2
ۋە سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ، «سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ،...» ــ ئادەم گۇناھنىڭ ئىلكىدە بولسا روھىي جەھەتتىن بىر «ئۆلۈك»، «ئۆلگەن» بولىدۇ، خالاس.   رىم. 5‏:6؛ كول. 2‏:13. بۇ دۇنيانىڭ دەۋرىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدارغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھقا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلاردا ئىلگىرى ماڭغانسىلەر؛ «بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر» ــ «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر» دېگەن ئىبارە ئىنساننىڭ ئەسلى تۈپ تەبىئىتىدە ئىتائەتسىزلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ھەممىمىز ئادەمئاتىمىزنىڭ «ئىتائەتسىز تەبىئىتى»گە مىراسخور بولۇپ تۇغۇلدۇق). لېكىن «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر» خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىدۇ (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). «ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدار»... «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھ» ــ شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.   يـۇھ. 12‏:31؛ 14‏:30؛ 16‏:11؛ 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 6‏:12؛ كول. 3‏:7؛ تىت. 3‏:3. بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز، ئەتلىرىمىز ھەم ئۆز ئوي-خىيالىمىزنىڭ خاھىشلىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش، ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز؛ «بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز ... ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز» ــ «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» ئىككى بىسلىق ئىبارە بولۇپ، ھەم «ھەردائىم غەزەپكە تولۇپ يۈرگەن ئادەملەر» ھەمدە «(خۇدانىڭ) غەزەپ كۈنىگە بېكىتىلگەن ئادەملەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)، «ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)،...» ــ «مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (جانلاندۇرۇپ)...» دېگەنلىك نېمە بىلدۈرىدۇ؟ مەسىھ ئەيسا ئۆلگەندە، خۇدا ئۇنىڭغا ئېتىقاد باغلىغۇچىلارنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلگەن، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەن دەپ ھېسابلىغان. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «(مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)» ــ پاۋلۇس مۇشۇ يەردە ئەفەسۇسلۇقلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ، تۇيۇقسىز 8-ئايەتتىكى «سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار!» دېگەن گەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.   روس. 15‏:11؛ رىم. 6‏:8؛ 8‏:11؛ كول. 3‏:1، 3؛ تىت. 3‏:5. بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛ مەقسىتى كەلگۈسى زامانلاردا ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسادا بىزگە قارىتىلغان مېھرىبانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن شاپائىتىنىڭ شۇنچە غايەت زور ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ ئىش ئۆزۈڭلاردىن كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپات، «چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار» ــ بۇ «قۇتقۇزۇلۇش» ھايات(-مامات)لىقتىكى ئاددىي خەتەرلەردىن ئەمەس، بەلكى خەتەرنىڭ خەتىرى بولغان گۇناھتىن قۇتقۇزۇلۇپ مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت.   مات. 16‏:17؛ ئ‍ەف. 1‏:19. ئۇ زادىلا ئادەملەرنىڭ ئەمەل-ئەجرىدىن كەلمەيدۇ، بۇ ھەم ھېچكىمنىڭ ماختانماسلىقى ئۈچۈندۇر. رىم. 3‏:27؛ 1كور. 1‏:29. 10 چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى. 2كور. 5‏:17؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ 4‏:24؛ تىت. 2‏:14.
11 شۇڭا سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلارنى، ــ ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلارنى، «سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلار» ــ «ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن» ياكى «ئەتلىك كۆزقاراشچە». «ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلار» ــ دېمەك، يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلار. ئىنجىل بويىچە «ھەقىقىي خەتنە» ئەتتە ئەمەس، روھ-قەلبتە بولۇشى كېرەك. دېمەك، قەلب-روھ بارلىق شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلەر، بۇ دۇنياغا تەۋە بارلىق ئېزىتقۇلۇقتىن «كېسىۋېتىلىپ»، خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا ئەركىن قىلىنىدۇ. مۇنداق «روھىي خەتنە» «ئادەمنىڭ قولى» بىلەن ئەمەس، پەقەت خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بولىدۇ. 12 شۇنداقلا شۇ چاغدا مەسىھسىز بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پۇقرالىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ھەم خۇداسىز ياشىغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ «...ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ...» ــ «ۋەدىلەر» بولسا خۇدانىڭ ۋەدىلىرى، ئەلۋەتتە.   رىم. 9‏:4. 13 لېكىن ئەسلى يىراقلاردا بولغان سىلەر ھازىر مەسىھنىڭ قېنى ئارقىلىق يېقىن قىلىندىڭلار؛ 14 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزدۇر، ئۇ ئىككى تەرەپنى بىر قىلىپ ئوتتۇرىدىكى ئارا تامنى چېقىۋەتتى؛ يەش. 9‏:5؛ مىك. 5‏:4؛ يـۇھ. 16‏:33؛ روس. 10‏:36؛ رىم. 5‏:1؛ كول. 1‏:20. 15 يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى؛ «يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى» ــ «مەسىھ ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ... قانۇننى... بىكار قىلىپ» ــ يەھۇدىي جامائەت ھەم خۇدانى تونۇماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىڭ دوستلۇقتا بولۇشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ، شۇنىڭدەك ھەتتا ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلغان ئامىل بولسا دەل خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر ئىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز بۇ بەلگىلىمىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.
«يېڭى بىر ئادەم» ــ مەسىھ ۋە جامائەت، يەنى بىر باش بىر تەن بولىدۇ (مەسىھ باش، جامائەت تەن بولىدۇ).
16 كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى؛ «كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى» ــ «بىر تەندە» بولسا ئۆزىنىڭ كرېستكە مىخلانغان تېنى. بۇ تەن ھازىر تىرىلگەندىن كېيىن ئۆزى بىلەن جامائەتتىن تەركىب تاپقان تەن بولدى. «كىرىش سۆز»ىمىزدىكى «جامائەت» توغرۇلۇق مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ. 17 ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى. «ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى» ــ «ئۇ (مەسىھ) كېلىپ.. سىلەرگىمۇ...خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى».... مۇشۇ ئىشتا بىز ئەيسا مەسىھنىڭ «ئۆز تېنى بولغان جامائەت» بىلەن بىر بولغانلىقىمىزنى كۆرىمىز. مەسىھ ئەيسا يەھۇدىي خەلقىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلىنىپ، كۆمۈلۈپ، تىرىلگەن؛ ئاندىن ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ قانداقمۇ «سىلەرگە («يىراقلاردا تۇرغانلار»غا، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە) كەلدى»؟ جاۋاب ئىنجىلدىكى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دە كۆرۈلىدۇ. ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى، جامائىتىدىكىلىرى باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەندە، ئۇ ئۆزى ئۇلار ئارقىلىق مۇشۇ ئىشنى قىلىدۇ. چۈنكى جامائەت ئۆزىنىڭ تېنىدۇر. مەسىلەن، «روس.» 1:1-2، 4:9-5 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.
«يېقىن تۇرغانلار» يەنە يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
   يەش. 57‏:19؛ ئ‍ەف. 3‏:12. 18 چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر. يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 3‏:12؛ ئىبر. 10‏:19. 19 شۇڭا شۇنىڭدىن باشلاپ سىلەر مۇساپىرلار، ياقا يۇرتتىكىلەر ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بەندىلەرگە ۋەتەنداش بولىسىلەر، خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن بولىسىلەر؛ گال. 6‏:10. 20 سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر؛ «سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر» ــ ياكى، «سىلەر روسۇللارنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇلىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر». «سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر» ــ «قوشۇمچە سۆز»دىكى «روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر» ئۈستىدىكى مۇزاكىرىمىزنى كۆرۈڭ.   يەش. 28‏:16؛ مات. 16‏:18؛ 1كور. 3‏:9،10؛ 1پېت. 2‏:4؛ ۋەھ. 21‏:14 21 ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا. «ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا» ــ «رەبدە» «مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆزىدە». 22-ئايەتتە «رەبدە» «ئۇنىڭدا» دەپ ئېلىنىدۇ.   1كور. 6‏:19؛ 2كور. 6‏:16؛ ئ‍ەف. 4‏:16. 22 سىلەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر. «سىلەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر» ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى.
 
 

2:1 «سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ،...» ــ ئادەم گۇناھنىڭ ئىلكىدە بولسا روھىي جەھەتتىن بىر «ئۆلۈك»، «ئۆلگەن» بولىدۇ، خالاس.

2:1 رىم. 5‏:6؛ كول. 2‏:13.

2:2 «بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر» ــ «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر» دېگەن ئىبارە ئىنساننىڭ ئەسلى تۈپ تەبىئىتىدە ئىتائەتسىزلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ھەممىمىز ئادەمئاتىمىزنىڭ «ئىتائەتسىز تەبىئىتى»گە مىراسخور بولۇپ تۇغۇلدۇق). لېكىن «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەر» خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىدۇ (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). «ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدار»... «ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھ» ــ شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

2:2 يـۇھ. 12‏:31؛ 14‏:30؛ 16‏:11؛ 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 6‏:12؛ كول. 3‏:7؛ تىت. 3‏:3.

2:3 «بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز ... ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز» ــ «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» ئىككى بىسلىق ئىبارە بولۇپ، ھەم «ھەردائىم غەزەپكە تولۇپ يۈرگەن ئادەملەر» ھەمدە «(خۇدانىڭ) غەزەپ كۈنىگە بېكىتىلگەن ئادەملەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ.

2:5 «ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)،...» ــ «مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (جانلاندۇرۇپ)...» دېگەنلىك نېمە بىلدۈرىدۇ؟ مەسىھ ئەيسا ئۆلگەندە، خۇدا ئۇنىڭغا ئېتىقاد باغلىغۇچىلارنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلگەن، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەن دەپ ھېسابلىغان. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «(مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)» ــ پاۋلۇس مۇشۇ يەردە ئەفەسۇسلۇقلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ، تۇيۇقسىز 8-ئايەتتىكى «سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار!» دېگەن گەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.

2:5 روس. 15‏:11؛ رىم. 6‏:8؛ 8‏:11؛ كول. 3‏:1، 3؛ تىت. 3‏:5.

2:8 «چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار» ــ بۇ «قۇتقۇزۇلۇش» ھايات(-مامات)لىقتىكى ئاددىي خەتەرلەردىن ئەمەس، بەلكى خەتەرنىڭ خەتىرى بولغان گۇناھتىن قۇتقۇزۇلۇپ مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت.

2:8 مات. 16‏:17؛ ئ‍ەف. 1‏:19.

2:9 رىم. 3‏:27؛ 1كور. 1‏:29.

2:10 2كور. 5‏:17؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ 4‏:24؛ تىت. 2‏:14.

2:11 «سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلار» ــ «ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن» ياكى «ئەتلىك كۆزقاراشچە». «ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلار» ــ دېمەك، يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلار. ئىنجىل بويىچە «ھەقىقىي خەتنە» ئەتتە ئەمەس، روھ-قەلبتە بولۇشى كېرەك. دېمەك، قەلب-روھ بارلىق شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلەر، بۇ دۇنياغا تەۋە بارلىق ئېزىتقۇلۇقتىن «كېسىۋېتىلىپ»، خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا ئەركىن قىلىنىدۇ. مۇنداق «روھىي خەتنە» «ئادەمنىڭ قولى» بىلەن ئەمەس، پەقەت خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بولىدۇ.

2:12 «...ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ...» ــ «ۋەدىلەر» بولسا خۇدانىڭ ۋەدىلىرى، ئەلۋەتتە.

2:12 رىم. 9‏:4.

2:14 يەش. 9‏:5؛ مىك. 5‏:4؛ يـۇھ. 16‏:33؛ روس. 10‏:36؛ رىم. 5‏:1؛ كول. 1‏:20.

2:15 «يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى» ــ «مەسىھ ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ... قانۇننى... بىكار قىلىپ» ــ يەھۇدىي جامائەت ھەم خۇدانى تونۇماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىڭ دوستلۇقتا بولۇشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ، شۇنىڭدەك ھەتتا ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلغان ئامىل بولسا دەل خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر ئىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز بۇ بەلگىلىمىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز. «يېڭى بىر ئادەم» ــ مەسىھ ۋە جامائەت، يەنى بىر باش بىر تەن بولىدۇ (مەسىھ باش، جامائەت تەن بولىدۇ).

2:16 «كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى» ــ «بىر تەندە» بولسا ئۆزىنىڭ كرېستكە مىخلانغان تېنى. بۇ تەن ھازىر تىرىلگەندىن كېيىن ئۆزى بىلەن جامائەتتىن تەركىب تاپقان تەن بولدى. «كىرىش سۆز»ىمىزدىكى «جامائەت» توغرۇلۇق مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ.

2:17 «ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى» ــ «ئۇ (مەسىھ) كېلىپ.. سىلەرگىمۇ...خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى».... مۇشۇ ئىشتا بىز ئەيسا مەسىھنىڭ «ئۆز تېنى بولغان جامائەت» بىلەن بىر بولغانلىقىمىزنى كۆرىمىز. مەسىھ ئەيسا يەھۇدىي خەلقىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلىنىپ، كۆمۈلۈپ، تىرىلگەن؛ ئاندىن ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ قانداقمۇ «سىلەرگە («يىراقلاردا تۇرغانلار»غا، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە) كەلدى»؟ جاۋاب ئىنجىلدىكى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دە كۆرۈلىدۇ. ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى، جامائىتىدىكىلىرى باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەندە، ئۇ ئۆزى ئۇلار ئارقىلىق مۇشۇ ئىشنى قىلىدۇ. چۈنكى جامائەت ئۆزىنىڭ تېنىدۇر. مەسىلەن، «روس.» 1:1-2، 4:9-5 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. «يېقىن تۇرغانلار» يەنە يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

2:17 يەش. 57‏:19؛ ئ‍ەف. 3‏:12.

2:18 يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 3‏:12؛ ئىبر. 10‏:19.

2:19 گال. 6‏:10.

2:20 «سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر» ــ ياكى، «سىلەر روسۇللارنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇلىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر». «سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر» ــ «قوشۇمچە سۆز»دىكى «روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر» ئۈستىدىكى مۇزاكىرىمىزنى كۆرۈڭ.

2:20 يەش. 28‏:16؛ مات. 16‏:18؛ 1كور. 3‏:9،10؛ 1پېت. 2‏:4؛ ۋەھ. 21‏:14

2:21 «ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا» ــ «رەبدە» «مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆزىدە». 22-ئايەتتە «رەبدە» «ئۇنىڭدا» دەپ ئېلىنىدۇ.

2:21 1كور. 6‏:19؛ 2كور. 6‏:16؛ ئ‍ەف. 4‏:16.

2:22 «سىلەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر» ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى.