2
لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم. «لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم» ــ بۇ جۈملىدىن كۆرىمىزكى، پاۋلۇسنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىشى ئىككىلا تەرەپكە ئېغىر، ئازارلىق ئىش ئىدى. «ئىچىمدە ... قارارغا كەلدىم» دېگەن سۆز بەلكىم پەقەت ئۇلارنى دەپ ئەمەس، بەلكىم «ئۆزۈمگىمۇ ئازابلىق بولمىسۇن» دەپ شۇنداق قارار قىلدىم، دەپ پۇرىتىدۇ. چۈنكى ئەگەر مەن سىلەرگە ئازار بەرسەم، مېنىڭ تۈپەيلىمدىن ئازار يېگەنلەردىن باشقا قايسىبىرى مېنى شادلاندۇرالىسۇن؟ مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم؛ چۈنكى مېنىڭ شادلىقىم سىلەر ھەممىڭلارنىڭمۇ شادلىقىدۇر دەپ سىلەر ھەممىڭلارغا ئىشەنچ باغلىدىم. «مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم» ــ «شۇ خەت» بولسا «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، «كورىنتلىقلارغا (1)» ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر خەتنى كۆرسىتىدۇ.   2كور. 8‏:22؛ گال. 5‏:10. چۈنكى ئەسلىدە ئۆزۈم ئېغىر ئازاب ئىچىدە قەلبىمدىكى دەرد-ئەلەمدىن كۆپ كۆز ياشلىرىمنى تۆككۈزۈپ تۇرۇپ سىلەرگە شۇ خەتنى يازغانىدىم؛ مەقسىتىم سىلەرگە ئازار بېرىش ئەمەس، بەلكى سىلەرگە چوڭقۇر باغلانغان، ئېشىپ تاشقان مۇھەببىتىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى.
 
گۇناھكارنى قايتىدىن قوبۇل قىلىش
ئەمما بىرەرسى ئازار يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئازار يەتكۈزگىنى مەن ئەمەس دەيمەن، ئۇ بەلكى مەلۇم دەرىجىدە (بۇ ئىشنى زىيادە ئېغىر قىلغۇم يوق) ھەممىڭلارغا ئازار يەتكۈزدى. بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر؛ «بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر» ــ بەزى ئالىملار «بۇنداق ئادەم»نى پاۋلۇس بىرىنچى خېتىدە ئالاھىدە ئەيىبلىگەن كىشى («1كور.» 5-باب) دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بولسا ئۇ كېيىنكى، كۆپ ئادەملەرگە «ئازار بەرگەن»، «زىيان-زەخمەت قىلغۇچى» يەنە بىر كىشى ئىدى (12:7 ۋە «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ).   1كور. 5‏:3. شۇڭا ھازىر ئەكسىچە، سىلەر ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ رىغبەت-تەسەللى بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ؛ بولمىسا بۇنداق بىر كىشى بەلكىم غايەت زور دەرد-ئەلەمدىن ئۆزىنى يوقىتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلارنى جېكىلەيمەن. شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم. «شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم» ــ «ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلار»: پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىتائەتمەن بولۇشى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق كەلگەن سۆزىگە ئىتائەتمەن بولۇشىنى خالايتتى، ئەلۋەتتە. 10 لېكىن سىلەر قايسىبىرىنى مەلۇم ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ ھەم ئۇنى شۇنداق قىلغان بولىمەن؛ مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا (بىرەر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغان بولسام)، مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم. «مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا ... مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم» ــ «مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا»: باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەسىھنىڭ ۋۇجۇدىدا» ياكى «مەسىھنىڭ شەخسىيىتىدە» (دېمەك، مەسىھنىڭ ئورنىدا ياكى مەسىھنىڭ نامىدا). بۇنىڭ ۋە تەرجىمىمىزنىڭ مەنىسى ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق. 11 شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز. «شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز» ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
12 ئەمدى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا تروئاس شەھىرىگە كەلگىنىمدە ۋە شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن پۇرسەت ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن، «شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن پۇرسەت ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن...» ــ گرېك تىلىدا «شۇنداقلا رەبدە پۇرسەت ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن...».   روس. 16‏:8. 13 قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم. «قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم» ــ زور مۇمكىنچىلىكى باركى، تىتۇس كورىنتتىكى قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان، لېكىن تېخى تروئاسقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كورىنتلىقلارنىڭ غېمىنى يەۋاتقان پاۋلۇس تروئاستا تۇرغىنىدا كۆڭلى ئارام تاپمىدى. گەرچە خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا «پۇرسەت ئىشىكى ئېچىلغان» بولسىمۇ، ئۇ ئۇنىڭدىن (ۋاقتىنچە) پايدىلانماي كورىنتلىقلارنىڭ خەۋىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن تىتۇسنى ئىزدەپ ئۇ يەردىن كەتتى. بىر يىلدىن كېيىنمۇ تروئاستىكى بۇ «پۇرسەت ئىشىكى» تېخى ئوچۇق تۇرغان بولسا كېرەك («روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى» 6:20). 14 ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان، بىز ئارقىلىق ھەر يەردە ئۆزىگە دوست تارتقۇچى خۇشپۇراقنى چاچقۇچى خۇداغا تەشەككۈر! «ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان...خۇداغا تەشەككۈر!» ــ «غالىبانە باشلايدىغان» گرېك تىلىدىكى بۇ سۆز ئادەتتە سەردار ياكى پادىشاھ زەپەر قۇچقان قوشۇنىنى شەرەپلىك، تەنتەنىلىك يۈرۈشتە ئۆز يۇرتىغا باشلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.   كول. 1‏:27. 15 چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛ 16 كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ «كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇنداقكى: ــ «ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار» بولسا، «روھىي ئۆلۈم»دە تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۇ خەتەرلىك ئەھۋالىنى خۇدانىڭ ئادەملىرى ئۇلارغا پۇرىتىدۇ؛ مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى تېپىۋاتقانلارغا بولسا، خۇدانىڭ ئادەملىرى ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ خۇشبۇيىنى، ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھايات-تۇرمۇشى ئارقىلىق پۇرىتىپ بىلدۈرىدۇ.   لۇقا 2‏:34. 17 چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام-سۆزىنى سودا-سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن ئەۋەتىلگەنلەر سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز.
 
 

2:1 «لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم» ــ بۇ جۈملىدىن كۆرىمىزكى، پاۋلۇسنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىشى ئىككىلا تەرەپكە ئېغىر، ئازارلىق ئىش ئىدى. «ئىچىمدە ... قارارغا كەلدىم» دېگەن سۆز بەلكىم پەقەت ئۇلارنى دەپ ئەمەس، بەلكىم «ئۆزۈمگىمۇ ئازابلىق بولمىسۇن» دەپ شۇنداق قارار قىلدىم، دەپ پۇرىتىدۇ.

2:3 «مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم» ــ «شۇ خەت» بولسا «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، «كورىنتلىقلارغا (1)» ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر خەتنى كۆرسىتىدۇ.

2:3 2كور. 8‏:22؛ گال. 5‏:10.

2:6 «بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر» ــ بەزى ئالىملار «بۇنداق ئادەم»نى پاۋلۇس بىرىنچى خېتىدە ئالاھىدە ئەيىبلىگەن كىشى («1كور.» 5-باب) دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بولسا ئۇ كېيىنكى، كۆپ ئادەملەرگە «ئازار بەرگەن»، «زىيان-زەخمەت قىلغۇچى» يەنە بىر كىشى ئىدى (12:7 ۋە «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ).

2:6 1كور. 5‏:3.

2:9 «شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم» ــ «ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلار»: پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىتائەتمەن بولۇشى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق كەلگەن سۆزىگە ئىتائەتمەن بولۇشىنى خالايتتى، ئەلۋەتتە.

2:10 «مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا ... مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم» ــ «مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا»: باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەسىھنىڭ ۋۇجۇدىدا» ياكى «مەسىھنىڭ شەخسىيىتىدە» (دېمەك، مەسىھنىڭ ئورنىدا ياكى مەسىھنىڭ نامىدا). بۇنىڭ ۋە تەرجىمىمىزنىڭ مەنىسى ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق.

2:11 «شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز» ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

2:12 «شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن پۇرسەت ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن...» ــ گرېك تىلىدا «شۇنداقلا رەبدە پۇرسەت ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن...».

2:12 روس. 16‏:8.

2:13 «قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم» ــ زور مۇمكىنچىلىكى باركى، تىتۇس كورىنتتىكى قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان، لېكىن تېخى تروئاسقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كورىنتلىقلارنىڭ غېمىنى يەۋاتقان پاۋلۇس تروئاستا تۇرغىنىدا كۆڭلى ئارام تاپمىدى. گەرچە خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا «پۇرسەت ئىشىكى ئېچىلغان» بولسىمۇ، ئۇ ئۇنىڭدىن (ۋاقتىنچە) پايدىلانماي كورىنتلىقلارنىڭ خەۋىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن تىتۇسنى ئىزدەپ ئۇ يەردىن كەتتى. بىر يىلدىن كېيىنمۇ تروئاستىكى بۇ «پۇرسەت ئىشىكى» تېخى ئوچۇق تۇرغان بولسا كېرەك («روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى» 6:20).

2:14 «ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان...خۇداغا تەشەككۈر!» ــ «غالىبانە باشلايدىغان» گرېك تىلىدىكى بۇ سۆز ئادەتتە سەردار ياكى پادىشاھ زەپەر قۇچقان قوشۇنىنى شەرەپلىك، تەنتەنىلىك يۈرۈشتە ئۆز يۇرتىغا باشلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

2:14 كول. 1‏:27.

2:16 «كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇنداقكى: ــ «ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار» بولسا، «روھىي ئۆلۈم»دە تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۇ خەتەرلىك ئەھۋالىنى خۇدانىڭ ئادەملىرى ئۇلارغا پۇرىتىدۇ؛ مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى تېپىۋاتقانلارغا بولسا، خۇدانىڭ ئادەملىرى ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ خۇشبۇيىنى، ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھايات-تۇرمۇشى ئارقىلىق پۇرىتىپ بىلدۈرىدۇ.

2:16 لۇقا 2‏:34.