4
ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، خۇدانىڭ سىلەرنى چاقىرغان بۈيۈك چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن،يار. 17‏:1؛ 1كور. 7‏:20؛ فىل. 1‏:27؛ كول. 1‏:10؛ 1تېس. 2‏:12. ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ،«ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن...» ــ ئىنجىلدا «يۇۋاش-مۇلايىملىق»نىڭ ئالاھىدىلىكى بار؛ ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچتىن كۈچلۈكلەرگە يول قويىدىغان ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ يولىدا تالاش-تارتىشلاردىن قول ئۈزۈش، خۇدانىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى زوراۋانلىقسىز، جېدەلسىز توغرا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىمان باغلاشتۇر؛ مۇشۇنداق پوزىتسىيە مۇلايىم، يۇۋاشلىق بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.  كول. 1‏:11؛ 3‏:12؛ 1تېس. 5‏:14. ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ رىشتىسى بىلەن، روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.«... روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن» ــ «روھتا» ــ خۇدانىڭ روھىدا، مۇقەددەس روھتا. تەن بىردۇر، روھ بىردۇر، ــ خۇددى چاقىرىلغىنىڭلاردا، ئوخشاش بىر ئارزۇ-ئۈمىدكە چاقىرىلغىنىڭلاردەك، ــ رەب بىردۇر، ئىمان-ئېتىقاد بىردۇر، چۆمۈلدۈرۈلۈش بىردۇر،قان. 4‏:39؛ مال. 2‏:10؛ 1كور. 8‏:4، 6؛ لۇقا 12‏:50 ھەممىنىڭ خۇدائاتىسى بىردۇر؛ ئۇ بولسا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، ھەممىنى يۈرگۈزگۈچى ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر.«ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ھەممىنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر» (ياكى «ھەممىنىڭ ئىچىدىدۇر» ياكى «ھەممىڭلارنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر») دېيىلىدۇ. 4-7-ئايەتلەر كۆرسەتكەن بىرلىكلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە مۇزاكىرە قىلىمىز. شۇنداقتىمۇ ھازىر ھەربىرىمىزگە مەسىھنىڭ ئىلتىپاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە شەپقەت تەقدىم قىلىنغاندۇر؛رىم. 12‏:6؛ 1كور. 12‏:11؛ 2كور. 10‏:13؛ 1پېت. 4‏:10. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا خۇدا ئېيتقىنىدەك: ــ
«ئۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى،
ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۇ ئۆزى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى،
ھەم ئىنسانلارغا ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى».«شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا خۇدا ئېيتقىنىدەك: ــ «ئۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۇ ئۆزى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى، ھەم ئىنسانلارغا ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى»» ــ روسۇل پاۋلۇس بۇ سۆزلىرىدە «زەبۇر»دىكى 18:68نى نەقىل كەلتۈرۈپ تۈپ مەنىنى يەكۈنلىگەن. «يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى» مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئەرشلەرگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەرشتىن ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىپ ھەرخىل ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى ۋە شۇنىڭدەك ھازىرمۇ تەقدىم قىلماقتا.
بۇ ئاجايىب بېشارەتنىڭ مەنىسىنى تولۇقراق تونۇش ئۈچۈن بىز «زەب.» 18:68گە قوشقان ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
  زەب. 68‏:18
ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، ئاۋۋال يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ «ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، ئاۋۋال يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟» ــ مەسىھنىڭ «يەرنىڭ تېگىگە (گرېك تىلىدا «تەگلىرىگە») چۈشكەن»لىكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ «زەب.» 15:139نى كۆرۈڭ. بۇ زەبۇردىكى كۈي بويىچە «يەرنىڭ تەگلىرى» بولسا ئىنساننىڭ تۈپ تەبىئىتى شەكىللەندۈرۈلگەن جاي بولۇپ، مەسىھنىڭ «يەرنىڭ تەگلىرىگە چۈشۈش»ى بەلكىم دەل ئىنساننىڭ تەبىئىتىنىڭ تۈپ مەسىلىسىنى، يەنى گۇناھلىق ماھىيىتىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا بىزنىڭچە بۇ ئىبارە مەسىھ كرېستكە مىخلىنىشنىڭ چوڭقۇر ئازابلىرىدا بىر تەرەپ قىلغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار، مەسىھنىڭ «چۈشكەنلىكى»، ئۆلۈمدىن كېيىن روھىنىڭ تەھتىساراغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكى بار.  يـۇھ. 3‏:13؛ 6‏:62؛ زەب. 139‏:15 10 چۈشكەن زات بولسا بارلىق ئەرشلەردىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مەقسىتى، ئالەمنىڭ بارلىقىنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت؛ 11 شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر. «شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر» ــ ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، بۇ ئايەتتە ئېيتىلغان سوۋغاتلار (8-ئايەتنى كۆرۈڭ) «روھىي ئىلتىپاتلار» ئەمەس، بەلكى «روھىي ئىلتىپاتلار»غا ئىگە بولغان روھىي ئادەملەردۇر. مەسىھ مۇشۇنداق ئادەملەرنى جامائىتى ۋە دۇنيانى بەرىكەتلەش ئۈچۈن تەيىنلەيدۇ.  1كور. 12‏:28. 12 بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت؛ «مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا ...» ــ «جۈملىدىن» ــ ياكى «يەنى» دەپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. «بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت» ــ دېمەك، روسۇللار، پەيغەمبەرلەر، خۇش خەۋەرچىلەر، باققۇچىلار ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر (11-ئايەت)نىڭ ۋەزىپىسى مەسىھنىڭ تېنى بولغان جامائەتنى خۇدانىڭ تولۇق خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بۇ «روھانىي ئادەملەر»لا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئۆز رولى بويىچە ۋەزىپىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكتۇر.
«قۇرۇپ چىقىش» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
گرېك تىلىدا «قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە كەلتۈرۈش» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
  رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24. 13 ۋەزىپە ھەممىمىزنىڭ ئېتىقادتا ھەم خۇدانىڭ ئوغلىنى تولۇق تونۇشتا بىرلىككە كېلىشىمىزگىچە، كامىل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىزغىچە، ــ يەنى مەسىھنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى گەۋدىلەنگەن قەددى-قامەت ئۆلچىمىگە يېتىشىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا؛ 14 شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛ مات. 11‏:7؛ 1كور. 14‏:2. 15 ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە بېرىلىپ ئىش كۆرۈپ، بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز؛ «... بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «... بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ئۇنىڭغا (ياكى «ئۇنىڭ ئىچىگە») ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز». دېمەك، «ئاللىقاچان ئۇنىڭ تېنىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ھالدا ... داۋاملىق ئۆسىدىغان...».  ئ‍ەف. 5‏:23؛ كول. 1‏:18. 16 ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچەنگەن ۋەزىپىنى ئۆتىشى بىلەن بارغانچە ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشلىمەكتە.«ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ...» ــ «پۇتكۈل تەن» ــ جامائەتتۇر.  رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 2‏:21.
17 شۇڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، رەبتە ئۇنى تاپىلايمەنكى، يات ئەللەرنىڭكىدەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنىڭ بىمەنىلىكىدە ماڭغىنىدەك مېڭىۋەرمەسلىكىڭلار كېرەك؛ رىم. 1‏:9، 18؛ 1پېت. 4‏:3. 18 ئۇلار قەلبىنىڭ قاتتىقلىقىدىن كېلىپ چىققان بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ ھاياتىدىن ئادا-جۇدا قىلىنىپ، چۈشەنچىسى قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن، 1تېس. 4‏:5. 19  ئار-نومۇسنى تاشلىۋېتىپ، نەپسانىيەتچىلىكى ئاۋۇپ ھەرخىل ئىپلاسلىقلارنى يۈرگۈزۈشكە، كەيپ-ساپاغا بېرىلگەن. 20 ئەمما سىلەر بولساڭلار، مەسىھنى شۇنداق يولدا ئۆگىنىپ تونۇغان ئەمەسسىلەر ــ 21 (ھەقىقەتنىڭ ئەيسادا بولغىنىدەك، ئۇنى ھەقىقەتەن ئاڭلىغان، ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بولساڭلار) ــ 22 دېمەك، ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، «ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، ...» ــ «كونا ئادەم» توغرۇلۇق «رىم.» 6:6 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.  كول. 3‏:9؛ ئىبر. 12‏:1؛ 1پېت. 2‏:1. 23 ئوي-زېھنىڭلارنىڭ روھىدا يېڭىلىنىپ، 24 خۇدانىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، ھەقىقەتتىن چىققان ھەققانىيلىقتا ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە يارىتىلغان «يېڭى ئادەم»نى كىيىۋېلىشىڭلار كېرەكتۇر.رىم. 6‏:4؛ كول. 3‏:10؛ 1پېت. 4‏:2.
25 شۇنىڭ بىلەن يالغانچىلىقنى سېلىۋېتىپ، ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى؛ چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن بىر تەننىڭ ئەزالىرىدۇرمىز.زەك. 8‏:16.
26 «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار»؛ غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن؛ «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار» ــ «زەك.» 16:8، «زەب.» 4:4. بۇ ئايەت 25-ئايەتتىكى «ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى» دېگەن سۆز بىلەن باغلىقتۇر. بىر تەرەپتىن ئاچچىقىلىنىشقا تېگىشلىك سەۋەبى بولۇپ تۇرۇپ گەپ قىلمىسا گۇناھ بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئاچچىق ئادەمنى گۇناھقا باشلىشىمۇ مۇمكىن، شۇ تەرەپتىنمۇ ھېزى بولۇشى كېرەك. شۇڭا «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار» دېيىلىدۇ. «غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاچچىقلاشنىڭ سەۋەبى كۈن پاتقۇچە داۋاملىشىۋەرمىسۇن». ئەگەر بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، ئادەم ئۇنىڭغا زادى قانداق ئەمەل قىلىشى كېرەك؟ ــ بىزنىڭچە بۇ تەرجىمە مەنتىقىغە ئۇيغۇن ئەمەس.  زەب. 4‏:4 27 ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار.«ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار» ــ «ئىبلىس» ــ شەيتان.  ياق. 4‏:7؛ 1پېت. 5‏:9.
28 ئوغرى ئىككىنچى ئوغرىلىق قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە ئۇ مېھنەت قىلىپ ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال ئىش قىلسۇنكى، ھاجىتى بولغانلارغىمۇ بۆلۈپ بەرگۈدەك ئۆز تاپقىنى بولسۇن.روس. 20‏:35؛ 1تېس. 4‏:11؛ 2تېـس. 3‏:8،12.
29 ئاغزىڭلاردىن ھېچقانداق ئىپلاس سۆز چىقمىسۇن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا شەپقەت يەتسۇن ئۈچۈن، ئېھتىياجقا ئۇيغۇن ۋە ئادەمنى قۇرۇپ چىقىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىڭلار. مات. 12‏:36؛ ئ‍ەف. 5‏:3، 4. 30 خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛ «چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر» ــ «ھۆر-نىجات كۈنى» ــ 14:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.  لۇقا 21‏:28؛ رىم. 8‏:16،23؛ 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13،14. 31 ئۆزۈڭلاردىن ھەرقانداق ئۆچ-ئاداۋەت، ئاچچىق-غەزەپ، قەھر، جېدەل-ماجىرالار، تىل-ئاھانەت ھەمدە ھەرخىل قارا نىيەتلەرنى نېرى قىلىڭلار؛ كول. 3‏:19. 32 بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، يۇمشاق دىللىق بولۇپ، خۇدا مەسىھتە سىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىنىدەك بىر-بىرىنىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. «مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار» ــ «خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق» مۇشۇ يەردە (بارلىقى خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن) «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ فىل. 2‏:1؛ كول. 3‏:12،13.
 
 

4:1 يار. 17‏:1؛ 1كور. 7‏:20؛ فىل. 1‏:27؛ كول. 1‏:10؛ 1تېس. 2‏:12.

4:2 «ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن...» ــ ئىنجىلدا «يۇۋاش-مۇلايىملىق»نىڭ ئالاھىدىلىكى بار؛ ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچتىن كۈچلۈكلەرگە يول قويىدىغان ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ يولىدا تالاش-تارتىشلاردىن قول ئۈزۈش، خۇدانىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى زوراۋانلىقسىز، جېدەلسىز توغرا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىمان باغلاشتۇر؛ مۇشۇنداق پوزىتسىيە مۇلايىم، يۇۋاشلىق بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.

4:2 كول. 1‏:11؛ 3‏:12؛ 1تېس. 5‏:14.

4:3 «... روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن» ــ «روھتا» ــ خۇدانىڭ روھىدا، مۇقەددەس روھتا.

4:5 قان. 4‏:39؛ مال. 2‏:10؛ 1كور. 8‏:4، 6؛ لۇقا 12‏:50

4:6 «ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ھەممىنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر» (ياكى «ھەممىنىڭ ئىچىدىدۇر» ياكى «ھەممىڭلارنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر») دېيىلىدۇ. 4-7-ئايەتلەر كۆرسەتكەن بىرلىكلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە مۇزاكىرە قىلىمىز.

4:7 رىم. 12‏:6؛ 1كور. 12‏:11؛ 2كور. 10‏:13؛ 1پېت. 4‏:10.

4:8 «شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا خۇدا ئېيتقىنىدەك: ــ «ئۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۇ ئۆزى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى، ھەم ئىنسانلارغا ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى»» ــ روسۇل پاۋلۇس بۇ سۆزلىرىدە «زەبۇر»دىكى 18:68نى نەقىل كەلتۈرۈپ تۈپ مەنىنى يەكۈنلىگەن. «يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى» مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئەرشلەرگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەرشتىن ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىپ ھەرخىل ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى ۋە شۇنىڭدەك ھازىرمۇ تەقدىم قىلماقتا. بۇ ئاجايىب بېشارەتنىڭ مەنىسىنى تولۇقراق تونۇش ئۈچۈن بىز «زەب.» 18:68گە قوشقان ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

4:8 زەب. 68‏:18

4:9 «ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، ئاۋۋال يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟» ــ مەسىھنىڭ «يەرنىڭ تېگىگە (گرېك تىلىدا «تەگلىرىگە») چۈشكەن»لىكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ «زەب.» 15:139نى كۆرۈڭ. بۇ زەبۇردىكى كۈي بويىچە «يەرنىڭ تەگلىرى» بولسا ئىنساننىڭ تۈپ تەبىئىتى شەكىللەندۈرۈلگەن جاي بولۇپ، مەسىھنىڭ «يەرنىڭ تەگلىرىگە چۈشۈش»ى بەلكىم دەل ئىنساننىڭ تەبىئىتىنىڭ تۈپ مەسىلىسىنى، يەنى گۇناھلىق ماھىيىتىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا بىزنىڭچە بۇ ئىبارە مەسىھ كرېستكە مىخلىنىشنىڭ چوڭقۇر ئازابلىرىدا بىر تەرەپ قىلغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار، مەسىھنىڭ «چۈشكەنلىكى»، ئۆلۈمدىن كېيىن روھىنىڭ تەھتىساراغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكى بار.

4:9 يـۇھ. 3‏:13؛ 6‏:62؛ زەب. 139‏:15

4:11 «شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر» ــ ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، بۇ ئايەتتە ئېيتىلغان سوۋغاتلار (8-ئايەتنى كۆرۈڭ) «روھىي ئىلتىپاتلار» ئەمەس، بەلكى «روھىي ئىلتىپاتلار»غا ئىگە بولغان روھىي ئادەملەردۇر. مەسىھ مۇشۇنداق ئادەملەرنى جامائىتى ۋە دۇنيانى بەرىكەتلەش ئۈچۈن تەيىنلەيدۇ.

4:11 1كور. 12‏:28.

4:12 «مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا ...» ــ «جۈملىدىن» ــ ياكى «يەنى» دەپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. «بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت» ــ دېمەك، روسۇللار، پەيغەمبەرلەر، خۇش خەۋەرچىلەر، باققۇچىلار ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر (11-ئايەت)نىڭ ۋەزىپىسى مەسىھنىڭ تېنى بولغان جامائەتنى خۇدانىڭ تولۇق خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بۇ «روھانىي ئادەملەر»لا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئۆز رولى بويىچە ۋەزىپىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكتۇر. «قۇرۇپ چىقىش» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. گرېك تىلىدا «قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە كەلتۈرۈش» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

4:12 رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24.

4:14 مات. 11‏:7؛ 1كور. 14‏:2.

4:15 «... بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «... بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ئۇنىڭغا (ياكى «ئۇنىڭ ئىچىگە») ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز». دېمەك، «ئاللىقاچان ئۇنىڭ تېنىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ھالدا ... داۋاملىق ئۆسىدىغان...».

4:15 ئ‍ەف. 5‏:23؛ كول. 1‏:18.

4:16 «ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ...» ــ «پۇتكۈل تەن» ــ جامائەتتۇر.

4:16 رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 2‏:21.

4:17 رىم. 1‏:9، 18؛ 1پېت. 4‏:3.

4:18 1تېس. 4‏:5.

4:22 «ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، ...» ــ «كونا ئادەم» توغرۇلۇق «رىم.» 6:6 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

4:22 كول. 3‏:9؛ ئىبر. 12‏:1؛ 1پېت. 2‏:1.

4:24 رىم. 6‏:4؛ كول. 3‏:10؛ 1پېت. 4‏:2.

4:25 زەك. 8‏:16.

4:26 «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار» ــ «زەك.» 16:8، «زەب.» 4:4. بۇ ئايەت 25-ئايەتتىكى «ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى» دېگەن سۆز بىلەن باغلىقتۇر. بىر تەرەپتىن ئاچچىقىلىنىشقا تېگىشلىك سەۋەبى بولۇپ تۇرۇپ گەپ قىلمىسا گۇناھ بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئاچچىق ئادەمنى گۇناھقا باشلىشىمۇ مۇمكىن، شۇ تەرەپتىنمۇ ھېزى بولۇشى كېرەك. شۇڭا «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار» دېيىلىدۇ. «غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاچچىقلاشنىڭ سەۋەبى كۈن پاتقۇچە داۋاملىشىۋەرمىسۇن». ئەگەر بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، ئادەم ئۇنىڭغا زادى قانداق ئەمەل قىلىشى كېرەك؟ ــ بىزنىڭچە بۇ تەرجىمە مەنتىقىغە ئۇيغۇن ئەمەس.

4:26 زەب. 4‏:4

4:27 «ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار» ــ «ئىبلىس» ــ شەيتان.

4:27 ياق. 4‏:7؛ 1پېت. 5‏:9.

4:28 روس. 20‏:35؛ 1تېس. 4‏:11؛ 2تېـس. 3‏:8،12.

4:29 مات. 12‏:36؛ ئ‍ەف. 5‏:3، 4.

4:30 «چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر» ــ «ھۆر-نىجات كۈنى» ــ 14:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

4:30 لۇقا 21‏:28؛ رىم. 8‏:16،23؛ 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13،14.

4:31 كول. 3‏:19.

4:32 «مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار» ــ «خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق» مۇشۇ يەردە (بارلىقى خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن) «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

4:32 مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ فىل. 2‏:1؛ كول. 3‏:12،13.