ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا
1
روسۇل پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان مەكتۇپ
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلارغا سالام! «ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلار...» ــ «مۇقەددەس بەندىلەر»: ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق بولسۇنكى، مۇقەددەس كىتابتا «مۇقەددەس» دېگەن سۆز ھەردائىم «خۇداغا خاس»، «خۇداغا تولۇق ئاتالغان»، «پاك-مۇقەددەس» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.   رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:2؛ 2كور. 1‏:1. ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! گال. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:2.
بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى مۇبارەك بولغاي! «ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر» ــ ياكى «ئەرشتىكى يەرلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر». «بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى...» ــ خۇدانىڭ نەزىرىدە، ئىشەنگۈچىلەر روھىي جەھەتتىن ئاللىقاچان «مەسىھ بىلەن ئەرشلەردە ئولتۇرغان»دۇر. 20-ئايەتنى كۆرۈڭ.
«مۇبارەك بولغاي» مۇشۇ يەردە «مەدھىيىلەنسۇن» ياكى «ئەڭ بەختلىك بولغاي» دېگەن مەنىدە.
گرېك تىلىدا 3-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەر پەقەت ئۇزۇن بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈشۈنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلدۇق.
   2كور. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:3. چۈنكى ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ «...ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى...» ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە «مۇھەببەت ئىچىدە» ياكى «مۇھەببەت بىلەن» 5-ئايەتكە باغلىق. 5-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.   لۇقا 1‏:75؛ يـۇھ. 15‏:16؛ ئ‍ەف. 5‏:27؛ كول. 1‏:22؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 2‏:12. ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛ «ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى..» ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە 4-ئايەتتتىكى «مۇھەببەت ئىچىدە» ياكى «مۇھەببەت بىلەن» بۇ 5-ئايەتكە باغلانغان. دېمەك، 5-4-ئايەت: «چۈنكى ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ ئۇ مۇھەببەت بىلەن ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛» دېيىلىدۇ. بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى. «ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى» ــ «ئۆز سۆيگىنى» ــ ئوغلى ئەيسا مەسىھتۇر.   مات. 3‏:17. بىز ئۇنىڭدا ئاتىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق؛ «بىز ئۇنىڭدا ئاتىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق...» ــ «ئۇنىڭدا» ــ مەسىھتە. «قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىش» ــ گرېك تىلىدا بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئادەتتە قۇلنى ھۆر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ شاپائەتچى پۇل بېرىپ ئۇنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ ئەركىن قىلىدۇ. روسۇل ئېيتقان بۇ قۇللۇق، گۇناھنىڭ ۋە جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىگە ئەسىر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنجىلدىكى «ھۆر قىلىش» («ئاپولۇتروسىس») تەۋراتتىكى «ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزۇش» («گوئەل») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.   روس. 20‏:28؛ كول. 1‏:14؛ ئىبر. 9‏:12؛ 1پېت. 1‏:18. ئۇ بۇ مېھىر-شەپقەتنى بارلىق دانالىق ھەم پەم-پاراسەت بىلەن بىزگە زور تارتۇقلىدىكى، 9‏-10  ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە ئىرادىسىدىكى سىرنى، يەنى ۋاقىت-زامانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى؛ « ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە» ــ ياكى «ئۇ مەسىھتە بېكىتكەن ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە...». گرېك تىلىدا پەقەت «ئۇنىڭدا پۈككەن...» ياكى «ئۆزىدە پۈككەن...» دېيىلىدۇ. «... بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ، ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى» ــ «... بارلىخ مەۋجۇداتلارغا... مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا پەقەت ئۈچ سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى:
(1) پۈتكۈل كائىناتقا مەسىھ باش بولىدۇ؛
(2) پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەممە مەۋجۇدات مەسىھتە «يىغىپ بىر قىلىنىپ»، ھەربىر نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى كۆرسىتىلىدۇ؛
(3) مەسىھنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار بىر-بىرى بىلەن ئىناق بولۇپ، بىر-بىرىگە تولۇق ماسلىشىدىغان بولىدۇ.
   رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:20؛ يار. 49‏:10؛ دان. 9‏:24؛ گال. 4‏:4. 11 ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان؛ بىز شۇ مەقسەتتە بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن شۇ ئىشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدۇق؛ «ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان» ــ «ئۇنىڭدا» ــ «مەسىھتە». « بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان» ــ ياكى «بىز بىر مىراسقا ئىگە بولغان». «بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچى» ــ خۇدا.   رىم. 8‏:17. 12 شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛ «شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق» ــ «مەسىھنى ئاۋۋال تايانچى قىلغان بىزلەر» بەلكىم مەسىھكە بىرىنچى بولۇپ ئەگەشكەن يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم يەھۇدىي ئەمەسلەر، ئۇلار كېيىن ئىشەنگەن. 13 ھەقىقەتنىڭ كالام-سۆزىنى، يەنى نىجاتىڭلاردىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ سىلەرمۇ ئۇنىڭغا تاياندىڭلار ــ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. «... ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار» ــ «مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلىنىش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   رىم. 8‏:15؛ 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 4‏:30. 14 خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ. «خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ» ــ «كاپالەت» توغرۇلۇق: بۇ ئايەت تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: ــ
(1) خۇدانىڭ نىجاتىدا، ئۇ ئادەمنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ «ھۆر قىلىدۇ»؛ ئۇ قۇتقۇزغان ئادەم ياكى جامائەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ «ئىگىلىكى»دۇر.
«ئىگىلىكى» ــ خۇدانىڭ ئىگىلىكى بولغان بىزلەر ــ روھ، جان، تېنىمىزنىڭ ھەممىسىدۇر.
(2) بۇ «ھۆر قىلىش» بۇ دۇنيادا تېخى «ئۈزۈل-كېسىل» بولمايدۇ؛ نىجاتقا ئېرىشكەن كىشىلەردە «يېڭى روھ»، «يېڭى قەلب» بولغىنى بىلەن «يېڭى تەن» تېخى بولمايدۇ؛ تىرىلىش كۈنىدە «يېڭى تەن» «تولۇق ھۆر قىلىنىش» ياكى «ئۈزۈل-كېسىل ھۆر قىلىنىش» بولىدۇ. بۇ «تولۇق ھۆر قىلىنىش» ئىشەنگەنلەرنىڭ «تولۇق مىراسى» بولىدۇ.
(3) شۇ كۈنىدە خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى تولىمۇ نامايان قىلىنىدۇ؛
(4) شۇ كۈنگىچە، يەنى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ «تولۇق مىراس»نى ئىگىلىۋېلىشىغۇچە، مۇقەددەس روھ ھەربىر ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇ مىراسىنى تېتىتىپ، ۋۇجۇدىدا مىراسنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
يەنە كېلىپ مۇقەددەس روھنىڭ ئىشەنگۈچىنىڭ قەلبىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بۇ مىراسقا چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتىدۇر. گرېك تىلىدا «كاپالەت»نىڭ يەنە بىر مەنىسى «ۋەدە ئۈزۈكى» (يىگىتنىڭ قىزغا بولغان ۋەدىسىگە كاپالەت سۈپىتىدە بېرىلگەن).
   مىس. 19‏:5؛ قان. 7‏:6؛ 14‏:2؛ 26‏:18؛ رىم. 8‏:23؛ 1پېت. 2‏:9.
15 شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، «شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، ...» ــ گرېك تىلىدا 15-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەر پەقەت ئۇزۇن بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈشۈنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلدۇق.   فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2؛ 2تېـس. 1‏:3. 16 دۇئالىرىمدا سىلەرنى ئەسلەپ، سىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى توختاتمىدىم؛ 17 تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي، «شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا» ــ گرېك تىلىدا «شان-شەرەپنىڭ ئاتىسى» ــ پاۋلۇس شۇ سۆز بىلەن: «مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆزى «خۇدانىڭ شان-شەرىپىدۇر»» دەپ كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك. «سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي» ــ «دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلىش»: قايسى روھ كۆرسىتىلىدۇ؟ كۆزقارىشىمىزچە ئۇ «مۇقەددەس روھ» ئەمەس؛ چۈنكى خۇدا ئۇلارغا مۇقەددەس روھنى ئاللىقاچان ئاتا قىلغان (13-14). بىزنىڭچە، ئېتىقاچىلارنىڭ ئۆز روھىنى كۆرسىتىدۇ. روسۇل ئۇلاردا «دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھ» بولسۇن، دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئالايلۇق، مەن بىرسى ئۈچۈن «خۇدا سىزگە سالامەت بىر تەن ئاتا قىلغاي» دەپ تىلىسەم، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاللىقاچان تېنى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن تېلىكىم ئۇنىڭدا ساغلام تەن بولسۇن ئۈچۈندۇر. دېمەك، پاۋلۇسنىڭ بۇ دۇئاسىنىڭ مەنىسى: «خۇدا ھەربىرىنىڭ روھىنى «دانالىق ھەم ۋەھىي قوبۇل قىلغۇدەك بىر روھ» قىلسۇن، دېگەنلىكتۇر. 18 شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى «ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكى..» ــ باشقا بىرجىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ شەرەپلىك مىراسى..». لېكىن بىزنىڭچە «ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىد»، «مىراسى» ۋە 19-ئايەتتىكى «ھېسابسىز كۈچى»نىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى خۇداغا تەۋەدۇر، شۇڭا «مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان مىراسى»نى «خۇدانىڭ ئۆز مىراسى» دەپ قارايمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 19 ۋە ئۇنىڭ ئىشەنگۈچى بىزلەرگە زور كۈچى بىلەن قاراتقان قۇدرىتىنىڭ ھېسابسىز بۈيۈكلۈكىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر؛ كول. 2‏:12. 20 دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ «دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگىنىدە دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ ۋە ئۇنى ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ قولىدا ئولتۇرغۇزۇپ،...».   زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:3؛ 10‏:12؛ 1پېت. 3‏:22. 21 پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛ «پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ... بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپ...» ــ بۇ يەردە كۆرسىتىۋاتقىنى مەيلى ياخشىنىڭ بولسۇن، ئەسكىنىڭ (جىن-شەيتانلارنىڭ) بولسۇن، ھەرقانداق «ھۆكۈمرانلىق، ھوقۇق، كۈچ-قۇدرەت، خوجايىنلىق ۋە ... نام-شەرەپلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىھنىڭ نامى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 22 بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان. «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان» ــ ئادەمنى ھەيران قىلارلىقى شۇكى، مۇشۇ ئايەتلەردە خۇدانىڭ مەسىھنى ھەممە مەۋجۇداتقا باش قىلغانلىقى جامائەتنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن بولغان، دېيىلگەن.   زەب. 8‏:6؛ مات. 28‏:18؛ 1كور. 15‏:27؛ ئىبر. 2‏:8. 23 جامائەت بولسا ئۇنىڭ تېنى، يەنى ھەممىنى ھەممە جەھەتتىن تولدۇرغۇچىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىدۇر. رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 4‏:16؛ 5‏:23.
 
 

1:1 «ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلار...» ــ «مۇقەددەس بەندىلەر»: ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق بولسۇنكى، مۇقەددەس كىتابتا «مۇقەددەس» دېگەن سۆز ھەردائىم «خۇداغا خاس»، «خۇداغا تولۇق ئاتالغان»، «پاك-مۇقەددەس» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.

1:1 رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:2؛ 2كور. 1‏:1.

1:2 گال. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:2.

1:3 «ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر» ــ ياكى «ئەرشتىكى يەرلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر». «بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى...» ــ خۇدانىڭ نەزىرىدە، ئىشەنگۈچىلەر روھىي جەھەتتىن ئاللىقاچان «مەسىھ بىلەن ئەرشلەردە ئولتۇرغان»دۇر. 20-ئايەتنى كۆرۈڭ. «مۇبارەك بولغاي» مۇشۇ يەردە «مەدھىيىلەنسۇن» ياكى «ئەڭ بەختلىك بولغاي» دېگەن مەنىدە. گرېك تىلىدا 3-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەر پەقەت ئۇزۇن بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈشۈنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلدۇق.

1:3 2كور. 1‏:3؛ 1پېت. 1‏:3.

1:4 «...ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى...» ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە «مۇھەببەت ئىچىدە» ياكى «مۇھەببەت بىلەن» 5-ئايەتكە باغلىق. 5-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

1:4 لۇقا 1‏:75؛ يـۇھ. 15‏:16؛ ئ‍ەف. 5‏:27؛ كول. 1‏:22؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 2‏:12.

1:5 «ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى..» ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە 4-ئايەتتتىكى «مۇھەببەت ئىچىدە» ياكى «مۇھەببەت بىلەن» بۇ 5-ئايەتكە باغلانغان. دېمەك، 5-4-ئايەت: «چۈنكى ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ ئۇ مۇھەببەت بىلەن ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛» دېيىلىدۇ.

1:6 «ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى» ــ «ئۆز سۆيگىنى» ــ ئوغلى ئەيسا مەسىھتۇر.

1:6 مات. 3‏:17.

1:7 «بىز ئۇنىڭدا ئاتىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق...» ــ «ئۇنىڭدا» ــ مەسىھتە. «قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىش» ــ گرېك تىلىدا بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئادەتتە قۇلنى ھۆر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ شاپائەتچى پۇل بېرىپ ئۇنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ ئەركىن قىلىدۇ. روسۇل ئېيتقان بۇ قۇللۇق، گۇناھنىڭ ۋە جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىگە ئەسىر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنجىلدىكى «ھۆر قىلىش» («ئاپولۇتروسىس») تەۋراتتىكى «ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزۇش» («گوئەل») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.

1:7 روس. 20‏:28؛ كول. 1‏:14؛ ئىبر. 9‏:12؛ 1پېت. 1‏:18.

1:9‏-10 « ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە» ــ ياكى «ئۇ مەسىھتە بېكىتكەن ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە...». گرېك تىلىدا پەقەت «ئۇنىڭدا پۈككەن...» ياكى «ئۆزىدە پۈككەن...» دېيىلىدۇ. «... بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ، ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى» ــ «... بارلىخ مەۋجۇداتلارغا... مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا پەقەت ئۈچ سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى: (1) پۈتكۈل كائىناتقا مەسىھ باش بولىدۇ؛ (2) پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەممە مەۋجۇدات مەسىھتە «يىغىپ بىر قىلىنىپ»، ھەربىر نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى كۆرسىتىلىدۇ؛ (3) مەسىھنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار بىر-بىرى بىلەن ئىناق بولۇپ، بىر-بىرىگە تولۇق ماسلىشىدىغان بولىدۇ.

1:9‏-10 رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 1‏:9؛ تىت. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:20؛ يار. 49‏:10؛ دان. 9‏:24؛ گال. 4‏:4.

1:11 «ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان» ــ «ئۇنىڭدا» ــ «مەسىھتە». « بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان» ــ ياكى «بىز بىر مىراسقا ئىگە بولغان». «بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچى» ــ خۇدا.

1:11 رىم. 8‏:17.

1:12 «شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق» ــ «مەسىھنى ئاۋۋال تايانچى قىلغان بىزلەر» بەلكىم مەسىھكە بىرىنچى بولۇپ ئەگەشكەن يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم يەھۇدىي ئەمەسلەر، ئۇلار كېيىن ئىشەنگەن.

1:13 «... ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار» ــ «مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلىنىش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:13 رىم. 8‏:15؛ 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 4‏:30.

1:14 «خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ» ــ «كاپالەت» توغرۇلۇق: بۇ ئايەت تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: ــ (1) خۇدانىڭ نىجاتىدا، ئۇ ئادەمنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ «ھۆر قىلىدۇ»؛ ئۇ قۇتقۇزغان ئادەم ياكى جامائەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ «ئىگىلىكى»دۇر. «ئىگىلىكى» ــ خۇدانىڭ ئىگىلىكى بولغان بىزلەر ــ روھ، جان، تېنىمىزنىڭ ھەممىسىدۇر. (2) بۇ «ھۆر قىلىش» بۇ دۇنيادا تېخى «ئۈزۈل-كېسىل» بولمايدۇ؛ نىجاتقا ئېرىشكەن كىشىلەردە «يېڭى روھ»، «يېڭى قەلب» بولغىنى بىلەن «يېڭى تەن» تېخى بولمايدۇ؛ تىرىلىش كۈنىدە «يېڭى تەن» «تولۇق ھۆر قىلىنىش» ياكى «ئۈزۈل-كېسىل ھۆر قىلىنىش» بولىدۇ. بۇ «تولۇق ھۆر قىلىنىش» ئىشەنگەنلەرنىڭ «تولۇق مىراسى» بولىدۇ. (3) شۇ كۈنىدە خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى تولىمۇ نامايان قىلىنىدۇ؛ (4) شۇ كۈنگىچە، يەنى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ «تولۇق مىراس»نى ئىگىلىۋېلىشىغۇچە، مۇقەددەس روھ ھەربىر ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇ مىراسىنى تېتىتىپ، ۋۇجۇدىدا مىراسنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. يەنە كېلىپ مۇقەددەس روھنىڭ ئىشەنگۈچىنىڭ قەلبىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بۇ مىراسقا چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتىدۇر. گرېك تىلىدا «كاپالەت»نىڭ يەنە بىر مەنىسى «ۋەدە ئۈزۈكى» (يىگىتنىڭ قىزغا بولغان ۋەدىسىگە كاپالەت سۈپىتىدە بېرىلگەن).

1:14 مىس. 19‏:5؛ قان. 7‏:6؛ 14‏:2؛ 26‏:18؛ رىم. 8‏:23؛ 1پېت. 2‏:9.

1:15 «شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، ...» ــ گرېك تىلىدا 15-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەر پەقەت ئۇزۇن بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈشۈنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلدۇق.

1:15 فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2؛ 2تېـس. 1‏:3.

1:17 «شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا» ــ گرېك تىلىدا «شان-شەرەپنىڭ ئاتىسى» ــ پاۋلۇس شۇ سۆز بىلەن: «مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆزى «خۇدانىڭ شان-شەرىپىدۇر»» دەپ كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك. «سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي» ــ «دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلىش»: قايسى روھ كۆرسىتىلىدۇ؟ كۆزقارىشىمىزچە ئۇ «مۇقەددەس روھ» ئەمەس؛ چۈنكى خۇدا ئۇلارغا مۇقەددەس روھنى ئاللىقاچان ئاتا قىلغان (13-14). بىزنىڭچە، ئېتىقاچىلارنىڭ ئۆز روھىنى كۆرسىتىدۇ. روسۇل ئۇلاردا «دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھ» بولسۇن، دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئالايلۇق، مەن بىرسى ئۈچۈن «خۇدا سىزگە سالامەت بىر تەن ئاتا قىلغاي» دەپ تىلىسەم، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاللىقاچان تېنى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن تېلىكىم ئۇنىڭدا ساغلام تەن بولسۇن ئۈچۈندۇر. دېمەك، پاۋلۇسنىڭ بۇ دۇئاسىنىڭ مەنىسى: «خۇدا ھەربىرىنىڭ روھىنى «دانالىق ھەم ۋەھىي قوبۇل قىلغۇدەك بىر روھ» قىلسۇن، دېگەنلىكتۇر.

1:18 «ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكى..» ــ باشقا بىرجىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ شەرەپلىك مىراسى..». لېكىن بىزنىڭچە «ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىد»، «مىراسى» ۋە 19-ئايەتتىكى «ھېسابسىز كۈچى»نىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى خۇداغا تەۋەدۇر، شۇڭا «مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان مىراسى»نى «خۇدانىڭ ئۆز مىراسى» دەپ قارايمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:19 كول. 2‏:12.

1:20 «دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگىنىدە دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ ۋە ئۇنى ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ قولىدا ئولتۇرغۇزۇپ،...».

1:20 زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:3؛ 10‏:12؛ 1پېت. 3‏:22.

1:21 «پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ... بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپ...» ــ بۇ يەردە كۆرسىتىۋاتقىنى مەيلى ياخشىنىڭ بولسۇن، ئەسكىنىڭ (جىن-شەيتانلارنىڭ) بولسۇن، ھەرقانداق «ھۆكۈمرانلىق، ھوقۇق، كۈچ-قۇدرەت، خوجايىنلىق ۋە ... نام-شەرەپلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىھنىڭ نامى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

1:22 «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان» ــ ئادەمنى ھەيران قىلارلىقى شۇكى، مۇشۇ ئايەتلەردە خۇدانىڭ مەسىھنى ھەممە مەۋجۇداتقا باش قىلغانلىقى جامائەتنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن بولغان، دېيىلگەن.

1:22 زەب. 8‏:6؛ مات. 28‏:18؛ 1كور. 15‏:27؛ ئىبر. 2‏:8.

1:23 رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 4‏:16؛ 5‏:23.