مۇشۇ يەردە ساندۇقنىڭ ياپقۇچىنى «كەفارەت تەختى» دەپ تەرجىمە قىلدۇق، چۈنكى 22-ئايەتتە: «مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كەفارەت تەختى ئۈستىدە... تۇرۇپ ساڭا ... سۆز قىلىمەن» دېيىلىدۇ. دېمەك، بۇ جاي خۇدانىڭ ئولتۇرغان بىر تەختىگە ئوخشاشتۇر. ◘مىس. 37:6 18 ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كەفارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن. ◼«كېرۇبلار» ــ بەلكىم ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر ياكى مەخلۇقلار بولۇشى مۇمكىن. «تەبىرلەر»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. ◘ئىبر. 9:5 19 بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار. ◼«ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كەفارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار» ــ ياكى «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلار بىلەن كەفارەت تەختى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن ياسالسۇن». 20 كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كەفارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كەفارەت تەختىگە قارىتىلسۇن. ◘ئىبر. 9:5

◼25:2 «كۆتۈرمە ھەدىيە» ــ كاھىن ياكى ھەدىيەنى سۇنغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللاپ ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاپىرىدىغان ئالاھىدە ھەدىيە. مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» كۆپلىگەن خەلق ئېلىپ كېلىدىغان، چوڭ كۆلەملىك ھەدىيە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، مەزكۇر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نىڭ ھەربىر قىسمىنى سۇنغۇچى كىشى ئۆزى خۇدا ئالدىدا ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئاتايدۇ (22:35، 24).
◘25:2 مىس. 35:5؛ 1تار. 29:14،9،5،3؛ ئەزرا 2:68؛ 3:5؛ نەھ. 11:2
◼25:5 «دېلفىننىڭ تېرىلىرى» ــ ياكى «دېڭىز ئېيىقىنىڭ تېرىلىرى» ياكى «بورسۇقنىڭ تېرىلىرى».
◼25:7 «ئەفود» ۋە «قوشېن» ــ بۇلار توغرۇلۇق 6-14-ئايەتلەرگە قارالسۇن. ئۇ جىلىتكىدەك بىرخىل ئالاھىدە كىيىم بولۇپ، ئىچىدە خۇدانىڭ كېرەك بولغان ئىشلار توغرۇلۇق يولىنى ياكى ئىرادىسىنى كۆرسىتىدىغان «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» دېگەن ئالاھىدە ئىككى تاش ساقلاقلىق ئىدى.
◘25:7 مىس. 28:4-14
◼25:10 «ئاكاتسىيە ياغىچى» ــ ئىنتايىن قاتتىق، ئۇزۇنغىچە چىرىمايدىغان بىرخىل ياغاچتۇر. «گەز» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ــ ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارمىقىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقىغا (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) باراۋەر كېلىدۇ.
◘25:10 مىس. 37:1؛ ئىبر. 9:1
◼25:12 «تۆت چېتىقىغا» ــ ياكى «تۆت پۇتىغا».
◘25:15 1پاد. 8:8
◼25:16 «ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» ــ خۇدا مۇساغا تاپشۇرىدىغان «ئون پەرز» ياكى «ئون ئەمر» پۈتۈلىدىغان ئىككى تاش تاختاينى كۆرسىتىدۇ (18:31نى كۆرۈڭ). نېمىشقا «گۇۋاھلىق» دېيىلىدۇ؟ چۈنكى «ئون پەرز» خۇدانىڭ ھەققانىي تەبىئىتىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
◘25:16 ئىبر. 9:4
◼25:17 «كەفارەت» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «كافار» ياكى «كىپپۇر») دېگەننىڭ تۈپ مەنىسى «يېپىش»تىن ئىبارەت. گۇناھلارغا «كەفارەت كەلتۈرۈش» دېگەنلىك «گۇناھلارنى يېپىش» دېگەنلىكتۇر. تەۋرات دەۋرىدە خۇدا گۇناھلارنى ۋاقىتلىق «ياپاتتى» ۋە شۇنىڭدەك شۇ گۇناھلاردىن توۋا قىلىپ قۇربانلىق كەلتۈرگەن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلاتتى. ئىنجىل دەۋرى كەلگەندە ئۇ مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى «ئېلىپ تاشلايدۇ» («يۇھ.» 29:1، 36نى كۆرۈڭ). مۇشۇ يەردە ساندۇقنىڭ ياپقۇچىنى «كەفارەت تەختى» دەپ تەرجىمە قىلدۇق، چۈنكى 22-ئايەتتە: «مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كەفارەت تەختى ئۈستىدە... تۇرۇپ ساڭا ... سۆز قىلىمەن» دېيىلىدۇ. دېمەك، بۇ جاي خۇدانىڭ ئولتۇرغان بىر تەختىگە ئوخشاشتۇر.
◘25:17 مىس. 37:6
◼25:18 «كېرۇبلار» ــ بەلكىم ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر ياكى مەخلۇقلار بولۇشى مۇمكىن. «تەبىرلەر»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.
◘25:18 ئىبر. 9:5
◼25:19 «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كەفارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار» ــ ياكى «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلار بىلەن كەفارەت تەختى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن ياسالسۇن».
◘25:20 ئىبر. 9:5
◘25:21 ئىبر. 9:4، 5
◘25:22 چۆل. 7:89
◼25:25 «ئېگىزلىكتە» ــ ياكى «كەڭلىكتە». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. «لەۋ» ۋە «لەۋنىڭ چۆرىسىگە چىقىرىلغان گىرۋەك» ــ بۇلارنىڭ رولى بەلكىم شىرەنىڭ ئۈستىدىكى نانلارنى چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاشتۇر.
◼25:30 «تەقدىم نانلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھۇزۇرى نانلار» («خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى نانلار»). ئادەتتە جەمئىي ئون ئىككى پارچە نان قويۇلاتتى. بۇ ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئىسرائىل كاھىنلىرى نانلارنى تىزىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېرىشكەن مول ھوسۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلدۈرۈش ئىدى («لاۋ.» 5:24-6).
◼25:31 «چىراغداننىڭ... قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى» ــ بۇلار چىراغدانغا چىقىرىلغان شۇ خىل نۇسخىلارنى كۆرسىتىدۇ. 32-40-ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.
◘25:31 مىس. 37:17
◼25:34 «غولىدىن» ــ يەنى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن. 35-ئايەتنى كۆرۈڭ.
◼25:39 «بىر تالانت ئالتۇن» ــ بەلكىم 27 كىلوگرامچە بولۇشى مۇمكىن.
◘25:40 روس. 7:44؛ ئىبر. 8:5