24
خۇدانىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن مۇقەددەس ئەھدىنى تۈزۈشى
1 ئۇ مۇساغا يەنە: ــ «سەن بېرىپ، ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ھارۇن، ناداب، ئابىھۇنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىدىن يەتمىش ئادەمنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ سەجدە قىلىڭلار. 2 پەقەت مۇسالا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلسۇن؛ باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن، خەلق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈستىگە چىقمىسۇن، ــ دېدى.
3 مۇسا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق سۆزلىرى بىلەن ھۆكۈملىرىنى خالايىققا دەپ بەردى؛ پۈتكۈل خالايىق بىر ئاۋازدا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.■مىس. 19:8؛ 24:7؛ قان. 5:27
4 ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئەتىسى سەھەر قوپۇپ تاغنىڭ تۈۋىدە بىر قۇربانگاھنى ياساپ، شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاش تۈۋرۈكنى تىكلىدى. 5 يەنە ئىسرائىللارنىڭ بىرنەچچە يىگىتلىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلار بېرىپ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇندى، ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىرنەچچە تورپاقنىمۇ سويۇپ سۇندى. 6 ئاندىن مۇسا قاننىڭ يېرىمىنى قاچىلارغا قاچىلىدى، يەنە يېرىمىنى قۇربانگاھ ئۈستىگە چاچتى. 7 ئاندىن ئۇ ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە ئوقۇپ بەردى. ئۇلار جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلىمىز! ــ دېيىشتى.□«خەلققە ئوقۇپ بەردى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەردى».
8 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قاچىلاردىكى قاننى ئېلىپ، خەلققە سېپىپ: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر، دېدى.■ئىبر. 9:20؛ 1پېت. 1:2
9 ئاندىن كېيىن مۇسا ۋە ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش ئادەم بىلەن بىللە تاغ ئۈستىگە چىقىشتى. 10 ئۇلار شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى؛ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا خۇددى كۆك ياقۇتتىن ياسالغان نەپىس پاياندازدەك، ئاسمان گۈمبىزىدەك سۈپسۈزۈك بىر جىسىم بار ئىدى. □«ئۇلار شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى» ــ يەنى، خۇدانىڭ ئۆزىنى ئايان قىلغانلىقىنى كۆردى. ■ۋەھ. 4:6 11 لېكىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە قول تەگكۈزمىدى؛ ئۇلار خۇدانى كۆرۈپ تۇردى ھەمدە يەپ-ئىچىشتى.
مۇسانىڭ يەنە سىناي تېغىغا چىقىشى
12 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ تاغ ئۈستىگە، قېشىمغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرغىن. ساڭا ئۇلارغا ئۆگىتىشكە تاش تاختايلارنى، يەنى مەن يېزىپ قويغان قانۇن-ئەمرنى بېرىمەن، دېدى.
13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قوپۇپ، ياردەمچىسى يەشۇئانى ئېلىپ ماڭدى. مۇسا خۇدانىڭ تېغىغا چىقتى. 14 ئۇ ئاۋۋال ئاقساقاللارغا: بىز يېنىپ كەلگۈچە مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. مانا، ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ؛ ئەگەر بىرسىنىڭ ئىش-دەۋاسى چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسۇن، ــ دېدى.
15 شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە تاغنى بۇلۇت قاپلىدى. 16 پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى سىناي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى؛ بۇلۇت ئۇنى ئالتە كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى؛ يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسانى چاقىردى؛ 17 پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسىنىڭ قىياپىتى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا تاغنىڭ چوققىسىدا ھەممىنى يۇتقۇچى ئوتتەك كۆرۈندى. ■ئىبر. 12:29 18 مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. مۇسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاغدا تۇردى.