42
پەرۋەردىگارغا سىرداش دوست بولۇش
ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
«ھەممە ئىشنى قىلالايدىغىنىڭنى،
ھەرقانداق مۇددىئايىڭنى توسىۋالغىلى بولمايدىغىنىنى بىلدىم!
«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟»
بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم،
مەن ئەقلىم يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتتىم. ««نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم...» ــ ئايۇپ خۇدانىڭ (2:38) سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە، خۇدانىڭ ئۆزىگە ئەسلى تەنبىھ بەرگەن سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىپ خاتالىقىنى ئىقرار قىلىپ، جاۋاب بېرىپ: ــ «مەن!» دېگەندەك، ئۆزىگە بۇ جاۋابكارلىقنى ئالىدۇ. بىراق يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئۇنىڭ ئۈچ دوستى ھەم ئېلىخۇمۇ ئوخشاشلا «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن» ئىدى، دەپ قارايمىز.   ئايۇپ 38‏:2؛ زەب. 40‏:5؛ 131‏:1؛ 138‏:6؛ 139‏:6
ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛
مەن سەندىن سوراي، سەن مېنى خەۋەردار قىلغايسەن.
مەن قۇلىقىم ئارقىلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانمەن،
بىراق ھازىر كۆزۈم سېنى كۆرىۋاتىدۇ. «ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛ مەن سەندىن سوراي، سەن مېنى خەۋەردار قىلغايسەن» ــ بەزى شەرھچىلەر بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭكى (3:38، 7:40)، ئايۇپ پەقەت ئۇلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئەسلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە ئايۇپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىكى گېپى قىلىپ ئىشلىتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن،
شۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم». «توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم» ــ قەدىمدە قاتتىق توۋا قىلىش، پۇشايمان قىلىش، ماتەم تۇتۇشلار «توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا» ئولتۇرۇش ئارقىلىق بىلدۈرۈلەتتى.
 
ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش
پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار تېمانلىق ئېلىفازغا مۇنداق دېدى: ــ
«مېنىڭ غەزىپىم ساڭا ھەم ئىككى دوستۇڭغا قاراپ قوزغالدى؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا ئۆز قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك سۆزلىمىدىڭلار. «مېنىڭ غەزىپىم ... قوزغالدى؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا ئۆز قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك سۆزلىمىدىڭلار» ــ خۇدانىڭ بۇ سۆزى، بولۇپمۇ «مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپ مېنىڭ توغرامدا توغرا سۆزلىگەن» دېگىنى، بىزگە ئاچقۇچ بولۇپ، ئۈچ دوستنىڭ ۋە ئايۇپنىڭ بايانلىرىدىن توغرا ۋە ناتوغرا يەرلىرىنى پەرق ئېتىش ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينىغۇسى. بىراق ھازىر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يەتتە تورپاق ھەم يەتتە قوچقارنى ئېلىپ، قۇلۇم ئايۇپنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز-ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى قوبۇل قىلىمەن؛ بولمىسا، مەن ئۆز نادانلىقلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرۇپ بېرەي؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك توغرا سۆزلىمىدىڭلار». «قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ» ــ روشەنكى، خۇدا ئايۇپقا ئىشىنىدۇ، كۆزى ئايۇپنىڭ دوستى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا رازى بولىدىغانلىقىغا يېتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار ئۈچەيلەن بېرىپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا دېگىنىدەك قىلدى؛ ھەمدە پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى.
10  شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى. «پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «پەرۋەردىگار ئايۇپنى ئەسىرلىكىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى». 11  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇنىڭغا ئىلگىرى دوست-ئاغىنە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماقلاندى؛ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر توغرىسىدا تەسەللى بېرىشتى؛ ھەمدە ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۈمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى. «ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۆمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى» ــ ئاشۇ ۋاقىتتا بەلكىم تەڭگە-تىللادەك پۇل يوق، پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش پارچىلىرى بولۇشى مۇمكىن. 12  پەرۋەردىگار ئايۇپقا كېيىنكى كۈنلىرىدە بۇرۇنقىدىن كۆپرەك بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى؛ ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى، ئالتە مىڭ تۆگىسى، بىر مىڭ قوشلۇق كالىسى، بىر مىڭ مادا ئېشىكى بار بولدى. 13  ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى. «ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى» ــ پەرۋەردىگار ئايۇپقا «تىرىلىش» توغرۇلۇق بىۋاسىتە ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. بىراق تېكىستتە (10-ئايەت) مۇنداق دېيىلىدۇ: ــ «پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى». ھايۋانلارنىڭ سانى بولسا ئىككى ھەسسە دەرىجىدە كۆپەيتىلدى. مەسىلەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قويى بار ئىدى؛ ھازىر ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى بار بولدى، قاتارلىقلار. بىراق ئەسلىدە ئۇنىڭ «ئون بالىسى، يەنى يەتتە ئوغلى، ئۈچ قىزى» بار ئىدى؛ ھازىر بولسا ئۇنىڭ ئون تۆت ئوغلى، ئالتە قىزى بار بولۇش كېرەكقۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ قىيامەت كۈنىدە قايتىدىن ئەسلىدىكى يەتتە ئوغلى، ئۈچ قىزى بىلەن جەم بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ھەقىقەتەن ئون بالىلىقلا ئەمەس، بەلكى يىگىرمە بالىلىق بولىدۇ. ئايۇپ يېڭى بالىلىرىنىڭ ئونىنچىسى بىلەن توختاپ قېلىشى بىلەن، بەلكىم بۇ «ئىككى ھەسسە» دېگەن ئىش كەلگۈسىدە چوقۇم بىر تىرىلىشنى كۆرسىتىدۇ، مەن ئەسلىدىكى ئون سۆيۈملۈك بالامدىن پەقەت ۋاقىتلىق ئايرىلدىم، دەپ ئويلاشقا باشلىغان بولسا كېرەك. شۇڭا بىزنىڭچە تىرىلىش توغرۇلۇق بۇ ئىشلاردىن بېشارەت ئالدى.
دېمەك، «پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى» ــ قىيامەت كۈنى ئايۇپ ئۇلارنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى بىلەنلا يەنىلا خۇشاللىق بىلەن ئۇلار بىلەن جەم بولۇپ، ئون تۆت ئوغلى، ئالتە قىزى بىلەن دىدارلىشىپ، «يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن»دا بىللە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ.
14  ئۇ قىزلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «يېمىماھ»، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەزىيە»، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەرەن-خاپۇق» دەپ قويدى. «يېمىماھ» ــ «پاختەك» دېگەن مەنىدە.
«كەزىيە» ــ «دارچىن» (خۇشپۇراقلىق بىر خىل ئەتىر) دېگەن مەنىدە.
«كەرەن-خاپۇق» ــ «سۈرمە مۈڭگۈز» (سۈرمىگە تولغان بىر مۈڭگۈز) دېگەن مەنىدە.
15  پۈتكۈل زېمىندا ئايۇپنىڭ قىزلىرىدەك شۇنچە گۈزەل قىزلارنى تاپقىلى بولمايتتى؛ ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى. «ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى» ــ بەلكىم يېڭى ئائىلىسى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش، ياكى ئۇنىڭ ھازىرقى بايلىقلىرىنىڭ موللۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.
16  بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايۇپ بىر يۈز قىرىق يىل ياشاپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى، ئوغۇللىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى، ھەتتا تۆتىنچى ئەۋلادقىچە، يەنى ئەۋرىلىرىنىمۇ كۆرگەن. 17  شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ ياشىنىپ، كۈنلىرىدىن قانائەت تېپىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

42:3 ««نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم...» ــ ئايۇپ خۇدانىڭ (2:38) سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە، خۇدانىڭ ئۆزىگە ئەسلى تەنبىھ بەرگەن سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىپ خاتالىقىنى ئىقرار قىلىپ، جاۋاب بېرىپ: ــ «مەن!» دېگەندەك، ئۆزىگە بۇ جاۋابكارلىقنى ئالىدۇ. بىراق يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئۇنىڭ ئۈچ دوستى ھەم ئېلىخۇمۇ ئوخشاشلا «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن» ئىدى، دەپ قارايمىز.

42:3 ئايۇپ 38‏:2؛ زەب. 40‏:5؛ 131‏:1؛ 138‏:6؛ 139‏:6

42:5 «ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛ مەن سەندىن سوراي، سەن مېنى خەۋەردار قىلغايسەن» ــ بەزى شەرھچىلەر بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭكى (3:38، 7:40)، ئايۇپ پەقەت ئۇلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئەسلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە ئايۇپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىكى گېپى قىلىپ ئىشلىتىدۇ.

42:6 «توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم» ــ قەدىمدە قاتتىق توۋا قىلىش، پۇشايمان قىلىش، ماتەم تۇتۇشلار «توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا» ئولتۇرۇش ئارقىلىق بىلدۈرۈلەتتى.

42:7 «مېنىڭ غەزىپىم ... قوزغالدى؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا ئۆز قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك سۆزلىمىدىڭلار» ــ خۇدانىڭ بۇ سۆزى، بولۇپمۇ «مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپ مېنىڭ توغرامدا توغرا سۆزلىگەن» دېگىنى، بىزگە ئاچقۇچ بولۇپ، ئۈچ دوستنىڭ ۋە ئايۇپنىڭ بايانلىرىدىن توغرا ۋە ناتوغرا يەرلىرىنى پەرق ئېتىش ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينىغۇسى.

42:8 «قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ» ــ روشەنكى، خۇدا ئايۇپقا ئىشىنىدۇ، كۆزى ئايۇپنىڭ دوستى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا رازى بولىدىغانلىقىغا يېتىدۇ.

42:10 «پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «پەرۋەردىگار ئايۇپنى ئەسىرلىكىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى».

42:11 «ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۆمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى» ــ ئاشۇ ۋاقىتتا بەلكىم تەڭگە-تىللادەك پۇل يوق، پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش پارچىلىرى بولۇشى مۇمكىن.

42:13 «ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى» ــ پەرۋەردىگار ئايۇپقا «تىرىلىش» توغرۇلۇق بىۋاسىتە ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. بىراق تېكىستتە (10-ئايەت) مۇنداق دېيىلىدۇ: ــ «پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى». ھايۋانلارنىڭ سانى بولسا ئىككى ھەسسە دەرىجىدە كۆپەيتىلدى. مەسىلەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قويى بار ئىدى؛ ھازىر ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى بار بولدى، قاتارلىقلار. بىراق ئەسلىدە ئۇنىڭ «ئون بالىسى، يەنى يەتتە ئوغلى، ئۈچ قىزى» بار ئىدى؛ ھازىر بولسا ئۇنىڭ ئون تۆت ئوغلى، ئالتە قىزى بار بولۇش كېرەكقۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ قىيامەت كۈنىدە قايتىدىن ئەسلىدىكى يەتتە ئوغلى، ئۈچ قىزى بىلەن جەم بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ھەقىقەتەن ئون بالىلىقلا ئەمەس، بەلكى يىگىرمە بالىلىق بولىدۇ. ئايۇپ يېڭى بالىلىرىنىڭ ئونىنچىسى بىلەن توختاپ قېلىشى بىلەن، بەلكىم بۇ «ئىككى ھەسسە» دېگەن ئىش كەلگۈسىدە چوقۇم بىر تىرىلىشنى كۆرسىتىدۇ، مەن ئەسلىدىكى ئون سۆيۈملۈك بالامدىن پەقەت ۋاقىتلىق ئايرىلدىم، دەپ ئويلاشقا باشلىغان بولسا كېرەك. شۇڭا بىزنىڭچە تىرىلىش توغرۇلۇق بۇ ئىشلاردىن بېشارەت ئالدى. دېمەك، «پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى» ــ قىيامەت كۈنى ئايۇپ ئۇلارنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى بىلەنلا يەنىلا خۇشاللىق بىلەن ئۇلار بىلەن جەم بولۇپ، ئون تۆت ئوغلى، ئالتە قىزى بىلەن دىدارلىشىپ، «يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن»دا بىللە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ.

42:14 «يېمىماھ» ــ «پاختەك» دېگەن مەنىدە. «كەزىيە» ــ «دارچىن» (خۇشپۇراقلىق بىر خىل ئەتىر) دېگەن مەنىدە. «كەرەن-خاپۇق» ــ «سۈرمە مۈڭگۈز» (سۈرمىگە تولغان بىر مۈڭگۈز) دېگەن مەنىدە.

42:15 «ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى» ــ بەلكىم يېڭى ئائىلىسى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش، ياكى ئۇنىڭ ھازىرقى بايلىقلىرىنىڭ موللۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.