8
سۇلايمان ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەتخانىغا ئەكىلىپ قويىدۇ
2تار. 5‏:2-14؛ 2تار. 6؛ 2تار. 7‏:1-10
شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا ئۆز يېنىغا يىغىلىشقا چاقىردى.««داۋۇت شەھىرى»...، يەنى زىئون...» ــ «زىئون» يېرۇسالېمنىڭ ئىچىدىكى ئېگىزلىك بولۇپ، شۇ يەرگە دائىم قورغان سېلىنىپ تۇراتتى. كېيىن ئىبادەتخانىمۇ زىئوندا قۇرۇلغان.  2سام. 5‏:9؛ 6‏:12، 17؛ 2تار. 5‏:2
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدىكى بېكىتىلگەن ھېيتتا سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى. «يەتتىنچى ئايدىكى بېكىتىلگەن ھېيت» ــ يەنى «كەپىلەر ھېيتى» ياكى «مېۋە ھوسۇل ھېيتى». بۇ ھېيت 7-ئاينىڭ 15-22 كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ («لاۋ.» 34:23-43). ئىسرائىلنىڭ ئەرلىرى ئۇنىڭغا يېرۇسالېمدا قاتنىشىشى لازىم ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى.«جامائەت چېدىرى» ــ يەنى «جامائەت يىغىلىدىغان چېدىر» ياكى «ئىبادەت چېدىرى».
سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشاتتى. كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ، كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى.«كالامخانا» ــ 16:6 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
چۈنكى كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. «بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا» ــ «بۈگۈنگە قەدەر...» دېگەن سۆزلەر ئىبادەتخانا تېخى ئۆز جايىدا تۇرغان ۋاقتىدا خاتىرىلەنگەن، ئەلۋەتتە، ۋە شۇڭلاشقا شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، «پادىشاھلار»نىڭ كۆپ قىسىملىرى يەھۇدادىكىلەرنىڭ سۈرگۈن بولۇشىدىن ئىلگىرى يېزىلغان. «2پاد.» 24-25 بابلىرىنى بەلكىم كېيىنكى بىر پۈتۈكچى قوشۇپ يازغان بولۇشى مۇمكىن. ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى).«ھورەب تېغى» ــ سىناي تېغىنىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر.  مىس. 34‏:27
10  ۋە شۇنداق بولدىكى، كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشىغىلا، بىر بۇلۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قاپلىۋالدى. 11  كاھىنلار بۇلۇت تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە ئۆرە تۇرالمايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى.مىس. 40‏:34، 35؛ 2تار. 7‏:2
12  بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛ مىس. 20‏:21؛ لاۋ. 16‏:2؛ قان. 4‏:11؛ 5‏:22؛ 2تار. 6‏:1
13  لېكىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن دەرۋەقە سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى.«سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «سېنىڭ ئۈچۈن بۇر تۇرالغۇ ماكان». «ھەيۋەتلىك ماكان» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «تۇرالغۇ ماكان». 14  ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 15  ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ داۋۇتقا يەنە: ــ
16  «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم؛ بىراق خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى. 2سام. 7‏:6؛ 2تار. 6‏:5 17  ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى. 2سام. 7‏:2؛ 1تار. 17‏:1؛ 2تار. 6‏:7 18  بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛ 19  ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى.
20  مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم. 21  ئۆيدە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر جاينى راستلىدىم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختىلىرى باردۇر».
 
سۇلايمان ئىسرائىل ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ
22  ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ 2تار. 6‏:12 23  مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن. 24  چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭگە مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەمەل قىلدىڭ. 25  ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك ماڭىدىغان بولسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن. 2سام. 7‏:12، 16؛ 1پاد. 2‏:4؛ زەب. 132‏:12 26  ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن!
27  لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! 2تار. 2‏:5؛ يەش. 66‏:1؛ يەر. 23‏:24؛ روس. 7‏:49 28  لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ بۈگۈن ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن؛ 29  شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە ئايان بولسۇن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. «ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا...» ــ ياكى بولمىسا: «ئۇ جاي توغرىسىدىكى دۇئاسى...».  قان. 12‏:11 30  قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجىسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
31  ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە، «ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا ... ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە...» ــ بۇنداق قەسەم توغرۇلۇق «چۆل.» 11:5-31نى كۆرۈڭ. «قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلسە...» مۇمكىنچىلىكى باركى، ئىسرائىلدا مۇشۇنداق قەسەملەرنى ئىچىش ئۈچۈن قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كېلىش كېرەك ئەمەس ئىدى، پەقەت: «خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى...» دېگەندەك سۆزلەر ئېيتىلغان بولسا «قۇربانگاھ ئۆز ئالدىدا تۇرغاندەك» ھېسابلىناتتى. 32  سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھقا تارتىپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ، ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن.
33  ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، ساڭا قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا، 34  سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن.
35  ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، 36  سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن!
37  ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا، 38  سېنىڭ خەلقىڭ بولغان ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق كىشى ئۆز كۆڭلىدىكى ۋابانى بىلىپ، ئۇلاردىن ھەرقايسى كىشى قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، ھەرقانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلغان بولسا، 39  ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، يالغۇز سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛ 40  شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقىدىغان بولىدۇ.
41  ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا 42  (چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ توغرىسىدا ئاڭلىيلايدۇ)، ــ ئۇنداق بىرسى كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا، 43  سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ.«بۇ ئۆي سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىدۇ» ــ بۇ ئىبارە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى توغرۇلۇق «بۇ ئۆي مېنىڭكىدۇر» ۋە «بۇ ئۆيدە مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىم ئايان قىلىنىدۇ» دېگەندەك ئىككى مەقسىتىنى كۆرسىتىدۇ.
44  ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا، 45  سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن.
46  ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا، 2تار. 6‏:36؛ پەند. 20‏:9؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8، 10 47  لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا، 48 ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغان دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ، ساڭا قاراپ دۇئا قىلسا، 49  سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، 50  ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى، ساڭا ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا رەھىم تاپقۇزغايسەنكى، شۇلار ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن 51  (چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭ مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش پېچىدىن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ ۋە ئۆز مىراسىڭدۇر)؛ 52  سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ئوچۇق بولغاي، ئۇلار ھەر ئىشتا ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىدە ئۇلارغا قۇلاق سالغايسەن؛ 53  چۈنكى سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!».مىس. 19‏:5؛ قان. 4‏:20؛ 7‏:6؛ 9‏:26، 29؛ 14‏:2
54  سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ، 55  ئۆرە تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى: ــ 56  «ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى!يە. 21‏:45
57  پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بولغاندەك بىز بىلەن بىللە بولغاي؛ ئۇ نە بىزدىن ۋاز كەچمىسۇن نە بىزنى تاشلىمىسۇن؛ 58  بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبىمىزنى ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۆزى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تۇتۇشقا ئۆزىگە مايىل قىلغاي؛ 59  مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلغان بۇ سۆزلىرىم كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىدا تۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، خەلقىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كۈندىكى دەردىگە يەتكەيسەن؛ 60  شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر پەرۋەردىگار ئۆزى خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېچقايسىسى يوقتۇر دەپ بىلگەي، قان. 4‏:35، 39 61  شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!».
 
سۇلايمان ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتايدۇ
62  ۋە پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى قىلدى. 63  سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا ۋە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. پادىشاھ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدى. 2تار. 7‏:5-10 64  شۇ كۈنى پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى. 2تار. 7‏:7 65  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن ۋە يەنە يەتتە كۈن، جەمئىي ئون تۆت كۈنگىچىلىك ھېيت ئۆتكۈزدى. «خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ...» ــ ياكى «لىبو-خاماتتىن تارتىپ». «...جامائەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن ۋە يەنە يەتتە كۈن، جەمئىي ئون تۆت كۈنگىچىلىك ھېيت ئۆتكۈزدى» ــ «كەپىلەر ھېيتى»نىڭ بېكىتىلگەن ۋاقتى يەتتە كۈن ئىدى. ئىسرائىللار مۇشۇ ۋاقىتقا يەنە يەتتە كۈن قوشتى. 66  سەككىزىنچى كۈنىدە ئۇ خەلقنى قايتۇردى؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ بەختىنى تىلىدى؛ ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى داۋۇتقا ۋە خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتىپ كەتتى.«سەككىزىنچى كۈنىدە» ــ دېمەك، ئىككىنچى «يەتتە كۈن»دىن كېيىنكى كۈندە.
 
 

8:1 ««داۋۇت شەھىرى»...، يەنى زىئون...» ــ «زىئون» يېرۇسالېمنىڭ ئىچىدىكى ئېگىزلىك بولۇپ، شۇ يەرگە دائىم قورغان سېلىنىپ تۇراتتى. كېيىن ئىبادەتخانىمۇ زىئوندا قۇرۇلغان.

8:1 2سام. 5‏:9؛ 6‏:12، 17؛ 2تار. 5‏:2

8:2 «يەتتىنچى ئايدىكى بېكىتىلگەن ھېيت» ــ يەنى «كەپىلەر ھېيتى» ياكى «مېۋە ھوسۇل ھېيتى». بۇ ھېيت 7-ئاينىڭ 15-22 كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ («لاۋ.» 34:23-43). ئىسرائىلنىڭ ئەرلىرى ئۇنىڭغا يېرۇسالېمدا قاتنىشىشى لازىم ئىدى.

8:4 «جامائەت چېدىرى» ــ يەنى «جامائەت يىغىلىدىغان چېدىر» ياكى «ئىبادەت چېدىرى».

8:6 «كالامخانا» ــ 16:6 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

8:8 «بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا» ــ «بۈگۈنگە قەدەر...» دېگەن سۆزلەر ئىبادەتخانا تېخى ئۆز جايىدا تۇرغان ۋاقتىدا خاتىرىلەنگەن، ئەلۋەتتە، ۋە شۇڭلاشقا شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، «پادىشاھلار»نىڭ كۆپ قىسىملىرى يەھۇدادىكىلەرنىڭ سۈرگۈن بولۇشىدىن ئىلگىرى يېزىلغان. «2پاد.» 24-25 بابلىرىنى بەلكىم كېيىنكى بىر پۈتۈكچى قوشۇپ يازغان بولۇشى مۇمكىن.

8:9 «ھورەب تېغى» ــ سىناي تېغىنىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر.

8:9 مىس. 34‏:27

8:11 مىس. 40‏:34، 35؛ 2تار. 7‏:2

8:12 مىس. 20‏:21؛ لاۋ. 16‏:2؛ قان. 4‏:11؛ 5‏:22؛ 2تار. 6‏:1

8:13 «سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «سېنىڭ ئۈچۈن بۇر تۇرالغۇ ماكان». «ھەيۋەتلىك ماكان» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «تۇرالغۇ ماكان».

8:16 2سام. 7‏:6؛ 2تار. 6‏:5

8:17 2سام. 7‏:2؛ 1تار. 17‏:1؛ 2تار. 6‏:7

8:22 2تار. 6‏:12

8:25 2سام. 7‏:12، 16؛ 1پاد. 2‏:4؛ زەب. 132‏:12

8:27 2تار. 2‏:5؛ يەش. 66‏:1؛ يەر. 23‏:24؛ روس. 7‏:49

8:29 «ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا...» ــ ياكى بولمىسا: «ئۇ جاي توغرىسىدىكى دۇئاسى...».

8:29 قان. 12‏:11

8:31 «ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا ... ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە...» ــ بۇنداق قەسەم توغرۇلۇق «چۆل.» 11:5-31نى كۆرۈڭ. «قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلسە...» مۇمكىنچىلىكى باركى، ئىسرائىلدا مۇشۇنداق قەسەملەرنى ئىچىش ئۈچۈن قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كېلىش كېرەك ئەمەس ئىدى، پەقەت: «خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى...» دېگەندەك سۆزلەر ئېيتىلغان بولسا «قۇربانگاھ ئۆز ئالدىدا تۇرغاندەك» ھېسابلىناتتى.

8:43 «بۇ ئۆي سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىدۇ» ــ بۇ ئىبارە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى توغرۇلۇق «بۇ ئۆي مېنىڭكىدۇر» ۋە «بۇ ئۆيدە مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىم ئايان قىلىنىدۇ» دېگەندەك ئىككى مەقسىتىنى كۆرسىتىدۇ.

8:46 2تار. 6‏:36؛ پەند. 20‏:9؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8، 10

8:53 مىس. 19‏:5؛ قان. 4‏:20؛ 7‏:6؛ 9‏:26، 29؛ 14‏:2

8:56 يە. 21‏:45

8:60 قان. 4‏:35، 39

8:63 2تار. 7‏:5-10

8:64 2تار. 7‏:7

8:65 «خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ...» ــ ياكى «لىبو-خاماتتىن تارتىپ». «...جامائەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن ۋە يەنە يەتتە كۈن، جەمئىي ئون تۆت كۈنگىچىلىك ھېيت ئۆتكۈزدى» ــ «كەپىلەر ھېيتى»نىڭ بېكىتىلگەن ۋاقتى يەتتە كۈن ئىدى. ئىسرائىللار مۇشۇ ۋاقىتقا يەنە يەتتە كۈن قوشتى.

8:66 «سەككىزىنچى كۈنىدە» ــ دېمەك، ئىككىنچى «يەتتە كۈن»دىن كېيىنكى كۈندە.