قۇر تور ھالقىلىرى بار ئىدى. 18  ئۇ يەنە ئانارلارنى، يەنى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەربىر تاجنى يېپىپ تۇرىدىغان تور ھالقىلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى قاتار ئانارنى ياسىدى. ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاجغىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلدى. 19  ئايۋاندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاجلىرى نىلۇپەر شەكىللىك بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت گەزدىن ئىدى. 20  ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تاجلىرىدىكى تور ھالقىلىرىغا يېقىن تومپىيىپ چىققان جاينىڭ ئۈستىدە قەۋەتمۇ-قەۋەت چۆرىدىگەن ئىككى يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. ئىككىنچى تاجنىڭ چۆرىسىمۇ ئوخشاش ئىدى.
21  ئۇ تۈۋرۈكلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋانغا تىكلىدى. ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى. «ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى» ــ «ياقىن» دېگەننىڭ مەنىسى بەلكىم «ئۇ مۇستەھكەملەيدۇ»، «بوئاز»نىڭ مەنىسى بەلكىم «ئۇنىڭدا كۈچ بار». ئوڭدىن سولغا ئوقۇغاندا «ئۇ (پەرۋەردىگار) كۈچ بىلەن ئۇنى (بۇ ئۆينى) مۇستەھكەملەيدۇ». 22  تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى نىلۇپەر شەكلىدە ياسالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشلىرى پۈتكەنىدى.
23  ئۇ مىستىن «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يوغان داس ياسىدى. ئۇنىڭ بىر گىرۋىكىدىن يەنە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ ئايلامىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. 2تار. 4‏:2؛ يەر. 52‏:20 24  داسنىڭ گىرۋىكى ئاستى چۆرىدەپ قاپاق نۇسخىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بۇلار داسنىڭ چۆرىسىنىڭ ھەربىر گېزىگە ئۇندىن، ئىككى قاتار قويۇلغان ئىدى. ئۇلار داس بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇيۇپ چىقىرىلغانىدى. 2تار. 4‏:3 25  داس ئون ئىككى بۇقا شەكلى ئۈستىدە تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇلارنىڭ ئۈچى شىمال تەرەپكە، ئۈچى غەرب تەرەپكە، ئۈچى جەنۇب تەرەپكە، ئۈچى شەرق تەرەپكە يۈزلەنگەنىدى. «دېڭىز» بۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسى ئىچ تەرىپىدە ئىدى. 26  داسنىڭ قېلىنلىقى ئالىقاننىڭ كەڭلىكىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ گىرۋىكى پىيالىنىڭ گىرۋىكىدەك، شەكلى ئېچىلغان نىلۇپەردەك ئىدى. ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ بات سۇ سىغاتتى.«ئىككى مىڭ بات» ــ بىر بات 22 لىتر بولۇشى مۇمكىن ئىدى؛ ئۇنداقتا 2000 بات 44000 لىتر ئىدى. «دېڭىز»نىڭ شەكلى «داڭقان شەكلى»دىكى داس بولسا كېرەك.
27  ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىستىن ئون تەگلىكنى ياسىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى. 28  بۇ تەگلىكلەر شۇنداق ياسالغانىدىكى، ئۇلارنىڭ رەسىملىك تاختىلىرى بار ئىدى؛ تاختىلىرى رامكىلار ئىچىگە ئورنىتىلغانىدى. 29  رامكىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسىم تاختايلىرىدا ۋە رامكىلارنىڭ ئۆزىدىمۇ شىرلار، بۇقىلار ۋە كېرۇبلارنىڭ سۈرەتلىك زىننەتلىرى بار ئىدى؛ شىرلار ۋە بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى زەنجىرسىمان گۈل چەمبىرەك شەكلىدە زىننەتلەنگەنىدى. «گۈل چەمبىرەك شەكلىدە زىننەتلەنگەنىدى» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا قانداق مەنىدە ئىشلىتىلگىنى بىزگە تېخى ئېنىق ئەمەس. 30  ھەربىر تەگلىكنىڭ مىس ئوقلىرى بىلەن تۆت چاقى بار ئىدى؛ تەگلىكنىڭ داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت بۇرجىكىدە جازىسى بار ئىدى؛ داس ئاستىدىكى پۇتلىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە تورلانغان قۇيما گۈل شاخلىرى ئورنىتىلغانىدى. 31  ھەر تەگلىكنىڭ ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى بىر گەز كېلىدىغان «كىچىك تەگلىك» بولۇپ، ئاغزى دۈگىلەك ئىدى؛ كىچىك تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز ئىدى؛ ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا نەقىشلەر بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ رامكىلىرى دۈگىلەك ئەمەس، بەلكى تۆت چاسىلىق ئىدى.«ھەر تەگلىكنىڭ ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى بىر گەز كېلىدىغان «كىچىك تەگلىك» بولۇپ، ... ئۇلارنىڭ رامكىلىرى دۈگىلەك ئەمەس، بەلكى تۆت چاسىلىق ئىدى» ــ پۈتكۈل ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئالىملار تېخى تولۇق ئېنىقلىغان ئەمەس. بىزنىڭ «پەرەزىي سخېما»مىزنى كۆرۈڭ.
32  تۆت چاقى رەسىملىك تاختايلىرى ئاستىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقلىرى تەگلىككە بېكىتىلگەنىدى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 33  چاقلارنىڭ قۇرۇلمىسى جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىدەك ئىدى. ئۇلارنىڭ قازانلىرى، قاسقانلىرى، چېتىقلىرى ۋە ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى مىستىن قۇيۇلغانىدى. 34  ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىردىن تۆت تۇتقۇچى بار ئىدى؛ ئۇلار تەگلىكتىن چىقىپ تۇراتتى ۋە ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. «ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىردىن تۆت تۇتقۇچى بار ئىدى» ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بۇرجەك» («مۈرىلىرى») دېگەن بۇ سۆزنىڭ مۇشۇ يەردە قانداق مەنىدە ئىشلىتىلگىنى تېخى ئېنىق ئەمەس. «تۇتقۇچى» دېگەن مەنىسى ئېھتىماللىققا ئەڭ يېقىن. 35  ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە ئېگىزلىكى يېرىم گەز كېلىدىغان بىر يۇمىلاق جازا بار ئىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە تىرەك ۋە رەسىملىك تاختايلار بار ئىدى. ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. 36  ئۇ مۇشۇ تىرەك ۋە رەسىم تاختايلىرىدىكى بوش ئورۇنلارغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ نۇسخىلىرىنى ۋە چۆرىسىگە تورلانغان گۈل شاخلىرىنى نەقىش قىلدى. 37  شۇ تەرىقىدە ئۇ مۇشۇ ئون تەگلىكنى ياساپ بولدى. ھەممىسى بىر نۇسخىدا قۇيۇلۇپ، ئوخشاش چوڭلۇقتا ۋە شەكىلدە ئىدى.
38  ئۇ مىستىن ئون داس ياسىغان بولۇپ، ھەربىر داسقا قىرىق بات سۇ سىغاتتى؛ ھەربىر داسنىڭ توغرىسى تۆت گەز ئىدى. ئون تەگلىكنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆپىسىدە بىردىن داس بار ئىدى. 2تار. 4‏:6 39  ئۇ بەش داسنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە بەشنى ئىبادەتخانىنىڭ سول يېنىدا قويدى؛ مىس دېڭىزنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويدى.
40  ھىرام شۇلارغا تەئەللۇق داس، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ ياساپ تەييار قىلدى. شۇنداق قىلىپ ھىرام سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتكۈزدى: ــ
41  ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى، 42  شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى. بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى؛ ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. 43  ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، 44  «مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى، 45  قازانلارنى، كۈرەكلەرنى ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ تەييار قىلدى. ھىرام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان بۇ ھەممە نەرسىلەر پارقىرايدىغان مىستىن ئىدى.
46  پادىشاھ ئۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارەتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا، شۇ يەردىكى سېغىزلايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى.
47  بۇ نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىدى.
48  سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى: ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان ئالتۇن شىرەنى، «تەقدىم نانلار» ــ باشقا خىل تەرجىمىلىرى: «ھۇزۇرىي نان»لار، «خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى نان»لار) ياكى «تىزىلغان نان». ئۇلار ۋە ئالتۇن شىرە توغرۇلۇق «مىس.» 23:25-30 ۋە «لاۋ.» 5:24-9نى كۆرۈڭ.  مىس. 25‏:23؛ 30‏:1 49  كالامخانا ئالدىدا تۇرىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدانلارنى (بەشنى ئوڭ يېنىدا، بەشنى سول يېنىدا) ياساتتى؛ ۋە شۇلارنىڭ گۈلسىمان زىننەتلىرىنى، چىراغلىرىنى، چىراغ قىسقۇچلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى؛ 50  داس-پىيالىلىرىنى، پىچاقلىرىنى، قاچىلىرىنى، تەخسىلىرىنى ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياساتتى؛ ئۇ ئىچكىرىكى خانىنىڭ، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ قاتلىنىدىغان، قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنىڭ گىرەلىرىنى ۋە ئۆيدىكى مۇقەددەس جاينىڭ ئىشىكلىرىنىڭ گىرەلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى.
51  سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلدۇرىدىغان ھەممە قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت خۇداغا ئاتىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە تۈرلۈك باشقا بۇيۇملارنى) ئەكەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى.2سام. 8‏:7، 11؛ 2تار. 5‏:1
 
 

7:1 «سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى بولسا، ئون ئۈچ يىلدا ياساپ پۈتتۈردى» ــ سۇلايمان ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا 7 يىل، ئۆز ئوردىسىنى قۇرۇشقا 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. پۈتكۈل مۇقەددەس كىتابتا «7» دېگەن رەقەم بەزىدە خۇدا ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىگە باغلىق، «13» بولسا گۇناھ ۋە ئاسىيلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ. بىزدە ھېچ گۇمان يوقكى، سۇلايماننىڭ ئۆز ئوردىسىغا 13 يىل سەرپ قىلىشى ئۇنىڭ ئاللىقاچان تەكەببۇر بولۇپ كەتكەنلىكىنى پۇرىتىپ بېرىدۇ. ھېچ بولمىغاندا، ئۇ كۆپرەك ۋاقتىنى ئۆز ئۆيى ئۈستىگە سەرپ قىلغان.

7:1 1پاد. 9‏:10

7:2 «لىۋان ئورمىنى سارىيى» ــ سۇلايماننىڭ ئوردىسىنىڭ «لىۋان ئورمىنى سارىيى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىدا لىۋاندىن كەلتۈرۈلگەن چىرايلىق كېدىر ياغاچلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىن بولغانىدى. ئوردا ئىچىدە «كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار» بولغىنى ئۈچۈن «ئورماندەك» كۆرۈنگەن بولسا كېرەك.

7:4 «ئۈچ قەۋەتتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى» ــ بۇ ئايەتتىكى بەزى ئىبرانىي سۆزلەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، مەنىسىنى پەقەت پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. باشقا بىر تەرجىمىسى بەلكىم: «ئۈچ قەۋەتتىكى ھەربىر دېرىزە كۆزنەكلىك ئىدى».

7:5 «ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، ئىشىكلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى» ــ كۆپ باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشىمۇ مۇمكىن.

7:6 «ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەھلىز بار ئىدى، ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى» ــ بۇ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدىكى ئىبرانىيچە ئىبارىلەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، مەنىسىنى پەقەت پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. «...ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلەر ۋە پەلەمپەي بار ئىدى».

7:8 «...يەنى دەھلىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشاقان ساراينىڭ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...يەنى شۇ ئۆيدىن ئايرىم بولغان، بىر ھويلىلىق، دەھلىز ئىچىگە جايلاشقان ئۆينىڭ...».

7:8 1پاد. 3‏:1

7:12 «ئوردىدىكى دەھلىزىنىڭ تېمى...» ــ ياكى «ئىبادەتخانىدىكى ئايۋىنىنىڭ تېمى...»

7:13 2تار. 2‏:12

7:14 مىس. 31‏:3

7:15 2پاد. 25‏:16، 17؛ يەر. 52‏:21

7:21 «ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى» ــ «ياقىن» دېگەننىڭ مەنىسى بەلكىم «ئۇ مۇستەھكەملەيدۇ»، «بوئاز»نىڭ مەنىسى بەلكىم «ئۇنىڭدا كۈچ بار». ئوڭدىن سولغا ئوقۇغاندا «ئۇ (پەرۋەردىگار) كۈچ بىلەن ئۇنى (بۇ ئۆينى) مۇستەھكەملەيدۇ».

7:23 2تار. 4‏:2؛ يەر. 52‏:20

7:24 2تار. 4‏:3

7:26 «ئىككى مىڭ بات» ــ بىر بات 22 لىتر بولۇشى مۇمكىن ئىدى؛ ئۇنداقتا 2000 بات 44000 لىتر ئىدى. «دېڭىز»نىڭ شەكلى «داڭقان شەكلى»دىكى داس بولسا كېرەك.

7:29 «گۈل چەمبىرەك شەكلىدە زىننەتلەنگەنىدى» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا قانداق مەنىدە ئىشلىتىلگىنى بىزگە تېخى ئېنىق ئەمەس.

7:31 «ھەر تەگلىكنىڭ ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى بىر گەز كېلىدىغان «كىچىك تەگلىك» بولۇپ، ... ئۇلارنىڭ رامكىلىرى دۈگىلەك ئەمەس، بەلكى تۆت چاسىلىق ئىدى» ــ پۈتكۈل ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئالىملار تېخى تولۇق ئېنىقلىغان ئەمەس. بىزنىڭ «پەرەزىي سخېما»مىزنى كۆرۈڭ.

7:34 «ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىردىن تۆت تۇتقۇچى بار ئىدى» ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بۇرجەك» («مۈرىلىرى») دېگەن بۇ سۆزنىڭ مۇشۇ يەردە قانداق مەنىدە ئىشلىتىلگىنى تېخى ئېنىق ئەمەس. «تۇتقۇچى» دېگەن مەنىسى ئېھتىماللىققا ئەڭ يېقىن.

7:38 2تار. 4‏:6

7:48 «تەقدىم نانلار» ــ باشقا خىل تەرجىمىلىرى: «ھۇزۇرىي نان»لار، «خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى نان»لار) ياكى «تىزىلغان نان». ئۇلار ۋە ئالتۇن شىرە توغرۇلۇق «مىس.» 23:25-30 ۋە «لاۋ.» 5:24-9نى كۆرۈڭ.

7:48 مىس. 25‏:23؛ 30‏:1

7:51 2سام. 8‏:7، 11؛ 2تار. 5‏:1