زەبۇر
1
بىرىنچى بۆلۈم •••• 1-كۈي •••• ئىتائەتمەن ئادەمنىڭ بەختى
رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان،
گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان،
مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! زەب. 26‏:4-5؛ پەند. 1‏:10، 15؛ 4‏:14، 15؛ 1كور. 15‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:11
ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىدۇر؛
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇ ئۇنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ زەبۇر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبى، مەسىھتىن باشقا كىم «پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ»؟! بىردىنبىر مۇكەممەل ئادەم پەقەت ئۇدۇر. ئۇنداق بولغاندا، «ئۇنىڭ قانۇنى» ئۆزىنىڭكىدۇر!  قان. 6‏:6-9؛ 17‏:19؛ يە. 1‏:8؛ زەب. 112‏:1؛ 119‏:1
ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن،
ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان،
يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛
ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.  يەر. 17‏:8
رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛
ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرۇۋەتكەن توزاندەكتۇر. ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 35‏:5؛ يەش. 17‏:13؛ 29‏:5؛ ھوش. 13‏:3
شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ،
گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛
رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.
 
 

1:1 زەب. 26‏:4-5؛ پەند. 1‏:10، 15؛ 4‏:14، 15؛ 1كور. 15‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:11

1:2 «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇ ئۇنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ زەبۇر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبى، مەسىھتىن باشقا كىم «پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ»؟! بىردىنبىر مۇكەممەل ئادەم پەقەت ئۇدۇر. ئۇنداق بولغاندا، «ئۇنىڭ قانۇنى» ئۆزىنىڭكىدۇر!

1:2 قان. 6‏:6-9؛ 17‏:19؛ يە. 1‏:8؛ زەب. 112‏:1؛ 119‏:1

1:3 «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.

1:3 يەر. 17‏:8

1:4 ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 35‏:5؛ يەش. 17‏:13؛ 29‏:5؛ ھوش. 13‏:3