3
شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ «شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ....» ــ «مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇرى» ــ پاۋلۇس بۇ مەكتۇپنى يازغاندا رىمدىكى بىر تۈرمىدە ياتاتتى. شۈبھىسىزكى، رىملىقلار پاۋلۇسنى «بىزنىڭ مەھبۇسىمىز» دەپ ئويلايتتى ــ لېكىن پاۋلۇس ئىشقا باشقىچە قارايتتى. رىملىقلارنىڭ ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغىنى خۇدانىڭ ئىرادىسى بولۇپ، شۇ ئىش بىلەن يات ئەللەردىن بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ پايدا كۆرىدىغانلىقىغا پاۋلۇسنىڭ كۆزى يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس: «سىلەر يات ئەلدىكىلەر ئۈچۈن» ئېيتقاندا، مەن «رىملىقلارنىڭ مەھبۇسى» ئەمەس، بەلكى «مەسىھنىڭ مەھبۇسى»مەن» دەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى 14-ئايەتتە داۋاملىشىدۇ. 2-13-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى «تىرناق ئىچىگە» ئېلىنغان.
   روس. 21‏:33؛ ئ‍ەف. 4‏:1؛ فىل. 1‏:7،13،14،16؛ كول. 4‏:3؛ 2تىم. 1‏:8؛ فلم. 1. (سىلەر بەلكىم ماڭا تاپشۇرۇلغان، سىلەرگە خۇدانىڭ شەپقىتىنى ئېلىپ بارىدىغان غوجىدارلىقىم توغرۇلۇق، روس. 13‏:2؛ رىم. 1‏:5؛ ئ‍ەف. 3‏:8. يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم؛ «يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم... )» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «مەن يەنە بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم» دېگەن سۆز بولسا ئۇنىڭ مەزكۇر مەكتۇپتىكى 1-باب 9-ئايەتتە «مەسىھنىڭ سىرى» توغرۇلۇق يازغان سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە ئۇ ئۇنىڭ ئەفەسۇسلۇقلارغا ئىلگىرى يازغان بىر خېتىنى كۆرسىتىدۇ.   روس. 22‏:17،21؛ 26‏:16،17؛ رىم. 16‏:25؛ گال. 1‏:11،12. سىلەر ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مەسىھنىڭ سىرى توغرۇلۇق يورۇتۇلغانلىقىمنى بىلىپ يېتىسىلەر) ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس. «... روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك...» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ. «ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس» ــ روسۇلنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن زىلدۇر. ئۇ مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق بۇ سىر ئىلگىرىكى دەۋرلەردە قەتئىي ئايان قىلىنماي قالغان ئەمەس، دەپ پۇرىتىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزى بېشارەتلىرىدە ھەم تەۋراتتا خاتىرىلەنگەن بەزى ۋەقەلەردە بۇ سىر پۇرىتىلىپ غىل-پال كۆرۈنىدۇ.   روس. 10‏:28. دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ؛ «دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق...» ــ «خۇش خەۋەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇش كېرەككى، «ئىنجىل» دېگەن سۆز دەل «خۇش خەۋەر» دېگەن مەنىدە. «دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ» ــ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ «ئورتاق مىراسخور» بولغانلىقى «ئىشەنگۈچى ئىسرائىل بىلەن ئورتاق مىراسخور» بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ «تەن» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ تېنى، يەنى جامائەتنى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ شەپقىتى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپات بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن، مەن بۇ ئىشقا خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلەندىم؛ ئ‍ەف. 1‏:19؛ كول. 2‏:12. ماڭا ــ مۇقەددەس بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋىنىدىنمۇ تۆۋەن بولغان ماڭا مۇشۇ ئىلتىپات، يەنى ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش «ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش» ــ «ئەللەر» مۇقەددەس كىتابتا دائىم دېيىلگەندەك، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»، «يات ئەللىكلەر»نى كۆرسىتىدۇ.   روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:16؛ 2‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:11،15. ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى. يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ يـۇھ. 1‏:3؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ كول. 1‏:16، 26؛ 2تىم. 1‏:10؛ تىت. 1‏:2؛ ئىبر. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:20. 10 بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. «بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر» ــ «ئەرشلەردە بولغان ھوكۈمرانلار» ھەم ھوقۇقلار بەلكىم ھەم پەرىشتىلەر ۋە يەنە جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ (12:6نى كۆرۈڭ).   1پېت. 1‏:12. 11 بۇ ئىش بولسا، ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر؛ «ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولسا «ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە نىشان قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر». 12 ئۇنىڭ ئىشەنچ-سادىقلىقى ئارقىلىق بىز جاسارەتكە ھەم خۇدانىڭ ئالدىغا خاتىرجەملىك بىلەن كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق؛ يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 2‏:18؛ ئىبر. 10‏:19. 13 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ). «شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ» ــ بۇ ئايەتنىڭ ئۈچ مۇمكىنچىلىكى بار مەنىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   فىل. 1‏:14؛ كول. 1‏:24؛ 1تېس. 3‏:3.
14 مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى، «شۇ سەۋەبتىن ...» ــ 1-ئايەتنىڭ داۋامى. «مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى، ...» ــ «ئاتا» خۇدا، ئەلۋەتتە. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا پۈكىمەنكى،...» دېيىلىدۇ. 15 ( ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ) «ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ» ــ بۇ سۆزنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم شۇكى، خۇدا «ئاتا» بولغاندىن كېيىن، ئاسمان-زېمىننى «ئاتىلىق»، يەنى «ئاتا-بالىلىق» (مەيلى ئىنسانلار ئارىسىدا بولسۇن، ھايۋانلار ئارىسىدا بولسۇن ياكى ھەتتا ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدا بولسۇن) مۇناسىۋەتلەر بىلەن تولدۇرغان. پاۋلۇس، خۇدا ئۆزىنىڭ ئاتىلىق مۇھەببىتىنى مۇشۇ كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولغان يەردە، مەن ئۇنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنىڭدىن مۇشۇنداق بۈيۈك تىلەكنى تولىمۇ ئىشەنچ بىلەن تىلەيمەن، دېمەكچى. 16 ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي؛ «ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي» ــ «ئىچكى دۇنيا» گرېك تىلىدا «ئىچكى ئادەم» ــ بۇ ئىبارە ئادەمنىڭ روھىنى، قەلبىنى، «ئىچكى دۇنيا»سىنى كۆرسىتىدۇ.   ئ‍ەف. 6‏:10. 17 شۇنىڭ بىلەن مەسىھ قەلبىڭلاردا ئىشەنچ ئارقىلىق تۇرۇپ، سىلەر مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يىلتىز تارتغان، ئۇل سېلىنغان، كول. 2‏:7. 18‏-19 بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر. «بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر» ــ ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، بۇ ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۇھەببەتنى تولۇق ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق كەلگەن كۈچ-قۇدرەت تولىمۇ كېرەكتۇر (16-ئايەتنى كۆرۈڭ). 20 ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى-ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ رىم. 16‏:25. 21 ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!
 
 

3:1 «شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ....» ــ «مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇرى» ــ پاۋلۇس بۇ مەكتۇپنى يازغاندا رىمدىكى بىر تۈرمىدە ياتاتتى. شۈبھىسىزكى، رىملىقلار پاۋلۇسنى «بىزنىڭ مەھبۇسىمىز» دەپ ئويلايتتى ــ لېكىن پاۋلۇس ئىشقا باشقىچە قارايتتى. رىملىقلارنىڭ ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغىنى خۇدانىڭ ئىرادىسى بولۇپ، شۇ ئىش بىلەن يات ئەللەردىن بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ پايدا كۆرىدىغانلىقىغا پاۋلۇسنىڭ كۆزى يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس: «سىلەر يات ئەلدىكىلەر ئۈچۈن» ئېيتقاندا، مەن «رىملىقلارنىڭ مەھبۇسى» ئەمەس، بەلكى «مەسىھنىڭ مەھبۇسى»مەن» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى 14-ئايەتتە داۋاملىشىدۇ. 2-13-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى «تىرناق ئىچىگە» ئېلىنغان.

3:1 روس. 21‏:33؛ ئ‍ەف. 4‏:1؛ فىل. 1‏:7،13،14،16؛ كول. 4‏:3؛ 2تىم. 1‏:8؛ فلم. 1.

3:2 روس. 13‏:2؛ رىم. 1‏:5؛ ئ‍ەف. 3‏:8.

3:3 «يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم... )» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «مەن يەنە بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم» دېگەن سۆز بولسا ئۇنىڭ مەزكۇر مەكتۇپتىكى 1-باب 9-ئايەتتە «مەسىھنىڭ سىرى» توغرۇلۇق يازغان سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە ئۇ ئۇنىڭ ئەفەسۇسلۇقلارغا ئىلگىرى يازغان بىر خېتىنى كۆرسىتىدۇ.

3:3 روس. 22‏:17،21؛ 26‏:16،17؛ رىم. 16‏:25؛ گال. 1‏:11،12.

3:5 «... روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك...» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ. «ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس» ــ روسۇلنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن زىلدۇر. ئۇ مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق بۇ سىر ئىلگىرىكى دەۋرلەردە قەتئىي ئايان قىلىنماي قالغان ئەمەس، دەپ پۇرىتىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزى بېشارەتلىرىدە ھەم تەۋراتتا خاتىرىلەنگەن بەزى ۋەقەلەردە بۇ سىر پۇرىتىلىپ غىل-پال كۆرۈنىدۇ.

3:5 روس. 10‏:28.

3:6 «دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق...» ــ «خۇش خەۋەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇش كېرەككى، «ئىنجىل» دېگەن سۆز دەل «خۇش خەۋەر» دېگەن مەنىدە. «دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ» ــ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ «ئورتاق مىراسخور» بولغانلىقى «ئىشەنگۈچى ئىسرائىل بىلەن ئورتاق مىراسخور» بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ «تەن» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ تېنى، يەنى جامائەتنى كۆرسىتىدۇ.

3:7 ئ‍ەف. 1‏:19؛ كول. 2‏:12.

3:8 «ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش» ــ «ئەللەر» مۇقەددەس كىتابتا دائىم دېيىلگەندەك، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»، «يات ئەللىكلەر»نى كۆرسىتىدۇ.

3:8 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:16؛ 2‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:11،15.

3:9 يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ يـۇھ. 1‏:3؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ كول. 1‏:16، 26؛ 2تىم. 1‏:10؛ تىت. 1‏:2؛ ئىبر. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:20.

3:10 «بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر» ــ «ئەرشلەردە بولغان ھوكۈمرانلار» ھەم ھوقۇقلار بەلكىم ھەم پەرىشتىلەر ۋە يەنە جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ (12:6نى كۆرۈڭ).

3:10 1پېت. 1‏:12.

3:11 «ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولسا «ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە نىشان قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر».

3:12 يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 2‏:18؛ ئىبر. 10‏:19.

3:13 «شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ» ــ بۇ ئايەتنىڭ ئۈچ مۇمكىنچىلىكى بار مەنىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

3:13 فىل. 1‏:14؛ كول. 1‏:24؛ 1تېس. 3‏:3.

3:14 «شۇ سەۋەبتىن ...» ــ 1-ئايەتنىڭ داۋامى. «مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى، ...» ــ «ئاتا» خۇدا، ئەلۋەتتە. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا پۈكىمەنكى،...» دېيىلىدۇ.

3:15 «ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ» ــ بۇ سۆزنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم شۇكى، خۇدا «ئاتا» بولغاندىن كېيىن، ئاسمان-زېمىننى «ئاتىلىق»، يەنى «ئاتا-بالىلىق» (مەيلى ئىنسانلار ئارىسىدا بولسۇن، ھايۋانلار ئارىسىدا بولسۇن ياكى ھەتتا ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدا بولسۇن) مۇناسىۋەتلەر بىلەن تولدۇرغان. پاۋلۇس، خۇدا ئۆزىنىڭ ئاتىلىق مۇھەببىتىنى مۇشۇ كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولغان يەردە، مەن ئۇنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنىڭدىن مۇشۇنداق بۈيۈك تىلەكنى تولىمۇ ئىشەنچ بىلەن تىلەيمەن، دېمەكچى.

3:16 «ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي» ــ «ئىچكى دۇنيا» گرېك تىلىدا «ئىچكى ئادەم» ــ بۇ ئىبارە ئادەمنىڭ روھىنى، قەلبىنى، «ئىچكى دۇنيا»سىنى كۆرسىتىدۇ.

3:16 ئ‍ەف. 6‏:10.

3:17 كول. 2‏:7.

3:18‏-19 «بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر» ــ ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، بۇ ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۇھەببەتنى تولۇق ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق كەلگەن كۈچ-قۇدرەت تولىمۇ كېرەكتۇر (16-ئايەتنى كۆرۈڭ).

3:20 رىم. 16‏:25.