21
قۇللارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر
ــ سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر مۇنۇلاردۇر: ــ
ئەگەر سەن بىر ئىبرانىي قۇلنى سېتىۋالغان بولساڭ، ئۇ ئالتە يىلغىچە خىزمىتىڭدە بولۇپ، يەتتىنچى يىلى تۆلەمسىز ھۆر قىلىنسۇن. قان. 15‏:12؛ يەر. 34‏:14 ئۇ قۇل قىلىنىشقا تەنھا ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، تەنھا ھالەتتە كەتسۇن. ئايالى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتسۇن.
ئەگەر خوجىسى ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولسا، شۇنداقلا ئايالى ئۇنىڭغا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا، ئايال بالىلىرى بىلەن خوجىسىغا قېلىپ، ئەر يالغۇز كەتسۇن. لېكىن ئەگەر قۇل ئېلان قىلىپ: «مەن خوجام، ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا مۇھەببىتىم بولغىنى ئۈچۈن ھۆر بولۇپ كەتمەيمەن» دېسە، قان. 15‏:16 ئۇنداقتا ئۇنىڭ خوجىسى ئۇنى خۇدانىڭ ئىبادەت سورۇنىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن؛ ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مەڭگۈگە خوجىسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ.«خۇدانىڭ ئىبادەت سورۇنىنىڭ ئالدىغا» ــ ياكى «خۇدانىڭ ئالدىغا» ياكى «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا». «ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن» ــ دېمەك، قۇلنىڭ قۇلىقىنى ئىشىك قانىتىغا ياكى ئىشىك كېشىكىگە يېقىپ تۇرۇپ، قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى ئىشىككە ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىگە مىخلايدۇ.
ئەگەر بىركىم قىزىنى دېدەكلىككە سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئەر قۇللار ھۆر قىلىنغاندەك ھۆر قىلىنمىسۇن. ئەگەر ئۆزىگە خاس سېتىۋالغان قىز خوجىسىغا ياقمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ ئۇنى ھۆر قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. لېكىن خوجىسىنىڭ ئۇنى يات خەلققە سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ چۈنكى خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر. «خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر» ــ ئادەتتە ئەر كىشى دېدەك سېتىۋالغان بولسا، ئۇنى ئۆز كېنىزىكى ياكى توقىلى قىلىپ ئەمرىگە ئالغان ھېسابلىناتتى. شۇڭا دېدەكنىڭ كەم دېگەندىمۇ توقاللىق ھوقۇقى بار ئىدى. ئەگەر ئۇ قىزنى ئوغلىغا خاس بېكىتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلسۇن.
10 ئەگەر خوجىسى يەنە خوتۇن ئالسا، ئەسلىدە ئەمرىگە ئالغان دېدىكىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق بۇرچىنى كېمەيتمىسۇن. 11 ئەگەر ئۇ شۇ ئۈچ ئىشنى ئادا قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بەدەل تۆلىمەي ھۆر بولسۇن.
 
ئۇرۇش-تالاش ھەققىدە
12 كىمكى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. لاۋ. 24‏:17 13 لېكىن ئەگەر ئۇ كىشى ئۆلگۈچىنىڭ جېنىنى پايلاپ تۇرۇپ قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، بەلكى مەن خۇدا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە يول قويغان بولسام، ئۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇنىڭغا قاچىدىغان بىر جاينى ئورۇنلاشتۇرىمەن. 14 لېكىن ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىنى ھىيلە بىلەن ئۆلتۈرىمەن دەپ، ئۇنىڭغا قەستەن ھۇجۇم قىلسا، ئۇ گەرچە پاناھ ئىزدەپ قۇربانگاھىمغا قېچىپ كەلسىمۇ، ئۇ شۇ يەردە تۇتۇلسۇن ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
15 كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا قول تەگكۈزسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.مات. 15‏:4
16 كىمكى بىر ئادەمنى بۇلاپ ساتقان بولسا ياكى ئۇنىڭ قولىدا بارلىقى مەلۇم بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.
17 كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا لەنەت قىلىپ قارغىغان بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.لاۋ. 20‏:9؛ پەند. 20‏:20؛ مات. 15‏:4؛ مار. 7‏:10
 
باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھەققىدە
18 ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىنى تاش يا موشتى بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا، 19 ئۇ كىشى قوپۇپ ھاسىغا تايىنىپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئۇرغان كىشى جازادىن خالاس قىلىنسۇن؛ پەقەت زەخىملەنگۈچىنىڭ يېتىپ ئىشتىن قالغان ۋاقتى ئۈچۈن تۆلەم بېرىپ، ئۇنى داۋالىتىپ سەللىمازا ساقايتسۇن.
20 ئەگەر بىرسى قۇلى ياكى دېدىكىنى تاياقتا ئۇرسا، شۇنداقلا قۇل ياكى دېدەك نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىسى چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن. «ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىسى چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئىنتىقامى چوقۇم ئېلىنىدۇ». 21 لېكىن ئەگەر تاياق يېگۈچى بىر-ئىككى كۈن تىرىك تۇرسا، ئۇنداقتا قۇل خوجايىنىنىڭ شەخسى مال-مۈلكى بولغىنى ئۈچۈن، قۇلنىڭ جازاسىغا تارتىلمىسۇن.
22 ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، ھامىلىدار ئايالدا بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تۆلەم تەلىپى بويىچە ھاكىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ جەرىمانە تۆلىسۇن. «بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا» ــ ياكى «بالىسى چۈشۈپ كېتىشتىن باشقا». ئالدى-كەينى سۆزلەرگە قارىغاندا، مۇشۇ يەردە پەقەت «بالدۇر تۇغۇلسا» دېگەن تەرجىمىسى توغرا بولسا كېرەك. 23 ئەگەر ئايال ياكى بالا زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا، ئۇنداقتا جېنىغا جان، «ئەگەر ئايال ياكى بالا زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئەگەر زەرەر-زەخمەت بولۇپ چىقسا،...» دېيىلىدۇ. 24 كۆزىگە كۆز، چىشىغا چىش، قولىغا قول، پۇتىغا پۇت، لاۋ. 24‏:20؛ قان. 19‏:21؛ مات. 5‏:38 25 كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم، كۆككە كۆك تۆلەنسۇن. 26 ئەگەر بىرسى ئۆز قۇل يا دېدىكىنىڭ كۆزىنى ئۇرۇپ ناكار قىلىپ قويسا، كۆزى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن. 27 شۇنىڭدەك بىرسى ئۆز قۇلى يا دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولسا، چىشى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن».
 
مال-ئۇلاغلار توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەر
28 ئەگەر بىر كالا بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن. لېكىن كالىنىڭ ئىگىسىگە گۇناھ كەلمىسۇن. يار. 9‏:5 29 لېكىن بۇ ئۇينىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسۈش ئادىتى بولۇپ، ئىگىسىگە بۇ ھەقتە ئاگاھ بېرىلگەن بولسا، لېكىن يەنىلا ئۇنى باغلىمىغىنى ئۈچۈن ئەر-ئايال كىشىلەرنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن، ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 30 لېكىن ئۇنىڭدىن خۇن ھەققى تەلەپ قىلىنسا، ئۆز جېنىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا قانچىلىك تۆلەم قويۇلغان بولسا شۇنى بەرسۇن. 31 كالىدىن ئۈسۈلگۈچى ئوغۇل ياكى قىز بالا بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئوخشاشلا يۇقىرىقى ھۆكۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنسۇن. 32 كالا قۇل ياكى دېدەكنى ئۈسكەن بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئۈسۈلگۈچىنىڭ خوجىسىغا ئوتتۇز شەكەل كۈمۈش بەرسۇن؛ ئاندىن كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن.
33 ئەگەر بىرسى بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان ئورىنىڭ ئاغزىنى ياپماي، كالا ياكى ئېشەك ئۇنىڭغا چۈشۈپ كەتسە، «بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى» ــ ياكى «بىر قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى». 34 ئۇنداقتا ئورىنىڭ ئىگىسى مال ئىگىسىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن؛ ئۆلگەن مال ئۇنىڭكى بولىدۇ.
35 ئەگەر بىرسىنىڭ كالىسى يەنە بىرسىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار تىرىك قالغان كالىنى سېتىپ، پۇلنى باراۋەر بۆلۈشسۇن ھەم ئۆلۈك كالىنىمۇ شۇنداق بۆلۈشسۇن. 36 لېكىن كالىنىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسىدىغان ئادىتى بارلىقى ئېنىق تۇرۇپ، ئىگىسى ئۇنى باغلىماي قويۇۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۈسكۈچى كالىنىڭ ئىگىسى كالىغا كالا تۆلەپ بەرسۇن، ئۆلۈك كالا ئۇنىڭ بولسۇن.
 
 

21:2 قان. 15‏:12؛ يەر. 34‏:14

21:5 قان. 15‏:16

21:6 «خۇدانىڭ ئىبادەت سورۇنىنىڭ ئالدىغا» ــ ياكى «خۇدانىڭ ئالدىغا» ياكى «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا». «ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن» ــ دېمەك، قۇلنىڭ قۇلىقىنى ئىشىك قانىتىغا ياكى ئىشىك كېشىكىگە يېقىپ تۇرۇپ، قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى ئىشىككە ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىگە مىخلايدۇ.

21:8 «خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر» ــ ئادەتتە ئەر كىشى دېدەك سېتىۋالغان بولسا، ئۇنى ئۆز كېنىزىكى ياكى توقىلى قىلىپ ئەمرىگە ئالغان ھېسابلىناتتى. شۇڭا دېدەكنىڭ كەم دېگەندىمۇ توقاللىق ھوقۇقى بار ئىدى.

21:12 لاۋ. 24‏:17

21:15 مات. 15‏:4

21:17 لاۋ. 20‏:9؛ پەند. 20‏:20؛ مات. 15‏:4؛ مار. 7‏:10

21:20 «ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىسى چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئىنتىقامى چوقۇم ئېلىنىدۇ».

21:22 «بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا» ــ ياكى «بالىسى چۈشۈپ كېتىشتىن باشقا». ئالدى-كەينى سۆزلەرگە قارىغاندا، مۇشۇ يەردە پەقەت «بالدۇر تۇغۇلسا» دېگەن تەرجىمىسى توغرا بولسا كېرەك.

21:23 «ئەگەر ئايال ياكى بالا زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئەگەر زەرەر-زەخمەت بولۇپ چىقسا،...» دېيىلىدۇ.

21:24 لاۋ. 24‏:20؛ قان. 19‏:21؛ مات. 5‏:38

21:28 يار. 9‏:5

21:33 «بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى» ــ ياكى «بىر قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى».