كورىنتۇسلۇقلارغا «2»
1
روسۇل پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان ئىككىنچى مەكتۇپ
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بېكىتىلگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىنداش بولغان تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، خۇدانىڭ جامائىتىگە ۋە شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئاخايا ئۆلكىسىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام! فىل. 1‏:1. ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، رەھىمدىللىقلارنىڭ ئىگىسى ئاتا، بارلىق رىغبەت-تەسەللىنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلغاي! ئ‍ەف. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:3. بىز ئۇچرىغان ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتتە ئۇ بىزگە رىغبەت-تەسەللى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدا تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن رىغبەت-تەسەللى بىلەن ھەرقانداق باشقا جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلارغا رىغبەت-تەسەللى بېرەلەيدىغان بولدۇق. 2كور. 7‏:6. چۈنكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. «مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ» ــ «مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» بولسا بەلكىم پاۋلۇس ۋە بۇرادەرلىرىنىڭ مەسىھگە باغلانغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى خۇدادىن كەلگەن، بىرخىل ئىمتىياز ۋە بەرىكەت سۈپىتىدە قارايدۇ. «فىلىپپىلىقلارغا» بولغان «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە «مەسىھنىڭ ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك» توغرۇلۇق سۆزىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.   زەب. 34‏:19؛ 94‏:19. 6‏-7 ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ؛ بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى سىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولساڭلار، ئوخشاشلا رىغبەت-تەسەللىدىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولىسىلەر دەپ بىلىمىز. «ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ» ــ روسۇل پاۋلۇس ھەردائىم ئۆزى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر باشقىلاردا تەسەللى-رىغبەت ۋە نىجات ھاسىل قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دائىم ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بىرخىل بەخت ۋە ئىمتىياز سۈپىتىدە رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى. «فىلىپپىلىقلارغا» بولغان «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە «مەسىھنىڭ ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك» توغرۇلۇق سۆزىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. «شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر» ــ روسۇل، كورىنتتىكى قېرىنداشلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسىلا، بەلكىم ئېتىقادتىن تانىدۇ، دېگەن ئەنسىرەشتىن خالىي بولدۇم، دېمەكچى.   2كور. 4‏:17. چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئاسىيادا بىز دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمىز؛ ئۇ ۋاقىتلاردا بىز چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدۇق، ھەتتا ھاياتنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىد ئۈزگۈدەك بولغانىدۇق؛ روس. 19‏:23. ئەمما ئۆزىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگۈچى خۇداغا تايىنىشىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغاندەك يۈرەتتۇق. «ئەمما ۆزىمىزگە ئەمەس،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «دەرۋەقە، ئۆزىمىزگە ئەمەس...».   يەر. 17‏:5، 7. 10 ئۇ بىزنى بۇنداق دەھشەتلىك بىر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ۋە ھازىر قۇتقۇزماقتا، ۋە بىزنى يەنىلا قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىدۇق؛ 1كور. 15‏:31. 11 سىلەرمۇ بۇنىڭدا ھەم بىز ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن مەدەت بېرىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق قىلىپ تالاي ئادەملەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىزگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپات تۈپەيلىدىن تالاي ئادەملەر خۇداغا رەھمەتلەر ئېيتىدىغان بولىدۇ. رىم. 15‏:30؛ 2كور. 4‏:15؛ فىل. 1‏:19.
 
پاۋلۇسنىڭ زىيارەتنى كەينىگە سۈرۈشى
12 چۈنكى پەخرىمىز، يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، خۇدانىڭ ئالدىدا ساپ نىيەتلەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن (ئىنسانىي پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن) بىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ۋە بولۇپمۇ سىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالىدىغان بولدۇق. 13‏-14 چۈنكى سىلەرگە يازغىنىمىز ئوقۇيالايدىغان ۋە تونۇپ يېتەلەيدىغاندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس؛ لېكىن مەن سىلەرنىڭ بىزنى قىسمەن تونۇپ يەتكىنىڭلار بويىچە رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز بولىدىغىنىڭلاردەك بىزلەرنىمۇ سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولىدۇ دەپ بىزنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. «چۈنكى سىلەرگە يازغىنىمىز ئوقۇيالايدىغان ۋە تونۇپ يېتەلەيدىغاندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس؛ لېكىن مەن سىلەرنىڭ بىزنى قىسمەن تونۇپ يەتكىنىڭلار بويىچە رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز بولىدىغىنىڭلاردەك بىزلەرنىمۇ سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولىدۇ دەپ بىزنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» ــ كورىنتلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پاۋلۇس ۋە تىموتىينى چۈشەنمىگەن يەرلىرى تولا ئىدى. مۇشۇ يەردە پاۋلۇس ئۆزىنىڭ «ئۇلاردىن مۇستەقىل» تەكەببۇر ئادەم ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ رىغبەتلەندۈرىدۇ. پاۋلۇس ئۆزىنى ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئېھتىياجلىق، دەيدۇ (12). شۇڭا «رەب ئەيسانىڭ كۈنى» (دۇنياغا قايتىش كۈنى)دە ئۇلارنىڭ پاۋلۇس ھەم تىموتىيدا بولغان تۆھپىسى كۆرۈلىدۇ (دېمەك، شۇ كۈنىدە «بىزلەرمۇ سىلەرنىڭ پەخىرىڭلار بولىمىز»). 15 شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىشەنچتە بولۇپ مەن ئەسلىدە ئىككىنچى قېتىم سىلەرگە مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزۈشكە ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم؛ «ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم» ــ «ئاۋۋال» بەلكىم «ماكېدونىياغا بېرىشتىن ئاۋۋال» دېگەن مەنىدە (16-ئايەت، «1كور.» 5:16-6، «2كور.» 12:2نى كۆرۈڭ).   1كور. 16‏:5. 16 يەنى، قېشىڭلاردىن ماكېدونىيەگە ئۆتۈپ، ئاندىن ماكېدونىيەدىن يەنە قېشىڭلارغا كېلىشنى، شۇنداقلا سىلەر تەرىپىڭلاردىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ئۇزىتىلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدىم. 17 مەندە شۇنداق نىيەت بولغاندا، مەن ئۇنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلغانمۇ؟ مەن نىيەت قىلغاندا، مەندە «ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك: بىردەم «بەرھەق، بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق، ياق» دېيىش بارمۇ؟ «مەندە شۇنداق نىيەت بولغاندا، مەن ئۇنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلغانمۇ؟» ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ ئوي-نىيىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغانىدى. شۇڭا كورىنتلىقلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى «تۇتامى يوق ئادەم» دەپ ئەيىبلەيتتى. «مەن نىيەت قىلغاندا، مەندە «ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك: بىردەم «بەرھەق، بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق، ياق» دېيىش بارمۇ؟» ــ ««ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك» دېگەن نېمە مەنىسى؟ «ئەتلىك» بولسا ئىنسانلارنىڭ ئادەتتە ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇلارغا تايانماسلىق كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ قارغۇلارچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «ئەت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 18 ئەمما خۇدا ئۆز سۆزىدە تۇرغىنىدەك، بىزنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىمىز بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» بولمايدۇ؛ مات. 5‏:37؛ ياق. 5‏:12. 19 چۈنكى بىز (مەن ۋە سىلۋانۇس ۋە تىموتىي)نىڭ ئاراڭلاردا جاكارلىغىنىمىز ــ خۇدانىڭ ئوغلى، ئەيسا مەسىھ، بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» ئەمەستۇر؛ بەلكى ئۇنىڭدا «بەرھەق»لا باردۇر. «سىلۋانۇس» ــ شۈبھىسىزكى، ئىنجىلدىكى باشقا يەرلەردە «سىلاس» شەكلىدە ئۇچرايدۇ (مەسىلەن، «روس.» 5:18). 20 چۈنكى خۇدانىڭ قانچىلىك ۋەدىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇنىڭدا «بەرھەق»تۇر، ۋە بىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىمۇ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان «ئامىن» باردۇر. «چۈنكى خۇدانىڭ قانچىلىك ۋەدىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇنىڭدا «بەرھەق»تۇر، ۋە بىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىمۇ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان «ئامىن» باردۇر» ــ «ئامىن» دېگەن سۆز دۇئاغا، مەلۇم ئارزۇ-تىلەككە ياكى مەلۇم ۋەز-تەلىمگە «شۇنداق بولغاي، خۇدايىم!»، «قوشۇلدۇم!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 21 ئەمدى بىزلەرنى سىلەر بىلەن بىللە مەسىھدە چىڭ تۇرغۇزغۇچى بولغىنى ھەم بىزنى مەسىھلىگىنى بولسا خۇدادۇر. «بىزلەرنى سىلەر بىلەن بىللە مەسىھدە چىڭ تۇرغۇزغۇچى بولغىنى ھەم بىزنى مەسىھلىگىنى بولسا خۇدادۇر» ــ «مەسىھلىنىش» ياكى «مەسىھ قىلىنىش»نىڭ ئومۇمىي مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەۋرات «يەش.» 1:61دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. رەب ئەيسا مەسىھ خىزمىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس روھ بىلەن «مەسىھ قىلىنىپ» كۈچەيتىلگەندەك، ھەربىر ئېتىقادچى ئوخشاشلا مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغىنىدا، خۇدا بىزگە تاپشۇرغان خىزمەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھى (مۇقەددەس روھ) بىلەنمۇ «مەسىھ قىلىنىدۇ» شۇنداقلا روھتا كۈچەيتىلگەن بولىدۇ. 22 ئۇ يەنە ئۈستىمىزگە مۆھۈر بېسىپ، قەلبىمىزگە ئۆز روھىنى «كاپالەت» بولۇشقا ئاتا قىلدى. «ئۇ يەنە ئۈستىمىزگە مۆھۈر بېسىپ...» ــ (مۇقەددەس روھ بىلەن) «مۆھۈر بېسىش» توغرۇلۇق «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ئادەملىرىنىڭ ئۈستىگە: «مېنىڭكىدۇر» دەپ باسقان ئىگىدارچىلىق مۆھۈرىدۇر. «قەلبىمىزگە ئۆز روھىنى «كاپالەت» بولۇشقا ئاتا قىلدى» ــ «ئۆز روھى» گرېك تىلىدا پەقەت «روھ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كاپالەت» توغرۇلۇق: ــبۇ ئايەت تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: ــ
(1) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ «تولۇق مىراس»نى ئىگىلىۋالغۇچە، مۇقەددەس روھ ھەربىر ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇ مىراسىنى تېتىتىپ، ۋۇجۇدىدا مىراسنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
(2) يەنە كېلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ ئىشەنگۈچىنىڭ قەلبىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بۇ مىراسقا چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىغا خۇدانىڭ ئۆز كاپالىتىدۇر.
   رىم. 8‏:16؛ 2كور. 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13؛ 4‏:30.
 
روسۇل پاۋلۇسنىڭ ئۇلارنى يوقلاپ بېرىشىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى
23 ئەمما خۇدانى ئۆز جېنىمغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەنكى، كورىنتقا تېخى بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى كۆڭلۇڭلارنى ئاياش ئۈچۈن ئىدى. رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1. 24 ھەرگىز ئۆزىمىزنى ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرمىز، دېمەك، بەلكى سىلەرنىڭ شاد-خۇراملىقىڭلارنى ئاشۇرۇشقا سىلەرگە ھەمكارلاشقۇچىلارمىز؛ چۈنكى سىلەر ئېتىقاد ئارقىلىقلا مەزمۇت تۇرىسىلەر. 1پېت. 5‏:3.
 
 

1:1 فىل. 1‏:1.

1:2 رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.

1:3 ئ‍ەف. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:3.

1:4 2كور. 7‏:6.

1:5 «مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ» ــ «مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» بولسا بەلكىم پاۋلۇس ۋە بۇرادەرلىرىنىڭ مەسىھگە باغلانغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى خۇدادىن كەلگەن، بىرخىل ئىمتىياز ۋە بەرىكەت سۈپىتىدە قارايدۇ. «فىلىپپىلىقلارغا» بولغان «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە «مەسىھنىڭ ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك» توغرۇلۇق سۆزىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

1:5 زەب. 34‏:19؛ 94‏:19.

1:6‏-7 «ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ» ــ روسۇل پاۋلۇس ھەردائىم ئۆزى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر باشقىلاردا تەسەللى-رىغبەت ۋە نىجات ھاسىل قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دائىم ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بىرخىل بەخت ۋە ئىمتىياز سۈپىتىدە رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى. «فىلىپپىلىقلارغا» بولغان «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە «مەسىھنىڭ ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك» توغرۇلۇق سۆزىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. «شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر» ــ روسۇل، كورىنتتىكى قېرىنداشلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسىلا، بەلكىم ئېتىقادتىن تانىدۇ، دېگەن ئەنسىرەشتىن خالىي بولدۇم، دېمەكچى.

1:6‏-7 2كور. 4‏:17.

1:8 روس. 19‏:23.

1:9 «ئەمما ۆزىمىزگە ئەمەس،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «دەرۋەقە، ئۆزىمىزگە ئەمەس...».

1:9 يەر. 17‏:5، 7.

1:10 1كور. 15‏:31.

1:11 رىم. 15‏:30؛ 2كور. 4‏:15؛ فىل. 1‏:19.

1:13‏-14 «چۈنكى سىلەرگە يازغىنىمىز ئوقۇيالايدىغان ۋە تونۇپ يېتەلەيدىغاندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس؛ لېكىن مەن سىلەرنىڭ بىزنى قىسمەن تونۇپ يەتكىنىڭلار بويىچە رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز بولىدىغىنىڭلاردەك بىزلەرنىمۇ سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولىدۇ دەپ بىزنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» ــ كورىنتلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پاۋلۇس ۋە تىموتىينى چۈشەنمىگەن يەرلىرى تولا ئىدى. مۇشۇ يەردە پاۋلۇس ئۆزىنىڭ «ئۇلاردىن مۇستەقىل» تەكەببۇر ئادەم ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ رىغبەتلەندۈرىدۇ. پاۋلۇس ئۆزىنى ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئېھتىياجلىق، دەيدۇ (12). شۇڭا «رەب ئەيسانىڭ كۈنى» (دۇنياغا قايتىش كۈنى)دە ئۇلارنىڭ پاۋلۇس ھەم تىموتىيدا بولغان تۆھپىسى كۆرۈلىدۇ (دېمەك، شۇ كۈنىدە «بىزلەرمۇ سىلەرنىڭ پەخىرىڭلار بولىمىز»).

1:15 «ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم» ــ «ئاۋۋال» بەلكىم «ماكېدونىياغا بېرىشتىن ئاۋۋال» دېگەن مەنىدە (16-ئايەت، «1كور.» 5:16-6، «2كور.» 12:2نى كۆرۈڭ).

1:15 1كور. 16‏:5.

1:17 «مەندە شۇنداق نىيەت بولغاندا، مەن ئۇنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلغانمۇ؟» ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ ئوي-نىيىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغانىدى. شۇڭا كورىنتلىقلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى «تۇتامى يوق ئادەم» دەپ ئەيىبلەيتتى. «مەن نىيەت قىلغاندا، مەندە «ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك: بىردەم «بەرھەق، بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق، ياق» دېيىش بارمۇ؟» ــ ««ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك» دېگەن نېمە مەنىسى؟ «ئەتلىك» بولسا ئىنسانلارنىڭ ئادەتتە ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇلارغا تايانماسلىق كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ قارغۇلارچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «ئەت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:18 مات. 5‏:37؛ ياق. 5‏:12.

1:19 «سىلۋانۇس» ــ شۈبھىسىزكى، ئىنجىلدىكى باشقا يەرلەردە «سىلاس» شەكلىدە ئۇچرايدۇ (مەسىلەن، «روس.» 5:18).

1:20 «چۈنكى خۇدانىڭ قانچىلىك ۋەدىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇنىڭدا «بەرھەق»تۇر، ۋە بىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىمۇ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان «ئامىن» باردۇر» ــ «ئامىن» دېگەن سۆز دۇئاغا، مەلۇم ئارزۇ-تىلەككە ياكى مەلۇم ۋەز-تەلىمگە «شۇنداق بولغاي، خۇدايىم!»، «قوشۇلدۇم!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

1:21 «بىزلەرنى سىلەر بىلەن بىللە مەسىھدە چىڭ تۇرغۇزغۇچى بولغىنى ھەم بىزنى مەسىھلىگىنى بولسا خۇدادۇر» ــ «مەسىھلىنىش» ياكى «مەسىھ قىلىنىش»نىڭ ئومۇمىي مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەۋرات «يەش.» 1:61دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. رەب ئەيسا مەسىھ خىزمىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس روھ بىلەن «مەسىھ قىلىنىپ» كۈچەيتىلگەندەك، ھەربىر ئېتىقادچى ئوخشاشلا مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغىنىدا، خۇدا بىزگە تاپشۇرغان خىزمەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھى (مۇقەددەس روھ) بىلەنمۇ «مەسىھ قىلىنىدۇ» شۇنداقلا روھتا كۈچەيتىلگەن بولىدۇ.

1:22 «ئۇ يەنە ئۈستىمىزگە مۆھۈر بېسىپ...» ــ (مۇقەددەس روھ بىلەن) «مۆھۈر بېسىش» توغرۇلۇق «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ئادەملىرىنىڭ ئۈستىگە: «مېنىڭكىدۇر» دەپ باسقان ئىگىدارچىلىق مۆھۈرىدۇر. «قەلبىمىزگە ئۆز روھىنى «كاپالەت» بولۇشقا ئاتا قىلدى» ــ «ئۆز روھى» گرېك تىلىدا پەقەت «روھ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كاپالەت» توغرۇلۇق: ــبۇ ئايەت تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: ــ (1) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ «تولۇق مىراس»نى ئىگىلىۋالغۇچە، مۇقەددەس روھ ھەربىر ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇ مىراسىنى تېتىتىپ، ۋۇجۇدىدا مىراسنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. (2) يەنە كېلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ ئىشەنگۈچىنىڭ قەلبىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بۇ مىراسقا چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىغا خۇدانىڭ ئۆز كاپالىتىدۇر.

1:22 رىم. 8‏:16؛ 2كور. 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13؛ 4‏:30.

1:23 رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1.

1:24 1پېت. 5‏:3.